بۇلبۇل بلوگى

0

سالام خەت

243

سالام، دىلبەر!
سالامەتمۇ سەن؟
مەن كەتتىم شەيتانغا بولۇپ سەپەرداش
سەن قالدىڭ ئۆتمۈشكە لەۋ سوزۇپ…

يۈرىمەن ھاياتنى قولتۇقلاپ
ئۇسسۇل ئويناپ دوقمۇش-دوقمۇشتا،
ئۆلۈم بىلەن قىلىشىپ چاقچاق
شۇنداق قوپال
شۇنداق ياۋايى…
چىللاپ تۇرار ئۆيىگە پات-پات
كايىپ تېخى قەدىناس ئۆتمۈش،
قەبىرىلەردىن چۆچۈرە تۈگۈپ…
خۇمرىلاردىن مارىلايدۇ ئۇندا
نازلانغانچە شاللاق كېلەچەك
ئوينايمىز مىڭ مەرتە مۈكۈشمەك…
بىلىۋالغىن!
ئادىرېسىم مانا:
ئۆتمۈشنىڭ ئالدىدا-
كېلەچەكنىڭ بوغۇسىدا-
ئۆلۈم بىلەن ھاياتنىڭ چېگرىسىدا دەل!

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ