بۇلبۇل بلوگى

0

شاماللار

211

يەلپۈنۈپ ئۆتكەن تاڭ شاماللىرى،

بىردەم قېشىمدا توختاپ ئۆتۈڭلار،

يۈرەك زارىنى، ئاھ ۋە دەردىنى

مەرھەمەت ئەيلەپ ئاڭلاپ ئۆتۈڭلار!

ئېشىپ تاغلاردىن بېرىپ يەتكەندە

تەڭرېتىغىنىڭ ئېتەكلىرىگە،

يىپەك رومالدەك قولۇڭلار تەگسۇن،

دەرد يېشى تامغان ئېتەكلىرىڭگە.

تەسەللى ئوقۇپ، دەردىگە دەرمان،

غەيرەت قوشۇڭلار غەيرەتلىرىگە.

مۇڭلۇق سالاملار بېرىپ ئېيتىڭلار

دەردمەن گۈللەرنىڭ چېچەكلىرىگە!

تاڭ ئاتىدۇ دەڭ، چېلىش قاينىغاچ،

ئىلى سۇلىرى دولقۇن ياسىغاچ.

دولقۇنغا ئېيتىڭ توختىماي ئۇرسۇن،

دولقۇننىڭ ۋاقتى قاراپ تۇرمىسۇن!

يىللاردىن بېرى تەۋرىگەن دېڭىز،

ئەمدى ۋاقتىدۇر ئوبدان ئېيتتىڭىز.

قۇربانسىز دەۋا بولمىغان ھېچ چاغ،

بىز دەۋا قىلىپ، قانمىغان ھېچ چاغ.

يەلپۈنۈپ ئۆتۈڭ تاغلار بېشىدىن،

تاغلاردىن ئۆتكەچ جەڭچى قېشىدىن.

مەنمۇ راسلىدىم ئۆتكۈر قىلىچىم،

ئۆتەشكە تەييار ئۇلۇغ بۇرچۇم!

1945-يىل 15-ئىيۇن، لەنجۇ

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ