بۇلبۇل بلوگى

0

قۇتلۇق شەۋقىي

293

كۆيگەن كىتاپلارنىڭ قارا ئىسىغا ،
تىرىك دەپنە بولغان ھاياتىمنى كۆر.
كۈيلەپ ھەقىقەتنى بوران تىلىدا،
باھارنى چىللىغان قاناتىمنى كۆر.

ياتلار سۆزلىسە گەر ئانا تىلىمدا ،
ئاغزىغا بال بەردىم قولىغا ئالتۇن.
ئۆزىنىڭ تىلىنى چاينىغانلارنى ،
مىھراپقا ئۆتسىمۇ دىدىم شاياتۇن.

خاقانىيە تىلىدا بەردىم مەن جاۋاپ ،
تارىخنىڭ ئۆتىڭى قىلغاندا سوراق.
ئەيمەندى مەردانە ئەپتىمگە قاراپ،
بىغەم ناكەسىلەرمۇ تارتىپ ئىشتىياق.

ئىگىسى دىگەننى دىگەچكە دوراپ ،
چىرايلىق قەپەزدە بېقىلدى تۇتى.
چۇرۇقلاپ سايرىغان قۇچقاچقا قاراپ ،
ئۆمرىنى تاماملاپ يىقىلدى تۇتى.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ