بۇلبۇل بلوگى

0

سالام، يۇرتۇم

198

(قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن)

ئەي گۈزەل يۇرت، ئەي ئەزىز ئەل، ساڭا مىڭ-مىڭ ئېھتىرام،

بۇ مۇبارەك ھېيتى قۇربان شانى بىرلە ئەسسالام.

ئەسسالام، ئەي ھال شەپەققەت پۈركىنىپ ياتقان زېمىن،

مەدھىيەمنى ئەڭ ئاۋۋال بۇغدا ئانامدىن باشلايىن.

بوغدا

كۆر، بۈگۈن ئەۋلادلىرىڭ تاغلار ئېشىپ، يوللار كېزىپ،

ئاق سۈتۈڭدەك پاك تۇتۇپ ۋىجدانىنى، تۈنلەر يېرىپ،

تاكى ئەجداد شام-چىراغنى يېقىپ ھەم ئىز بېسىپ،

ھەر قەدەم تارىخ بېتىگە يېڭى بىر مەزمۇن يېزىپ،

ئىلگىرى باسماقتا دادىل ياڭرىتىپ يېڭى مۇقام.

قاراماي

چۆل ئارا-جۇڭغار چۆلىدە گۈلچىمەن ئاتتى چېچەك،

ھەر چېچەككە مەھلىيا گۈلگۈن قاناتلىق كېپىنەك.

بۇ نېچۈك بىر مۆجىزە-چۆلدە شەھەر، قاينام ھايات،

بىر كۆرۈپ قالغان كىشى رىشتىنى باغلار قاتمۇقات.

كىم ساڭا بەرمەس كۆڭۈل كۆرگەن ھامان، ئەي قاراماي،

چۈنكى بۇلبۇل گۈلنى كۆرسە جىم تۇرارمۇ سايرىماي.

ئىلى

بۇ كۆرۈنگەن ياپيېشىل بوستان زېمىن نەكىن دېسەم،

خاقان ئوغۇز ئاستانىسى گۈزەل ئىلى ۋادىسى.

بۇ ئۇلۇغ سۇنى كۆرۈپ، باقسام ئاڭا ھەيرەتتە،

ئەجدىھادەك تولغىنىپ ئاققان ئىلى دەرياسىكەن.

ئاھ ئىلى، بوستان ئىلى، ئالمىلىق باغلار ئىلى،

ئاندا يايلاق، مۇندا سايرام، ياپيېشىل تاغلار ئىلى.

ئەي دىيار، بايرام مۇبارەك، كۈل يەنە، روھلان يەنە،

تەڭرىتاغ شۇڭقارلىرىدەك قىل توختىماي جەۋلان يەنە.

تۇرپان

بىر كۆرۈپ ھۆسنۈڭنى، مەپتۇن-مۇپتىلا بولدۇم ساڭا،

ئەي قەدىمىي پايتەخت، پاختا ماكانى گۈل دىيار.

خۇددى چۆل-قۇملۇق ئارا گۈللەپ كۆكەرگەن باغچىسەن،

شاخ-شېخىدا ئالما، ئۆرۈك، قوغۇنۇڭ تىلنى يارار.

ئاق – قىزىل سايۋا، بىجاقى كىشمىشنىڭ ئاندىن لەزىز،

تا قەدىمدىن مېۋە يۇرتى، شۆھرىتىڭ ئالەمچە بار.

كىممۇ سۆيمەس سەن كەبى جەننەت ماكان تۇرپان سېنى،

كۈنسايىن ياقۇت كەبى ئەي ئەزىز دەۋران سېنى.

ئەي دىيار، بايرام مۇبارەك، شۆھرىتىڭ ئاشسۇن يەنە،

بەرىكەت تاپ، ئىقبال گۈلى ھەر تاڭ بىلەن ئاتسۇن يەنە.

قەشقەر

ئەسسالام ئەي قەشقىرىم، دىلرەبا بوستان دىيار،

نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان تىللاردا كۆپ داستان دىيار.

تا قەدىم رۇم ئەھلىنى رەشىك ئوتىدا كۆيدۈرۈپ،

شەرق ئېلىنىڭ ئىپتىخارى، شۆھرىتى بولغان دىيار.

بوۋىمىز مەھمۇد بىلەن ھاجىپ يۈسۈپتەك زات ئۈچۈن،

ھەم ۋەتەن، ھەمدە مۇقەددەس جايى مازار بولغان دىيار.

بۇ ئۇلۇغ بايرام كۈنى ياڭرات راۋابىڭنى يەنە،

زىخلىرىڭغا تولدۇرۇپ شېرىن كاۋابىڭنى يەنە.

ناغرا-سۇناي ئەۋجى بىرلە ئەل ساماسى قاينىسۇن،

يەردە ئوغلاق ھەم چېلىش، ئاسماندا دارۋاز ئوينىسۇن.

ئەي دىيار، بايرام مۇبارەك، ساڭا قۇتاتسۇن ئامىتىڭ،

بۇ ئۇلۇغ دەۋران بىلەن ئاشسۇن يەنە مىڭ شۆھرىتىڭ.

1989-يىل ماي، ئۈرۈمچى

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ