بۇلبۇل بلوگى

0

سەھرا ئۆيلىرى

178
خىزىر قونغان ئۆي-سەھرا ئۆيلىرى،
شۈكۈر تولغان ئۆي سەھرا ئۆيلىرى.
گويا تويلاردا ئاسقان قازاندەك،
قايناپ تۇرغان ئۆي-سەچرا ئۆيلىرى.
تۇيۇلمايدۇ يات ئەسلا ھېچكىمگە،
ئېگىلگەن ئەمەس  كەلگەن مۈشكۈلگە.
قوينىنى ئېچىپ غېرىب-مىسكىنگە،
پاناھ بولغان ئۆي-سەھرا ئۆيلىرى.
سەھرا ئۆرلىرى باغلاردەك سېخى،
مەي باغلاپ پىشقان ئۆرۈكنىڭ شېخى.
كىرمەي ئۆتسىڭىز رەنجىيدۇ تېخى،
ھىممەت تولغان ئۆي سەھرا ئۆيلىرى.
ھايات بىر دېڭىز، بىزلەر كېمىدە،
سېخىي ساھىبخان مېھمان غېمىدە.
چاڭقاپ كەلگەنگە، جانان چىنىدە-
شەربەت سۇنغان ئۆي-سەھرا ئۆيلىرى.
چىرايلىق سەن ، دېھقان قىزى
كىيۋاپسەن مايسا رەڭ كۆڭلەك،
چىرايلىق سەن دېھقاننىڭ قىزى.
سالمىساڭمۇ يېنىڭغا ئەينەك،
چىرايلىقسەن دېھقاننىڭ قىزى.
چىرايلىق سەن ياسانمىساڭمۇ،
ئالتۇن زەنجىر ئاسالمىساڭمۇ؛
مەيلى كەشتە باسالمىساڭمۇ،
چىرايلىقسەن دېھقاننىڭ قىزى.
ئوسما قويدۇڭ ئەتمەستىن قاشلىق،
خېنە قويدۇڭ-بۇمۇ بىر ياشلىق.
سېنىڭدە يوق ئارتۇق بەڭباشلىق،
چىرايلىقسەن دېھقاننىڭ قىزى.
مىجەز-خۇلقۇڭ قويدەك مۇلايىم،
قويمۇ سەندەك ئەمەستۇر دائىم.
شۇڭا، سەندىن يېمەيمەن ۋايىم،
چىرايلىقسەن دېھقاننىڭ قىزى.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ