بۇلبۇل بلوگى

0

سېنى ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن

207

سېنى ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن مۆرەمنىڭ توڭلاۋاتقانلىقىنى
پۇتۇمنىڭ بىر يەردىن چىقىپ قالغانلىقىنى
چۈشلىرىمنىڭ كىرپىكىمدە ئۈگدەۋاتقانلىقىنى
ساڭا ئېيتىشىمنىڭ ھاجىتى يوق،
ئۇخلاۋاتىسەن تامدەك
مېنىڭ تۆت تەرىپىمدە،
مەن بەزىدە ئىشىك ياساپ چىقىپ كەتتىم
بەزىدە ئۆگزەڭگە چالـما ئاتتىم
بەزىدە ساڭا قولۇمنى تەڭلەپ
ئارقىدىنلا قۇلۇمنى تارتتىم،
كۆرمىسە، دېگەن ئىشلارنى كۆرۈپ چوڭ بولدۇڭ
كۆرسە، دېگەن ئىشلار
بالىلىقىڭدەك قالدى ئارقاڭدا.

ئويلىسام، سەن بىر يوتقان ئىكەنسەن
مەن سېنى تام دەپتىمەن ئۆيۈمنى تەشكىل قىلغان
ئەمدى سېنى كۈندۈزى يىغىشتۇرۇپ قويىمەن،
سەندە ئازراق غەيرىي پۇراقلارمۇ بار، ئاپتاپقا سالىمەن
كىرلىشىپ قالدىڭ… يۇياي دېسەم سۇ توختىغان
توختىغاندەك مېنىڭ كۆڭلۈم سەندىلا
توختىغاندەك سېنىڭ كۆڭلۈڭ مەندىلا.

ئەمدى مەن ئۇرۇنمايمەن
ئويلىمايمەن
كۆزۈمنى يۇمىمەن بىر پەس،
يىراقلاردا كۈن چىقىۋاتىدۇ
كاككۇك قىچقىرىۋاتىدۇ…

2016- يىلى 11- مارت

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ