بۇلبۇل بلوگى

0

سايە

207

مەن خۇددى بىر ئەركەك غازدەك غادىيىپ،

ئايلىنىپ يۈرەتتىم مەغرۇر، سىپايە.

بىر چاغدا كۈن مېنىڭ ئارقامدىن تېگىپ،

ئالدىمدا نامايان بولدى بىر سايە.

كۆرۈپ بۇ سايىنى دېدىم شۇئاندا:

”پاھ، بويۇم نېمىدېگەن ئېگىز-ھە، مېنىڭ“.

ۋە لېكىن بىر سادا كەلدى غايىبتىن،

دېدىكىم: ”ئاگاھ بول، بۇ ئۆزۈڭ ئەمەس،

بۇ پەقەت بىردەملىك سايەڭدۇر سېنىڭ!“

1987-يىل 3-مارت، ئۈرۈمچى

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ