بۇلبۇل بلوگى

0

شامال ۋە دولقۇن

350

مەن دولقۇن–شاماللارغا قۇچاق ئاچقان،
مەن شامال–دولقۇن بىلەن قۇچاقلاشقان.

* * * * *

يايرايدۇ جېنىم مېنىڭ چىقسا شامال،

بۇلۇتلۇق كۆكنىڭ تەنھا ئەركىسى ئۇ.

شاماللار قارشىمدىن ئۇرسا كۈچلۈك،

قەلبىمدىن كۆتۈرۈلەر قارا قايغۇ.

پەنجىرەم تاقىلدىسا،ئۇرسا شامال،

بايرام بولۇپ تۇيۇلىدۇ ماڭا شۇندا.

ۋۇجۇدۇم ئوت ئالىدۇ ھاياجاندىن،

تەڭداشسىز بىر قۇدرەتنى كۆرۈپ ئۇندا.

ئۇ ئەركىن،مەغرۇر ئۇچۇپ كۆكنى قاپلاپ،

توپلاشقان بۇلۇتلارنى ھەيدەپ كېتەر.

چاپىدۇ باياۋاندا كېيىك بولۇپ،

ۋە قارلىق چوققىلاردىن ئۇچۇپ ئۆتەر.

ھاياتلىق بېرەر كۆكلەم باغلىرىغا،

ۋە جىمجىت بوستانلارنى ھۆر ئېتىدۇ.

گۈلدۈرلەپ تىنىم تاپماس غەيرەت بىلەن،

ئۇيقۇلۇق ئورمانلارنى ئويغىتىدۇ.

ئۇ جۇشقۇن دولقۇنلارنىڭ ئىلھامچىسى،

كېلىدۇ كېزىپ يېشىل ئاراللارغا.

شامال بار،جانلىنىدۇ گۈزەل دولقۇن،

ئۇ تەشنا قوزغاتقۇچى شاماللارغا.

* * * * *

جۇش ئۇرۇپ دولقۇنلىسا ئانا دەريا،

شاد بولۇپ كەتكۈم كەلمەس قىرغاقلاردىن.

بويسۇنماس دولقۇنلاردا ئولۇغ كۈچ بار،

كېلىدۇ ئۆركەش ياساپ ئۇزاقلاردىن.

سۈبھى يۇلتۇزىنىڭ چاقنىشى بار،

دولقۇننىڭ ئاپئاق چېچەك گۈللىرىدە.

قالىمەن قىرغاقلاردا ئۇزاق-ئۇزاق،

دەريادا دولقۇن بولغان كۈنلىرىدە.

ئاقىدۇ دولقۇن قاتار تاغدەك بولۇپ،

كۈمۈش سۇ مۇز چوققىدەپ پارقىرايدۇ.

قۇم باسقان سەھرالارغا سېلىپ دەھشەت،

دولقۇنلار شىددەت بىلەن شارقىرايدۇ.

غەزەب بار بۇ قەھرلىك شارقىراشتا،

گۈركىرەر گويا باھار بورانلىرى.

مىسالى تۈمەن تۇلپار جەڭگە كىرگەن،

ياڭرايدۇ جەڭنىڭ قىزغىن چۇقانلىرى.

ئۆتىدۇ تىترىتىپ تاغۇ-تاشنى،

دولقۇنلار شارقىرىشى–ياڭراق سادا.

قېرىغان كۆنا دۇنيا،غەمكىن چۆللەر

ئاجىزدۇر دولقۇنلارنىڭ قارشىسىدا!

* * * * *

مەن دولقۇن–شاماللارغا قۇچاق ئاچقان،

مەن شامال–دولقۇن بىلەن قۇچاقلاشقان.

1966-يىل،10-ئاي-قەشقەر

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ