بۇلبۇل بلوگى

0

سېنى سۆيۈش نەقەدەر مۈشكۈل

202

بىز قونغان شاخ سونۇپ كەتتى

بىز ئاققان دەريا قۇرۇپ كەتتى
سەزمەي قالدۇق ھېچنىمىنى
ئىچىمىزدىكى تاغلار گۆمۈرۈلدى
ئۇندىكى كىيىكلەر ئۆلۈپ كەتتى.
ئايرىلدۇق كۈلۈمسىرەپ تۇرغان چۈشتىن كىيىن
ئازاپخانىغا كىرىپ كەتتۇق ئۈن-تىنسىز
تېپىلمىدى دېيىشكە ھەتتا بىرمۇ سۆز
سېنى سۆيۈش نەقەدەر مۈشكۈل
مەن ئويلىدىم شۇنداق دېيىشنى
كەينىمىگە قارىيالمىدىم ھەتتا
ئۇ جۈملىلەرنى ئېيتماق تۈگۈل .
سېنى سۆيۈش نەقەدەر مۈشكۈل
كاككۇكنىڭ پەيلىرى كۆيىدۇ
گۇگۇم پەرياد ئۇرۇدۇ
چىمەنلەر بىھۇش بولىدۇ
سۇلار كەينىگە قايتىدۇ
تىڭشا ئەي ماڭا قول بىرەلمىگۈچى
مەن سېنى سۆيسەم يىراقتىن
مەن سېنى ئىستىسەم پۈتمەس پىراقتىن
ئەڭ مۇشكۈل جەريانلار تامام بۇلىدۇ
سېنى سۆيمەك يەنىلا مۈشكۈل
جەريانغا ئايلانمايدىغان
ھېچقاچان تاماملانمايدىغان .
ئارىمىزدا قالدى خارابە
كەتتۇق سۈكۈت تامان .

2016.3.8.. چىرا

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ