بۇلبۇل بلوگى

0

سەن

432

سەن

ھازىردىن قۇتۇلۇشنىڭ ئامالىنى ئىزدەپ

ئۆتمۈشتىن شىپى كەلدۈرۈپ ئارام تاپقۇچى.

كەلگۈسى ھەققىدە ئەسەبىيلەرچە ئوي ئويلاپ

ئىچى ئىسسىپ، كۆزى غىل-پال چاقنىغۇچى.

ھازىرىدىن قورقۇپ، نومۇس قىلىپ

چاخچاققا يۆلەپ ياشىغۇچى.

قارا يۇمۇر ئىزدەپ ھاياتتىن

ئۆزىنى مازاق قىلىپ كۈلگۈچى.

يېڭى-يېڭى ئاتالغۇلارنى كۆتۈرۈپ چىقىپ

رېئاللىقتىن ئۆچ ئالغۇچى:

بەتخەج زامان خەجلەپ كەتتى

قارا يۈز پۇرسەتلەر ۋاپاسىز چىقتى

كۆڭلى قارا كېچىلەر قويۇۋەتتى

يۈزسىز كۈندۈزلەر تاشلىۋەتتى

مۇتىھەم كوچىلار ئازدۇردى

مەرەز يالغۇزلۇق ئۆلۈگىنى ئارتتى

سورۇنلار زاكۇسكا

شاھمات ئويۇنلىرى پىچكا

ئىشرەتلەر رەققاس

نەزىر-چىراقلار قول-پۇت

توي-مەرىكىلەر مىكروفۇن

يىغىلىشلار باغاق قىلدى سېنى.

 

سەن

ئۆزۈڭنى ئىپادىلەش ئۈچۈن

بىچارىلىكتىن باشقا ژانىر تاپالمىدىڭ

ئۆزۈڭنى يوشۇرۇش ئۈچۈن

كوللېكتىپلىشىشنى خالاپ تاللىدىڭ

ئۆزۈڭدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن

تېنىڭنى كوچىلاردا، باشقىلارنىڭكىدە ئۇنتۇپ قالدىڭ

ھەتتا ئۆلۈپ كېتىش ئۈچۈن

ھەيۋەتلىك شەكىللەرنى بىر-بىرلەپ پەرەز قىلدىڭ

لېكىن سەن

كۆز قىيمىغۇدەك سۆيۈملۈك

تاشلىۋەتكۈدەك يارىماس زاتسەن!

 

2015- يىلى 16-ئىيۇن

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ