بۇلبۇل بلوگى

0

قۇرۇقدىلىپ قېلىش

196

قىزكۆچۈرۈش ماشىنىسى ئۆتۈپ كەتتى،

كۆكلىمەكتە يۈرەكلەردە قەھەتچىلىك.

قاقشال بولغان يۈرەكلەرنىڭ پايانى يوق،

ئادەملەرنىڭ ئۈستى-بېشى چىلىق-چىلىق.

 

غالجىر تەننىڭ شۇنچە يۇمران چاقنىشىدا،

قانىغىنى لەۋ ئەمەس،ئاھ،چىشتۇر چوقوم.

نېمىلەردىن كەچكەنلىكىم بىلىنمەيدۇ،

گۈپۈلدىسە سوغ ھاياجان يۇتۇم-يۇتۇم.

 

سۆيەلمەيمەن ئۆزۈمنىمۇ قېنىپ-قېنىپ،

ئەخلاق،كۆڭۈل چەكسىز خورلۇق گۆرىستانى.

دەسسەپ-چەيلەپ مېڭىۋەردىم رېئاللىقنى،

سۆيۈملۈكمەن ئۆتكۈزسەممۇ شۇ گۇنانى.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ