بۇلبۇل بلوگى

0

سەيياھ

211

ھەرقانداق سۇنىڭ
ھەرقانداق شامالنىڭ
ھەرقانداق بۇلۇتنىڭ
بولار مەنبەسى ، مۇساپىسى ، مەنزىلى
ئۇلار سەن بارغان يەرلەرگە بارالـمايدۇ
ئۇلارنى ئۇچقۇر دېگەنلەرنىڭ ئاغزىغا تاش

ھەرقانداق ئاۋازنىڭ
ھەرقانداق نۇرنىڭ
ھەرقانداق پۇراقنىڭ
بولار باشلىنىشى ، جەريانى ، ئاخىرى
ئۇلار سەن بارغان يەرلەرگە بارالـمايدۇ
ئۇلارنى ئۆتكۈر دېگەنلەرنىڭ ئاغزىغا تاش

ھەرقانداق ھەسرەتنىڭ
ھەرقانداق مۇھەببەتنىڭ
ھەرقانداق گۈزەللىكنىڭ
بولار تۇغۇمى، ھاياتى ، ماماتى
ئۇلار سەن بارغان يەرلەرگە ھەرگىز بارالـمايدۇ
ئۇلارنى سەزگۈر دېگەنلەرنىڭ ئاغزىغا تاش ـ تۇپراق!

2016 ـ يىل 12 ـ فېۋرال

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ