بۇلبۇل بلوگى

0

سەھەر شېئىرى

182

ھەر سەھەر

دۇنيا

يارىتىلىدۇ.

قۇياشنىڭ كاۋا چېچىكى

 

رەڭلىك تاللىرى ئاستىدا

كېچىنىڭ

دۆۋىلەنگەن كۈللىرى

يوپۇرماققا ئايلىنار قايتا

 

ۋە  چىڭ يېپىشىدۇ ئېگىز شاخلارغا_

ۋە ئۈستىگە يازدىكى

گۈلسامساق ئاراللىرى سىزىلغان

قارا رەختلەرگە ئوخشايدىغان

 

كۆلچەكلەر كۆرۈنىدۇ.

ئەگەر بەختلىك بولۇش

سېنىڭ تەبىئىتىڭ بولسا

يۇمران چىغىر يوللارنى بويلاپ ئۈزۈپ كېتىسەن

سائەتلەپ، تەسەۋۇرۇڭ

يورىتىدۇ ھەممە يەرنى.

ئەگەر روھىڭ

ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولسا

 

چۆيۈندىن

ئېغىر تىكەن _

پۇتلىرىڭنى سۆرەپ مېڭىش

سەن قىلالايدىغان بىردىنبىر ئىش بولسا_

 

دېمەك

ئىچىڭدە تېرەن بىر يەردە

بىر مەخلۇق توۋلاۋاتقان بولىدۇ بۇ دۇنيانىڭ

ئۆزى خالىغان نەرسىنىڭ دەل ئۆزى ئىكەنلىكىنى _

 

گۈلسامساقلىرى چاقناۋاتقان ھەر بىر كۆلچەك

ئاڭلانغان ۋە جاۋاب بېرىلگەن بىر دۇئادۇر

سېخىلارچە،

ھەر سەھەر،

 

مەيلى سەن

بەختلىك بولۇشقا پېتىن _ پېتىنما،

مەيلى سەن

دۇئا قىلىشقا پېتىن _پېتىنما.

 

* * * * * * *

ئاپتور: مارى ئولىۋېر

ئىنگلىزچىدىن ئەنۋەر ھامىت تەرجىمىسى

* * * * * * *

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ