بۇلبۇل بلوگى

0

سېغىنماپتۇ دەپ قالما

232

سالام، باھار، دىدارىڭ دەرمان بولدى دەردىمگە،
بىر ياخشىنى سېنىڭدەك، سېغىنىشمۇ دەرد ئىكەن.
قەلەملىرىم ئالدىڭغا يۈگۈرۈپ چىقتى شۇ سەۋەب،
كەلگىنىڭنى راستمۇ دەپ سوراش ماڭا سەت ئىكەن.
كۆرۈپ قالدىم ياپيېشىل كۆڭلىكىڭنى باغلاردىن،
خەۋەر قىلدى سۆگەتلەر: باھار مانا بىزدە! دەپ.
چاپچىپ تۇرغان ئاتلاردەك كۆك ئوتلاققا يۈرىكىم
تىپىرلايدۇ باھارنى دالالاردىن ئىزدە! دەپ.
چېچىپ كەلدى ھىدىڭنى شاماللىرىڭ ئەڭ ئاۋۋال،
بولۇپ كەلدى ۋادىمىز تەڭرىم ئەتىر چاچقاندەك.
تاغلار قىپتۇ تەنتەنە، ئورمانلاردا كۈندە توي،
تەبىئەتكە بىر تەلەي سەندىن چىراي ئاچقاندەك.
دالالارنى توز رەڭلىك قىلىپ قويدۇڭ سېھىرلەپ،
دىدارلىشار چۈشىدە ھەركىم ئۆزۈڭ كەلگىچە.
ياشلىقىمنى كۆرگەندەك بولۇپ قالدىم ئۆزۈڭدىن،
ئۇچۇپ چىقتىم ئۆيۈمدىن، شۇڭا، سالام بەرگىچە.
ياشانغانچە قەدرىڭگە يېتىدىغان بوپقالدىم،
تەقەززالىق سەن ئۈچۈن قىيناپ كېلەر جېنىمنى.
يامغۇرلىرىڭ سۆيۈملۈك بولۇپ قالدى بارغانچە،
سەن بەرگەندەك بوپقالدىڭ كۈندە يېگەن نېنىمنى.
سەندە قاپتۇ تولىسى ياشلىقىمنىڭ، ئويلىسام،
شۇڭا، ئۇنى قوينىڭدىن ئىزدەپ باققۇم كېلىدۇ.
كەتكەن يارنىڭ كەينىدىن ئارمان يۇتۇپ قالغاندەك،
ئەڭ بولمىسا پەيزىڭنى سۆزلەپ باققۇم كېلىدۇ.
سالام، باھار، دىدارىڭ دەرمان بولدى كۆڭلۈمگە،
بىر ياخشىنى سېنىڭدەك، سېغىنماقمۇ دەرد ئىكەن.
ياشانغاندا جامالىڭ قىلار ئىكەن تەقەززا،
سېغىنماپتۇ، دەپ قالما، يىغلاي دېسەم سەت ئىكەن.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ