بۇلبۇل بلوگى

0

شائىر تېيىپچان ئېلىيېفقا مەرسىيە

221

يەنە بىر يۇلتۇز ئۆچتى، بۇرجىدىن كۆچتى،

كۆچتى ساماىدن مۇزدەك لەھەتكە.

قالدى چاقنىغان نۇرلىرىڭ لېكىن،

”تۈگىمەس ناخشا“دا بەلكى ئەبەدكە.

قالدى ئەبەدكە قاينام بۇلاقلاردا ئۇ،

شارقىراپ ئاققان دەريالاردا ھەم.

قالدى شىلدىرلىغان ياپراقلاردا ئۇ،

سۈكۈناتقا چۆمگەن قىيالاردا ھەم.

كىمدۇر شىۋىرلايدۇ لەۋلىرى تىترەپ:

دەرىخا، بىر تالانت كەتتى ئارىدىن.

كۆزى قارىغۇمىكىن ئەجەل دېگەننىڭ،

ئىلغىماس ئىكەن ئۇ ئاقنى قارىدىن.

توۋا دەيدۇ كىشى تەقدىر ئىشىغا،

”ياخشىغا كۈن يوقمىش، يامانغا ئۆلۈم“.

قۇترىغان بورانمۇ ئەڭ ئاۋۋال كېلىپ،

مېۋىلىك دەرەخنى سوقىدۇ چوقۇم.

كىمدۇر تېڭىرقايدۇ پېشانە تۇتۇپ:

نېمە بولدىكىن-ھە، تالانت ئەھلىگە؟

شالاڭلاپ كەتمەكتە يۇلتۇزلار توپى

سېلىپ ئەل كۆڭلىگە مۇدھىش تەھلىكە.

نە چارە، شۇنداق ئىكەن بۇ ئالەمنى ئىشى،

چارىسىز كەتتى نې ھېكىم لوقمانلار.

ئەلۋىدا، شائىر، ئەلۋىدا ساڭا،

ئەسلەيدۇ سېنى ئەل زامان-زامانلار.

1989-يىل 22-فېۋرال، ئۈرۈمچى

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ