بۇلبۇل بلوگى

0

سەھەر

237

يادىمدا ھېلىمۇ قارا قۇشقاچلار،

ئورمانلار مېھرىمدە كۆيىدۇ تىمتاس.

مەن سېنىڭ باغرىڭغا ئۆزۈمنى تاشلاپ،

ئۇلارنىڭ ئۇۋىسىنى قىپ باقتىم قىياس.

 

زىمىستان ئېرىمەكتە ھاياجىنىمدا،

تۇيغۇمدەك تىترەيدۇ دەرەخنىڭ شېخى.

يورۇغان سەھەردەك يېيىلسا ئاۋاز،

قۇياش بوپ ئۇيۇماقتا يۈرەكنىڭ دېغى.

 

لېۋى قان يوللارغا تۆكۈلدى كۈلكە،

قېتىقچى ئاياللار سۈزۈك،بەك سۈزۈك.

ئېھ،بەلكىم ئۇلارنىڭ كەلمەس ئېسىگە،

قايسىدۇر باغلاردا ئۇنتۇلغان ئۈزۈك

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ