بۇلبۇل بلوگى

0

سەجدىگاھىمغا

214

(گۇمنام غەزىلىگە مۇشائىرە)

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر

بىلەمسەن،دىلرەبا،ھۆسنۈڭنى ئاختۇرغان نىگاھىمدۇر،

بۇ گۈلدۈرماما-چاقماقلار مېنىڭ پەريادى ئاھىمدۇر.

«ئۆزۈڭنى ئوت بىلەن تاۋلا»دېگەچ سەن سۆيگۈ سۇلتانى،

قەيەردە يانسا بىر يالقۇن،شۇ يالقۇن بارىگاھىمدۇر.

ئاداشسام زۇلمىتى دەشتتە،تېڭىرقاپ نالە چەكمەسمەن،

جامالىڭ شولىسى پارلاق ئۈمىد بەخش سۈبھىگاھىمدۇر.

پەلەكنىڭ گەردىشى ھەر كۈن يولۇمنى توسسىمۇ قەستلەپ،

ۋىسالىڭ ئارزۇسى مەڭگۈ يېگانە قىبلىگاھىمدۇر .

مالامەت،تەنە-تۆھمەتتىن،رەقىبتىن قىلمىدىم پەرۋا،

دىلىمغا ئورنىغان ئىشقىڭ نىجاتكار باشپاناھىمدۇر.

سېنى ئويلاش بىلەن كۆڭلۈم تاپۇر ھەر جايدا مىڭ لەززەت،

خىيالىڭ كۈندۈزى ئاپتاپ،كېچىلەر كۆكتە ماھىمدۇر.

ئەگەر رەشك ئەيلىسە مەيلى ئەرەب يۇرتىدىكى كەبە،

مۇشۇ تۇپراق-ئانا تۇپراق مۇقەددەس سەجدىگاھىمدۇر.

كۆڭۈل مۈلكىدە جاي يوقتۇر سېنىڭدىن ئۆزگىگە مۇتلەق،

قەسەميادىم ئۈچۈن مىسكىن مېنىڭ ئۆلمەس گۇۋاھىمدۇر.

1968-يىل15-فىۋرال،ئۈرۈمچى.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ