بۇلبۇل بلوگى

0

ساۋاقداشلار خاتىرىسىگە يېزىلغان شېئىر

212

ئايرىلدۇق، مارايدۇ چاناقلاردىن ياش.
ئاھ قىسمەت!
دىللارغا چاڭ سالغان ھىجران!
تەقدىرنىڭ پەيلىگە مۇمكىنمۇ چىداش.
تەن ئىچرە ياپراقتەك تىترەپ تۇرسا جان؟
بىز ئىدۇق بىر ئاۋاز ئۇلۇغ ۋە راۋان.
قالدۇققۇ دۇدۇقلاپ…..قىسمەت بىر كېكەچ!
ئۆتكۈزگەن يىللارنى تەپچىپ تاي كەبى،
كەلمىشنى يايلاقتەك بىپايان بىلگەچ،
ھوزۇرلۇق بىر چۈشنى ئويغاندۇق ئەسنەب،
دەشنام يەپ تىنچىدى قالتىس بىر چاقچاق.
ياڭراق بىر ناخشىدۇق، ئۈزۇلدۇق ھەجەپ،
قىسمەت بىر يەلپۈگۈچ،
ئۆچتى بىر چىراق.
كۆڭۈللەر قونالغۇ،
خىيال بىر كارۋان،
ھەردەم شۇ ناخشىنى چۈشەيدۇ يۈرەك.
ئەي خىيال بىزلەرنى ئۇچراشتۇر ھامان،
ئاھ، بىزلەرگە نىمە بار خىيالدىن بىلەك؟!
سەن ئەشۇ ناخشىنى داۋام ئەت پىنھان،
كۆڭۈللەر ئارىلاپ،
چىداي ئارىلاپ……
غول كۆچمەن يۇلتۇزدەك ئەشۇ بىر ناخشا،
پايانسىز كەڭلىككە بارسۇنچۇ تاراپ!

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
بۇ شېئىر ساۋاقدىشىم مەرھۇم باتۇر روزىنىڭ 1987-يىلى ساۋاقداشلار خاتىرىسىگە يازغان شېئىرى بولۇپ، بۇ بىز  شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى ئەدەبىيات 82-يىللىق
2-سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يۈرەك سۆزى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.
شېئىردىكى تىنىش بەلگىلىرى مەرھۇمنىڭ بولۇپ، مەرھۇمغا ھۆرمەت قىلىندى!
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
ئەلكۈيى مۇنبىرىگە يوللىغۇچى: karabeg
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ