بۇلبۇل بلوگى

0

سەندىن باشقا ئ‍ايال كەلمىدى 

391

كېچە ئ‍ۇزۇن، تەڭرى چېھرىگە
چىراغ يېقىپ ئ‍ولتۇر ئ‍انىجان.
جەننەتلەرنى قىلغىن زىيارەت
جاينامازدىن ئ‍ۆرلەپ شادىمان.
ماڭا كەلمە، ساڭا بارايمەن
سەن ئ‍ۆگەتكەن ئ‍اشۇ ئ‍ۆلۈمدە
ھاياتقا مەن چوقۇم يارايمەن.
قانداق تۇغدۇڭ، مەھشەر ئ‍الدىغا
قانداق باقتىڭ يالقۇنلار بىلەن؟
يۈرىكىمنىڭ شېئىر قولىدا
چاچلىرىڭنى يۇمشاق تارايمەن.
دۇنيادىكى بىرلا ئ‍ايالسەن
توپاندىكى پىنھان ئ‍ارالسەن
سەندىن باشقا مەندە ئ‍ايال يوق…
جەھەننەمدە ئ‍ىگىز تەختىم بار
مەن ئ‍ۇ يەردىن قاراپ جەننەتكە
سېنى كۆردۈم، پەقەت سېنىلا…

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ