بۇلبۇل بلوگى

0

قۇرغاقچىلىق

198

1
قەھرىم بىلەن لېۋىمنى چىشلەپ
كۆبجىگەن تۇمۇرۇمنى كېسىۋەتتىم.
قۇياش چۇل – چۇل بولدى جىممىدە،
مەندىن باشقا ھەممە مەۋجۇدات
چىقىۋالدى كېمىگە…
ئۈزىۋەتتىم تۈگمىلىرىمنى،
بارمىقىمغا يىڭنە كىرسۇن دەپ.
كىچىكىمدە.
ئانام مېنى ئوتلاپ قاققىلى
دوقىراتتى ئۆي – ئۆيگە،
يۇرۇن تىلەپ.
سېرىق رەڭگە ئۆچ بولدۇم بۈگۈن،
لامپۇچكىنىڭ ئۆلمەكتە نۇرى.
قۇش پىيىدەك قىرقىلغان ۋاقىت،
سۆيمەكتە ھەم يېمەكتە مېنى.
ساڭا تونۇش تۇيغۇلىرىمدەك،
بېسىپ كەلدى رېئاللىق ماڭا.
قورسىقى ئاچ ئايالدەك كېچە،
قارايماقتا كۆزلەردەك يانا.
كارىۋىتىمغا تاشلاندىم گۈلدەك،
بۇلۇت بولۇپ يېيىلدى بارچە.
چىكىلمىدى ئىشىكىم يېنىك،
سەنبىلمەيسەن مېنى تېخىچە.
نېمىشقىكىن ئېغىپ يۈرىكىم،
مەنئۆزۈمگە سىغماي قالىمەن.
تېلېۋىزورغا ئۇدۇل ئولتۇرۇپ،
ئاياللىقىمنىمۇ ئۇنتۇپ قالىمەن.
خەرىتىنىڭ سىزىقلىرىنى،
يېڭىلايمەن قارا سىيادا.
يەر تەۋرەيدۇ شۇقەدەر تەمكىن،
بوغۇلىمەن قىيا – چىياغا…
2
ئىشخانىدىن چىقتىم يىلاندەك،
ۋاقىت مېنى چاقىدۇ تىنماي.
چىڭقى چۈشنىڭ شىرنىلىرىنى،
بىر توپ چىۋىن يالايدۇ قانماي.
ئاپتوبۇستا،
«تۇرپان» ژۇرنىلىنى ئوقۇپ ئولتۇرسام
يېنىمدىكى سىمىز بىر ئايال،
تۇپان دەپ ھەجىلىدى تۇرپان دېگەننى.
ئاۋازىمنى قويىۋېتىپ كۈلۈپ سالدىم،
بىلىپ – بىلمەي يۈرىكىمنى تۇتۇپ سالدىم.
توۋا…
يېنىمدىلا ئۆرە تۇرغان بوۋايغا
ئۇنتۇپتىمەن
بوشۇتۇشنى ئورۇندۇقۇمنى.
يەرگە يەنە چۈشتۈم پەرىشان،
ھېچكىم بىلمىدى خىياللىرىمنى.
3
سېنىڭ ئاناڭ نېمىش قىلىدۇ
نان ياقىدۇ.
سېنىڭچۇ؟
ئاش ئىتىدۇ.
ئاش ئېتىدۇ.
سېنىڭچۇ؟
كىر يۇيىدۇ.
مېنىڭچۇ؟ شېئىر يازىدۇ.
يالغۇز ئوغلۇم بىر توپ بالىغا،
بېرەر ئەنە شۇنداق چۇرۇقلاپ.
ئانا!
رەسىم سىزسام تام قاناپ كەتتى،
دەپ قالىدۇ گاھى بۇقۇلداپ.
ئىشىنىپ قېلىپ ئۇنىڭ گېپىگە.
دەپ سالىمەن مەنمۇ تۇيۇقسىز:
«سۇمۇ يىغلايدۇ تاش ئاتما بالام».
سەن مەن بولغاندا، مەن سەن بولغاندا،
ئۇ يەنە مۇشۇنداق باشلار ھېكايە:
ئايغا چىقىمىز،
يۇلتۇز بەك جىقكىن
ئۆيىمىزگە ئېلىپ چۈشىمىز
ئۇلار سېنى ئىمىپ چوڭ بولسا،
قاتار قىلىپ ھويلىمىزدا
مومام بىلەن بىللە باقىمىز…
ئۇنى سۆيۈپ باغرىمغا بېسىپ،
كۆز يېشىمنى يۇتىمەن مەغرۇر.
كېچە يەنە ئاۋازىڭدەكلا
ئېپ كېلىدۇ خەتەر ھەم ھۇزۇر.
4
يېنىمدىكى دوستۇمنى يېنىك نوقۇدۇم،
14 – قۇردىكى خەتنى تەكرار ئوقۇدۇم:
تۈتەكلەردەك يۈرىدۇ لەيلەپ،
تارام – تارام كوچىلارئارا.
يۈرىكىگە ئوىشايدۇ ئۇنىڭ،
كۆل بويىد چىقىلغان كوزا.
قىزىق تاشقا دەسسەپ يالاڭياق،
كۆز تىكىدۇ دېسىڭىز تەرەپكە.
جىرىلدىماس يالغۇز چېكەتكە.
تۈۋرۈكلەرگە پۈتكەن يېزىقتەك،
سىرلىق پېتى ياشايدۇ ئۇلار.
ئىسسىق ياشتەك چايقىلار جىمجىت،
ئايىقىغا تۆكۈلگەن نۇرلار
سۇ ئايلىنار ھورغا خىرامان،
تىرەكلەرمۇ كۆيىدۇ دەھشەت.
سوزۇلماقتا مۇڭلۇق كۈي بولۇپ،
ئايالدەكلا ئۇلۇغ مەدەنىيەت.
قورام تاشنى كېسەلمىسىمۇ،
كېسەلمەيدۇ تاش بولۇپ ئۆزى.
يىشىنمەكتە ئايال پاتىشا
قانغا تولدى كېچىنىڭ كۆزى.
يۇتۇپ كەتتى ئۇلارنى توپان،
لېكىن يىللار قەي قىلدى ئۇنى.
چىرىتمىگەن بىر تال مېۋىدەك
كۆكلىمەكتە ئۇلارنىڭ خۇنى.
ئاق ئاي سۇندى يۈتمىدى لېكىن،
بۇ جاھاندىن مۇقەددەس گۇناھ.
13 ياشقا كىرگەن قىس سېنى،
ئۆز قولىدا كۆمدى بىر ئاتا…

ھاياجاندىن جۇدۇلداپ تۇرۇپ
كىتابنى ياپتىم،
ياق! ياق… ئېزىپتىمەن
كېنى كۈتكەن ئازابنى تاپتىم.
ئەزان چىقتى…
سېنىڭ قولۇڭدا
دېرىزەمنى ئاۋايلاپ ئاچتىم.
قۇلىقىمدا،
ئوغلۇمنىڭ تۈنۈگۈنكى ئاۋازى:
«ئاپتاپ چىقما،
ئاپتاپ چىقما!
بەش بالاڭنى ئاغاچ چىقما.
بەش تال گۈللام ئاغاچ چىق…

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ