بۇلبۇل بلوگى

0

شەھەر ئەتراپى رايونىدىكى ساتراچخانا

238

شەھەر ئەتراپىدا نەرسىلەر ئەرزان. ئۇزۇن يوللۇق تېلىفۇننىڭ مىنۇتى بىر مو

لېكىن ئۇ ھېچنەرسە سېتىۋالمايدۇ، ئۇرمايدۇ ھەم ئۇزۇن يوللۇق تېلىفۇن

ئىبلىسنى قوسىقىدا يوشۇرغان زەھەرلىك ئىلاندەك

يەر بېغىرلاپ مېڭىپ يۈرىدۇ ئىككىلا تەرىپى ساتراچخانىلار بىلەن تولغان كوچىدا

ئەخلەتخانىدا ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقى ئىچىدە قۇرىماقتا ئىسپىرمىلار

سېسىماقتا يول ئۈستىدە تاشلىنىپ تۇرغان لاي ۋە ئاياللارنىڭ ئىنچىكە پاشنىسى

سوغاق خۇددى ئاغرىقتەك تارقالماقتا شەھەرنىڭ ھەممە بۇلۇڭ پۇشقاقلىرىغا

قېلىن قېلىن كېيىملەر رەھىمسىزلىك بىلەن تەنلەرنى ئالغان ئىسكەنجىسىگە. پەقەت

سەتراچخانىدىكى ئاياللارلا

ئېچىپ قويغان يوتىسىنى ۋە مەيدىسىنى

تىركەشمەكتە ئۇلارنىڭ ئوتتەك تېنى كۆزىدىكى سوغاق نۇر بىلەن

ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ھالدا قارايدۇ ئۇلار يولدىن ئۆتكەن ھەربىر كىشىگە

بايقىسىلا بىرەر كىمنىڭ ئۆزلىرىگە دىققەت قىلغانلىقىنى

يۈگۈرۈپ چىقىپ چاقىرار دەرھال. قىزغىنلىقى ئۇلارنىڭ

كەمتۈك خۇددى ئەينەكتىكى ساتراچخانا دېگەن خەتلەردەكلا

كۆزلىرىدىن ئاياللارغا بولغان قورقۇنۇچ چىقىپ تۇرغان بويتاق

يانچۇقىغا لىق قاچىلاپ ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقى

تەلۋىلەرچە چېپىپ يۈرەر يېرىم كېچىدە

خۇددى تېنىنىڭ نەرىدىندۇر قان ئېقىۋاتقاندەك

قىزىپ كەتكەن تىنىقى ئوتتەك

لېكىن ھېچكىم ئۇنىڭ بىلەن قول ئېلىشمىغاچ

ھېچبىر كىشى سەزمەس ئۇنىڭ قولىنىڭ قىشلىق ئۆچەككە كىرىۋاتقاندەك مۇزلىغىنى

قەھرىتان سانچىپ كىرەر ھەرقانداق رادىكال ئىددىيىگىمۇ

قەھرىتان توڭلىتىدۇ ھەرقانداق دەرىجىدىكى ساراڭلىقنىمۇ

پەقەت

ساتراچخانا ئەينىكى ئىچىدە يېلىنجاپ تۇرغان بەدەنلەر

ئىسسىقلىق تارقىتىدۇ سوغاق كوچىغا

 

2006- يىل قىش بېيجىڭ

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ