بۇلبۇل بلوگى

0

سالام ئېتىزدىكى پەيلاسوپلار

231

ئىنگىلىز تىلىدا ئازاپلىنىمەن

باسقاندا مىنى كىتاپ بىلەن غەم.

پەيلاسوپ كىلەر قولىدا ئورغاق،

ئۇيغۇر تىلىدا بۇغداي دىسەم مەن .

 

سالام ئېتىزدىكى پەيلاسوپلار

نەچچە مىڭ يىللىق ئەسىرىڭلار.

پەلسەپىدىن قوچۇلدى كاللام

كەتمىدى لېكىن تەسىرىڭلار .

 

ھەرىكەت ئۇلۇغ دەپ توۋلار سوقرات

ئافىنا كوچىسىدا كىتىۋېتىپ.

تۇرمۇش سىلەرنىڭ تەلىماتىڭلار

ئويلايمەن لۆم-لۆمدە ئىزىلىپ-يېتىپ.

 

سۇ دەپ شېئىر يازدىم ئۆيۈمدە مەن

سۇنى خېمىك دوستۇم قىلار تەجرىبە.

سىلەر ئېتىزغا سۇ باشلىغاندا

سۇھاياتلىق مۇقەددەس نەرسە.

 

مەۋجۇتلۇق مەۋجۇتمۇ ۋە ياكى يوقلۇق

كۆزەينەكلىك دوكتۇر ئويلار تېخىچە.

شاپاق دوپپىلىق پەيلاسوپ بولسا

گۈس-گۈس دەسسەپ كەتتى مەسچىتكە.

 

دەيمەن غەربنىڭ مەن بىر شاتۇتى

سىلەر توپ پادا ئۆزلۈكسىز مەنسىز .

قولۇم سىياھ كۆزۈم ياش يۇقى

مەنە ئىزدەيمەن ھايات مەنىسىز.

 

شاپاق دوپپىلىق پەيلاسوپلار خوش

مەندىن يۈكسەك سىلەر كۆڭلۈڭلار خوش.

پەلسەپە ئېقىمىمىز باشقا-باشقا

مەقسىدىمىز بىر :ياشىسۇن تۇرمۇش.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ