بۇلبۇل بلوگى

0

قۇياش

188

سەن كۆرۈپ باققانمىدىڭ

بىرەر نەرسە

ھاياتىڭدا

قالتىسراق

 

قۇياشنىڭ،

ھەر سەھەر،

ئازادە ۋە ئاسانلا،

ئۇپۇققا قاراپ سۈرۈلگىنىنى

 

ۋە بۇلۇتلارنىڭ ئىچىگە ياكى دۆڭلەرگە،

ياكى دولقۇنلۇق دېڭىزغا،

ۋە كېتىپ قالغىنىنى_

ۋە ئۇنىڭ قايتا تۆۋەنلىگىنىنى

 

قاراڭغۇلۇقتىن چىقىپ،

ھەر سەھەر،

دۇنيانىڭ يەنە بىر تەرىپىدە،

بىر قىزىل گۈلگە ئوخشاش

 

ئۆرلەپ ئاققىنىچە ئۆزىنىڭ ساماۋى مايلىرىدا،

دېگىنە، ياز بېشىدىكى بىر سەھەردە،

ئۆزىنىڭ مۇكەممەل ئىمپىرىيەۋى مۇساپىسىدە_

سەن بىرەر نەرسىنى ھېس قىلدىڭمۇ

مەسىلەن ئەسەبىي سۆيگۈ_

سېنىڭچە ھەرقانداق بىر يەردە، خالىغان بىر تىلدا،

قايناپ-تېشىپ تۇرغان بىر سۆز بارمۇ

بۇ ھۇزۇرنى ئىپادىلىگۈدەك

 

يەنى، سېنى تولدۇرغۇدەك

قۇياش

يېتىپ كەلگەندە

ۋە سېنى ئىللىتقاندا

 

تۇرغىنىڭدا

قۇرۇق قول

ياكى سەنمۇ

بۇ دۇنيادىن ئايرىلىپ

ياكى سەنمۇ

ئەسەبىيلەشكەندە

ھوقۇق-كۈچ ئۈچۈن،

مال-دۇنيا ئۈچۈن؟

 

* * * * * * *

ئاپتور: مارى ئولىۋېر

ئىنگلىزچىدىن ئەنۋەر ھامىت تەرجىمىسى

* * * * * * *

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ