بۇلبۇل بلوگى

0

شائىر دېگەن

275

ئەجەپ ھۈنەر شائىرلىق دېگەن ،
دەسمايىگە ۋىجدان كېتىدۇ.
گۈل ئاچىدۇ ئۇنىڭ كۈلكىسى،
قەھرى نەيزە _ ئەرىشكە يېتىدۇ.

ئەجەپ يۈرەك شائىر يۈرىكى،
تەپتى گويا چوغلانغان تۆمۈر.
بۇ يۈرەكتىن بۇلدۇقلىغان قان،
ئوقچىشىدا رەڭلىنەر ئۆمۈر.

شائىر – جەڭچى، جەڭگاھى تۇرمۇش،
ئۆتكۈر قورال ئۇنىڭ قەلىمى.
يۇرت قەۋىمچۈن، ئەلنىڭ بەختىچۈن،
قىلغان سەپەر، باسقان قەدىمى.

مەن شائىرمۇ سۆيەمدۇ خەلقىم؟
خېرىدارى كىملەر يازمامنىڭ ؟
ئەل – يۇرتۇمغا ھەمنەپەسمۇ يا
كۆيدىمۇ نەپسى«ھام – ھام»نىڭ؟

ئاقتۇرغاننى دەريا – دەريا قان،
دېدىممۇ يوق «رەھىمدىل خاقان».
ئادالەتنى قارىلاپ يېزىپ،
جاھالەتكە ياپتىممۇ چاپان؟

قېنى شائىر، ۋىجدانىڭغا باق،
كۈزىتىپ باق ئوڭ ھەم سولۇڭنى،
سەندىن نېمە قاپتۇ مىراسقا،
ئاقتۇر نەزىم قويغان بۇلۇڭنى.

شائىر دېگەن كەمبىغەل – گاداي،
شېئىر سېتىپ پۇلدار بولالماس.
ئۇ ياشايدۇ غۇربەتتە لېكىن،
روھ ساندۇقى لىققىدە ئالماس.

شائىرلىقىم – بىغۇبار پاكلىق،
داغ يۇقمىسۇن شەنىڭگە ھەرگىز.
تەمەخورلۇق ئېزىقتۇرمىسۇن،
شۇندىلا سەن ئېزىز ھەم ئىگىز…

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ