بۇلبۇل بلوگى

0

ساۋاق

247

مەن يەنە ئۆلۈشنى داۋام قىلىمەن.

تومۇرلار يېرىلىدۇ،  ئېچىلىپ خۇددى

كىچىككىنە مۇشتۇملىرىدەك ئۇخلاۋاتقان

بالىلارنىڭ.

كونا قەبرىلەرنىڭ خاتىرەسى،

چىرىۋاتقان تەن ۋە مىغ-مىغ قۇرتلار

مېنى قايىل قىلالمايدۇ

جەڭ ئېلان قىلىشقا. يىللار

ۋە مۇدھىش مەغلۇبىيەت ھۆكۈم سۈرىدۇ

يۈزۈمدىكى چوڭقۇر قورۇقلاردا.

ئۇلار كۆزلىرىمنى خىرەلەشتۈرىدۇ، شۇندىمۇ

مەن ئۆلۈشنى داۋام قىلىمەن،

چۈنكى مەن ياشاشنى ياخشى كۆرىمەن.

 
ئاپتورى: مايا ئەنجىلو (ئامېرىكا)

ئىنگلىزچىدىن ئەنۋەر ھامىت تەرجىمىسى

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ