بۇلبۇل بلوگى

0

سېنىڭسىز ياشايمەن قالغان ھاياتنى

395

كېتىدۇ يار بىلەن يۈرگەن كېچىلەر
قالىدۇ ئۇنىڭدىن ئىسسىق ئەسلىمە.
مەستلىكىم لىپمۇ – لىق تۇرىدۇ تېشىپ
بۇ يېرىم قەدەھنى بولدى، تەڭلىمە.

سىزىمەن، ئىشىكىم ئالدىدىن ئۆتتى
مەن سۆيگەن قىز يەنە ئىسمىمنى توۋلاپ.
ئاۋازى توختىدى يۈرەككە بېرىپ
بىگانە جىمجىتلىق ئىچىدە شۇ تاپ.

دەردىمنى سورىما، ئېيتما تەسەللى
كۆزۈمگە قارىما، كۆز ئەمەستۇر بۇ.
باشلانغان سەۋەبلىك تۈگىمەيدىغان
تولىمۇ چوڭقۇر بىر ھېكايىدۇر ئۇ.

سۆيگۈچى يالغۇزدۇر يالغۇزلۇق كەبى
يېنىمدا ئولتۇرغان ماڭا يۆلىنىپ.
مەدھىيە ئوقۇيمەن سۆيۈلگۈچىگە
ئاخىرقى ئۈمىدتەك ھەسرەتلىك تىنىپ.

ئىشىكنى ئېچىشقا يەتمەيدۇ كۈچۈم،
سېغىنىش يامغۇرى چۈشەر سىمىلداپ.
ئۇنىڭسىز ياشايمەن قالغان ھاياتنى
ئۇ ئۆتكەن ھەر يولدا بىر قېتىم توختاپ

2014- يىلى ئۆكتەبىر

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ