بۇلبۇل بلوگى

0

رەقىبلەر

295
ئۇلار – رەقىبلەر . مۇرەسسە يوق ئارىدا زادىلا
يول ماڭار بىر – بىرىگە تامامەن قارىشى يۆنىلىشكە
بىراق ھامان بىر كۈنى
پەيدا بولىدۇ ئۇلار چوقۇم بىرلا نۇقتىدا
چۈنكى يەر شارى يۇمىلاق
مۇتلەق قاراڭغۇلۇقنى نىشان قىلغۇچى
ۋە
يورۇقلۇققا ماڭغۇچىمۇ قايتماس كەينىگە
بىراق ھامان بىر كۈنى
پەيدا بولىدۇ ئۇلار چوقۇم بىرلا دەۋردە
چۈنكى تارىخمۇ چەمبەر شەكلىدە

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ