بۇلبۇل بلوگى

0

راست ئادەم

622

مەن راست بىر ئادەممەن
ئۆلۈم خەۋىرىدەك راست،
ئايرىلىشتەك راست،
ئاخىرىدا
ئۆزىگە ئېشىپ قالغان ھەسرەتتەك راست.
مەن راست دېدىم،
يالغان ئېيتمىغانلىقىمغا راست سۆزۈم گۇۋاھ
ئاندا-ساندا ئۈمىدتەك راست سۆز
مۇشەققەتتەك ئېغىر راست سۆز
كېيىن ئۈمىد ئۈزۈشتەك راست سۆز
ئۈمىد باغلانغان بىرىدەك راست سۆز.

كوچىلاردا بارىمەن تەنھا،
نۇرغۇن ئادەملەر تەنھالىقىمنى ھېس قىلدۇرار
ۋاڭ چۇڭلار سۈكۈتلىرىمنى ئېچىلدۇرار
ئىستولبىغا چاپلانغان بالا ئىزدەش ئېلانى
ماڭا سۈركۈلۈپ ئۆتۈپ كەتكەن ئايالدەك
ھېچكىمنىڭ دىققىتىنى قوزغىماس
ناتونۇش تىلدىكى مۇھەببەت
سوغۇق سايە تاشلار
مېنىڭ باراقسان سەنسىزلىكىمگە.
شۇنچىلىك سېغىندىمكى،
جېنىمغا ئالماشتۇرغىلى بولسا ئالماشتۇراتتىم
ماڭا خەت يازىدىغان ۋە يىرتىدىغان بىرىنى.
ئۇ ماڭا قاراۋاتسا كېرەك، دەيمەن
بالكۇن بولمىغان سوغۇق بىر يەردە.
ئۇنىڭ ئۆيىدىكى كارىۋات مېنىڭ نەپرىتىمنى قۇزغار
ئىشىكى ھەر ئېچىلغاندا، ھەر يېپىلغاندا
ئىنتايىن سوغۇق بولغانلىقىنى ھېس قىلىمەن.
پەشتاقتىن چۈشۈۋاتقاندەك چۈشكەن ياشلىرى
مەن مېڭىۋاتقان يولدۇر خىيالەن.
تېنىم قىسىلىدۇ
دۇنيا ئەمەس روھىم تار
دوئىلدىكى دۈشمىنىمدەك
مەغلۇپ بولۇشقا ئىدىم ئىنتىزار.

راست مۇھەببىتىم بار
يالغان قوللىرىڭ بىلەن ئاختۇرساڭ
يوق چېغىڭدا راستمەن بىر پاتمان
چىرايلىق يالغىنىڭمەن يېنىمدا تۇرساڭ.
ماڭا ئۆچ بولۇپ تۇرۇپ سۆيسەڭ دەيمەن
ئۆچ بولۇپ تۇرۇپ ئايرىلغاندەك
سېنىڭ يالغان ئىكەنلىكىڭگە ئىشەنگەنسېرى
راستلىقىم كۆكسۈمگە پاتتى غېرىپ بىر تاڭدەك.

راست ئادەم قورقۇنۇچلۇق بولىدۇ
ئۇتقاندەك ئۇتتۇرىۋېتىشىڭ ئېنىق تۇرۇپ
سەن بۇنىڭ ئۈچۈن سۆيۈنسەڭ
قالمامدىمەن قەلەندەر بولۇپ؟
راستلىقىمدىن گۇمانلان
گۇمانلىنىشىڭنى ئىستەيمەن بىر ئايال كەبى
ئىشىنىشىڭ ئۈچۈن غايىپ بولاي
قۇرۇق قول كېلىپ ھىدىڭنى ئېلىپ كەتكەن شامال كەبى،

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ