بۇلبۇل بلوگى

0

سەن چۈشىدىغان قولۇم

498

مەن سېنى قولغا چۈشۈرۈشنى ئويلايمەن
سەن بىر بوتۇلكا مېنىرال سۇدەك قۇلۇمغا چۈشسەڭ
سەن بىر تال غازاڭدەك قولۇمغا چۈشسەڭ
سەن بىر تامچە ياشتەك قولۇمغا چۈشسەڭ،
بىلەمسەن، مەلىكەم
مەن سېنى چوقۇم بىر كۆتۈرگەنچە ئىچىۋەتمەيمەن
ھۇزۇرلىنىپ ئىچىمەنكى، ئىچكىنىمدىن كۆپرەك ئاشۇرۇپ قويىمەن ۋە
سېنى كۆتۈرۈپ يۈرىمەن،
چۈنكى مەن پات – پات ئۇسساپ تۇرىمەن،
سېنى غازاڭ دەپ ئاتاشقا قارشى ھالدا،
ناھايىتى ئاۋايلاپ خاتىرەمنىڭ قېتىغا سېلىپ قويىمەن،
سېنى ساقلايدىغان خاتىرەم
سېنىڭ يېڭى ئىسمىڭ بولىدۇ، ھېچكىم ھەيران قالمايدۇ،
مەن قولۇمنى كۈن تۇرىغا تۇتۇپ
سېنىڭ سۈزۈكلىكىڭنى ئەمەس
بىر تامچە ئىكەنلىكىڭنى ئەمەس
قۇلۇمدا تۇرغانلىقىڭنى تاماششا قىلىمەن
قۇلۇمدا تۇرىسەن، قۇرۇپ كەتمەسلىكىڭ ئۈچۈن
مەندە بىر تامچە ياش بولىدۇ.

سەن چۈشىدىغان قولۇم ئېچىلغان
دىققىتىم بەشىنچى تەرەپكىچە چېچىلغان

سەن ئەگەر كېچە بولساڭ
جەزمەن قولۇمدىن تېشىپ
بۇيۇمدىن ئېشىپ
ئالدىمدا تۇرىسەن، مىسالى بىر ئۆي،
مەن ئاچقۇچلىرىم ئارىسىدىن بىر ئاچقۇنى تاللايمەن
ئاندىن ئۆيگە كىرىپ سېنى توۋلايمەن
سەن دېرىزەڭنى ئاچ، دېگۈچە
يا سەن بولمايسەن يا مەن بولمايمەن.
دېڭىز بولساڭ
ئاچكۆز بېلىقلىرىڭغا ھېيت بولىدۇ.
مەن بولساڭ
مېنىڭ بالاخور زۇۋانىم تۇتۇلىدۇ.
كېيىن «ئىككىمىز» دېگەن سۆز
سېنى بار قىلىمەن دەپ
يوق قىلىدۇ مېنى بىر – بىرلەپ:
ئاۋۋال بېشىمنى
كېيىن پۇتۇمنى،
لېكىن مۇشۇ سەن چۈشەر قولۇم
ئاشۇ سۆزگە چۈشەر ئۈستىلەپ.

ئەمدى قولۇم قولۇم ئەمەس
سەنمۇ سەن
مەنمۇ ھەم.

2016- يىلى 22- ماي

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ