بۇلبۇل بلوگى

0

ساما نەدە باشلىنىدۇ، نەدە تۈگەيدۇ؟

206

بۇ دۇنيانى سۆيۈملۈك، كېرەكلىك دېمەڭلار، ئۇنداق ئەمەس.

ئوڭ كەلگەن شاماللار ئۈچۈن يايرايدىغان بىر تىياتىرخانا ئۇ.

چاقماقنىڭ كىرپىكى ئېسىلمۇ ئەمەس، رەزىلمۇ ئەمەس.

چاقماق سوققان دەرەخلەر  ئالتۇن تۈۋرۈكتەك كۆيىدۇ.

 

لېكىن كۆك يامغۇر، ئاغزى ئوچۇق قالغان

دەرەخلەرنىڭ ئاپئاق پۇتىغا ئۇدۇل

چىلەكلەپ قۇيۇۋېتىدۇ.

شامال، پىرقىراپ تۇرۇپ، كەشىپ قىلمىدىمۇ سامانى؟

گۈللەر يۆتكەلمىدىمۇ، ئاستا-ئاستا، ئاسىيانى كېسىپ ئۆتۈپ، ئاندىن ياۋروپاغا،

ئاخىرى، ئۇلار چاقنىغىچە

سېنىڭ ئۆز ھويلاڭدا؟

 

بۇ دۇنيانى بىر ئىزاھات دېمە، ياكى ھەتتا مائارىپ دېمە.

 

سوپى شائىر پىرقىراۋاتقاندا، ئۇ سىرتقا قاراۋاتقان

بولغىيمىدى، مۇستەھكەم قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان تاغلارغا

ئاق گىرۋەكلىك ھالقا ئىچىدە، ياكى قاراۋاتقان بولغىيمىدى

بارچىنىڭ مەركىزىگە: ئۇرۇققا، تۇخۇمغا، ئىددىيەگە

شۇ يەردە تۇرغان،

باشمالتاقتەك چىرايلىق

ئىگىلگەن ۋە بارماققا يېنىك تەگكەن،

كىچىك سۆيگۈ ھالقىسى،

 

ئۇ پىرقىراۋاتقاندا،

ئاھ بىر ئىدىش نەپەس،

چاڭ-توزاڭ بېغىدا؟

 

* * * * * * *

ئاپتورى:مارى ئولىۋېر

ئەنۋەر ھامىت تەرجىمىسى

* * * * * * *

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ