بۇلبۇل بلوگى

0

رۇبائىيلار

201

مىنگەن ئات، كەيگەن تون بەختىڭ بۈگۈنكى،
تاڭ ئاتسا ئۆزۈڭمۇ ئۆتمۈشنىڭ مۈلكى.
بىر قولۇڭ گۈل ئالسۇن، بىر قولۇڭ قامچا،
دوستلىرىڭ بار يەردە دۈشمەن بار چۈنكى.

كۆرۈنگەن ئاپەتتىن كەتمىگىن چۆچۈپ،
تاغ كۆچسە كۆچسۈنكى، سەن يۈرمە كۆچۈپ.
ئۆمۈرلۈك گۈلخان بوپ ياشايمەن دېسەڭ،
ئۆتكۈنچى يامغۇردا قالمىغىن ئۆچۈپ.

تاغ – تاشنى سۇ بۇزار، ئەلنى ئۆسەك سۆز،
ئىشەككە چىقىپتۇ دېگەندەك مۈڭگۈز.
پىچىرلاپ سۆزلەشنى قويغىن ئۆگىنىپ،
بولسىمۇ ئىنساننىڭ بارى ساڭا ئۆز.

سۆيگۈنى ساتقىلى بولغايمۇ پۇلغا؟
كۆڭۈلنى ئالغىلى بولغايمۇ پۇلغا؟
كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرسە گۈللەرمۇ
تىكەنلەر ئالدىدا ئايلىنار قۇلغا.

ھەقىقەت ئالدىدا قىلما مەنمەنلىك.
ھەقىقەت ئالدىدا ھەيۋەڭ بىردەملىك.
ھەقىقەت سۈكۈتتىن تاپار سەلتەنەت،
ھەقىقەت ھەقىقەت – ئەمەس ئۆكتەملىك.

ھەقىقەت ئالەمنى كەزگۈچى سەيياھ،
ئۇ پۈتكۈل ئالەمگە غايىۋانە شاھ.
ھەقىقەت ئاقلايدۇ ئۆزىنى-ئۆزى،
ئۇ ھەرگىز سۇنمايدۇ ئېگىلسىمۇ گاھ.

بىلىمسىز ئوخشايدۇ ياغسىز چىراققا.
بارمايدۇ يورۇقى ھەرگىز يىراققا.
بىلىملىك – بىلىمسىز ئىنساننىڭ پەرقى
ئوخشاتساڭ ئوخشايدۇ ئاغىرىققا – ساققا.

قىڭغايغان دەرەخنى غۇلىماس دىمە.
قىڭغايسا ھالاكەت يولۇماس دىمە.
ھەر كىمگە يار-يۆلەك زۆرۈردىن-زۆرۈر،
تىرەكلىك تاملاردىن ئەسلا غەم يېمە.

زىيادە خۇشھاللىق بىردەملىك ئېقىن.
زىيادە مەيخورلۇق ئەجەلگە يېقىن.
قانائەت – ئىنسانغا ئۇيقۇ دورىسى،
ئىجاد ۋە ئەمگەكتە ئۇلغۇيار ئەقىل.

راست سۆزنىڭ ھىچ يەردە خىجالىتى يوق.
يالغان گەپ ياياقتۇر مىنەر ئېتى يوق.
يالغاننىڭ بېغىدا كۆكلىمەس دەرەخ،
يا پىشقان ئۆرۈكى، ياكى قېقى يوق.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ