بۇلبۇل بلوگى

0

سېنى «كېلىدۇ» دېدىم

214

كەلـمىسەڭ بولىدۇ
ھېچبىر ئالاقىسى يوق سەن بىلەن
سېنى ساقلاپ تۇرۇشنىڭ،
بىر ئىشىنىپ بىر ئىشەنمەي
ئاخىرىغا كېلىپ قالدىم ئۇرۇشنىڭ،
بەلكىم ئۆلۈپ كېتەرمەن
بېشىم باشقا يەردە
ئېشىم باشقا يەردە،
بەلكىم ھاياتقا ئېرىشەرمەن
سەن ماڭا پېتنىپ سۇنغان زەھەردە.

سېنى كېلىدۇ، دېدىم
ھەممىنى تاشلىدىم سەندىن باشقا
تاشلىغاندەك دولقۇنلار
يۇمشاق بېشىنى بىر قاتتىق تاشقا،
كەلسەڭ، ساڭا دەيمەن
تەرەپلەرنى ئۇنتۇپ كەت
ئاندىن مېنى قۇلۇڭغا ئال
قولىغا ئالغاندەك دەردنى مۇھەببەت.

مەن كۈتىمەن، ھاياجانلىنىپ
ئۆلتۈرىمەن، ئۆلىمەن يەنە
سەن كەلمەيدىغان دۈشەنبە
ئولتۇرىدۇ بىر تال گۈل تۇتۇپ
بۇسۇغامغا قىلىپ تەنتەنە.

ئوڭغا بۇرۇل ۋە ياكى سولغا
ياكى كەتكىن كەلگەن يول بىلەن
مەن كۈتىمەن كۈتكەندەك ئاخىر
مېنىڭ ئەزىز بېشىمنى ۋەتەن!

2016- يىلى 7- مارت

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ