بۇلبۇل بلوگى

0

شائىر دوستۇمغا

195

(مۇۋەششەھ)

يېلىنجاپ يانمىسا دانكو يۈرەكى قارا ئورماندا،

نېچۈكمۇ يول تاپاتتى ئەل پايانسىز شۇ شەبىستاندا.

ئامانەت تۇرغۇچە بۇ جان شۇ چاغلىق تەندە مىڭ بىقسىپ،

جاراڭلاپ ۋايىگە يەتسۇن كۈرەشچان كەڭرى مەيداندا.

لەئلى-ياقۇتقا كىم خۇشتار ئىدى ئۇ چىقمىسا تاشتىن،

ۋەتەننىڭ بەختىگە ياڭرات كۈيۈڭنى دەۋرى-دەۋراندا.

قاناتلان جەڭگىۋار سەپكە، ئەمەستۇر ئارزۇ شۆھرەت،

تۆكۈلسە ئۈنچىدەك تەرلەر ئېچىلغاي گۈل تىيانشاندا.

ئېگىلمەس قامىتى بىرلە ئۇلۇغۋار تاغدىكى قارىغاي،

سوقۇپ تۇرغان بىلەن چاپقۇن ئۇنى دەھشەت زىمىستاندا.

نە ياڭلىغ بەخت ئىدى بىللە نەۋائىي ۋارىسى بولماق،

يېزىپ بۇلبۇل تىلى بىرلە غەزەللەر باھارىستاندا.

1968-يىل 3-مارت، ئۈرۈمچى

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ