بۇلبۇل بلوگى

0

سەن بار شەھەرگە ماڭدىم 

228


ھايات سەن تەرەپتە، خۇدا سەن بىلەن بىللە
مامات مەن تەرەپتە، مەن خۇدا بىلەن بىللە
سۆيگۈ ئ‍ىككىمىزنى ياراتماقتا
مەڭگۈ ئ‍اخىرلاشماس جۇدالىقتا…
قۇياش ئ‍اسماندا بىر ئ‍اسىي باخشى
كۆڭلۈم قاچان ئ‍ېچىلار، دەردتىن قۇتۇلار؟
كۆيۈك چۆلدۇر، سۆيۈك دەريا،
ئ‍ۈزۈك غۇنچىلاردىن زەنجىر سوقۇلار.
تاراملاپ ئ‍اققان كۆز ياشلار بىلەن
مەڭزىمدىكى خەتلەر ئ‍وقۇلار.
سۆيگۈم يوقالماس،
بەلكى بىردەم ئ‍ۆتۈپ ئ‍الەم يوقىلار…

سەن بار شەھەرگە ماڭدىم،
ئ‍ەگەشتى بۇلۇتلار ئ‍ۈستۈمدە
ئ‍ەگەشتى سايلار ئ‍ارقامدىن
ئ‍ەگەشتى ماشىنا چاقلىرى دۈكۈر- دۈكۈر…
سەن بار شەھەردە مەن يوق؛
ئ‍ۆلۈكلەر لەيلەر كۆكتە پارچە- پارچە
يېپىق يەر، ۋەتەن يوق رەستىلەردە
خۇدا يوق ئ‍ۆيلەردە ئ‍وقۇلار كىتاب.
ئ‍اي يىرىم يارتا قىز
گۈللەر شۈمشەيگەن غىرىب، ئ‍ەنسىز
كۆز ياشلار ساۋار دىلنى بولۇپ قامچا
يۇندا چىراي ھاۋا
تۈكۈرگەن قاندىن يىرىم قاچا
سۆيگەن ئ‍اۋاز، شارقىرىغان دەريالاردەك…
سۆيگۈدىن كەلگەن ئ‍ادەم يوق مەندىن باشقا
ۋادەرىخا
مەن بار شەھەردە سەن يوق…
كېتىۋاتىمەن،
سېغىنىش يىقىنلاشتى دوزاققا
دوزاق يىقىنلاشتى جەننەتكە
بىز
جەننەتتە ئ‍ۇچرىشىمىز،
ئ‍ۆلگەن ئ‍ادەم كۆزىنى ئ‍ېچىپ
خۇدانى كۆرگەندىكى ھاياجان بىلەن
ۋادەرىخا
يەنە مىڭ يىللىق دوزاقتىن كىيىن…

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ