بۇلبۇل بلوگى

0

سەنئەتكارغا 10 تەلىمات

254
  1. تەڭرىنىڭ ئالەمدىكى كۆلەڭگىسى بولغان گۈزەللىكنى سۆيىسەن.
  2. تەڭرىسىز گۈزەللىك بولماس. ياراتقۇچىنى ياخشى كۆرمىسەڭمۇ، ئۇنىڭغا ئوخشىتىپ ياساشقا تېرىشىپ، ئۇنىڭ توغرىلىقىغا گۇۋاھلىق بەرگەن بولىسەن.
  3. گۈزەللىكنى تۇيغۇلارنى ئالداش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى روھنىڭ تەبىئي ئوزۇقى بولۇشى ئۈچۈن يارىتىسەن.
  4. گۈزەللىكنى شان-شۆھرەت ۋە كەيىپ-ساپانىڭ باھانىسى قىلىۋالمايسەن ، ئۇ روھى ساداقەتتۇر.
  5. گۈزەللىكنى بايراملاردىن ياكى بازارلاردىن ئىزدىمەيسەن، گۈزەللىك مەڭگۈ قىزدۇر ، بازاردا تېپىلىدىغان نەرسىلەرگە ئوخشىمايدۇ، ساتمايسەن.
  6. گۈزەللىك ناخشىدا يۈرىكىڭدىن يۈكسىلىپ چىقىدۇ، بىرىنچى بولۇپ پاكلانغۇچى سەن بولىسەن.
  7. سەن ياراتقان گۈزەللىك ھېسداشلىق سۈپىتىدە تونۇلىدۇ، يۈرەكلەرگە تەسەللى بېرىسەن.
  8. ئەسەرىڭنى خۇددى بىر ئانا بالىسىنى دۇنياغا كۆز ئاچقۇزغاندەك كۆز ئاچقۇزىسەن دۇنياغا، يۈرەك قېنىڭ بىلەن پەرۋىش قىلىسەن.
  9. گۈزەللىك سېنى خورەك تارتقۇزۇپ ئۇخلىتىدىغان ئەپىيۇن ئەمەس بەلكى سېنى ھەركەتلەندۈرىدىغان روھلاندۇرغۇچتۇر، ھەقىقىي بىر ئەر ياكى ئايال بولالماي تۇرۇپ سەنئەتكار بولالمايسەن.
  10. ياراتقان ھەر ئەسەرىڭ سېنى نۇمۇس قىلدۇرىدۇ، چۈنكى ئەسىرىڭ ھەمىشە ئارزۇيىڭدىكىدەك مۇكەممەل بولالمايدۇ، تەڭرىنىڭ ئۇلۇغ ئەسىرى بولغان تەبىئەت ئالدىدا مەڭگۈ بويۇن قىسىپ تۇرىدۇ.

 

ئاپتور: گابرىئېلا مىسترال ( چىلى)

ئىنگلىزچىدىن ئەنۋەر ھامىت تەرجىمىسى

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ