بۇلبۇل بلوگى

0

سەھەر

225

ۋاقىتنىڭ بۇنچىلىك ئ‍ۇزۇن ،بۇنچىلىك قاشاڭلىقىنى
ئ‍ۇيقۇنىڭ بۇنچىلىك قىيىن، بۇنچىلىك جاھىللىقىنى
يۈرەكنىڭ بۇنچىلىك قالايمىقان، بۇنچىلىك رېتىمسىزلىقىنى
قىزىتمىنى ، قەي قىلىش ۋە شۇك بوپ قېلىشنى
يەنە ھىس قىلدىم.. يەنە ھىس قىلدىم ..

يەنە ئ‍ىچىمدىن زەنجىر تاپانلىق ئ‍ەسۋاب ئ‍ۆتۈشكە باشلىدى
يەنە ئ‍ۆرتەندىم ،يەنە خارلاندىم
ئ‍ەي خۇدا ، ئ‍ەي يار، ئ‍ەي روھ
نېمىشقا بىر ماڭا رەھىم قىلمىدىڭ ؟

جىسمىم ئ‍ېچىلىپ ،روھىم تىتىلىپ
ئ‍ۆلىۋاتقىنىمنى ھىس قىلماقتىمەن ..

2016- 3~ 19 كۈنى ،سەھەر

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ