بۇلبۇل بلوگى

0

قۇمگۈلى

201

قۇم سېنى ئۆركەشلىگەندە دالا زىلۋالىشىدۇ
سېنى تولغان دېيىشىمدە ئاساسى بولمايدىغان مۇھەببەت كۆز ئاچىدۇ
سېنى پورەكلەيدىغان يەنە بىر مۇمكىنچىلىك
سېنىڭ ماڭا بولىدىغان ئىنچىكە پوزىتسىيەڭ
قول تۇتۇشۇپ ماڭايلى، دېيىشتۇق قولىمىزنى يوشۇرۇپ
بارماقلىرىمىز كېرىشتى. بىزنى تىڭشايدىغان قېنىمىز
تۇمان باسقان يۈرىكىمىزدە بىزنى جىبسىلاشتۇردى
سېنى ھېكايىدىن ئۇچرىتىش ئۈچۈن
جىمى ئوبرازلارنى تازىلايمەن
تېمىۋاتقان ئۆلۈم شىرنىسىدە
توپ-توپ پروزىچىلار ئۆزلىرىنى ئانانىزمغا ئاتايدۇ

تىنجىق كۆزۈڭدە ئىللىق تىترىدىم
كۆكسۈڭ ھەققىدە زارلانمايمەن تولىۋەرسۇن
مېنى ئورايدىغان بارچە سۆزلىرىڭ
بۇلاقتەك قۇرىدى. بۇلدۇقلايدىغان يەنە بىر بۇلاقتا
تەنھالىقىڭ شىلدىرلىدى
ئەي، سەن
مېنى ئۆزۈڭگە قوشۇپ چېچەكلەيدىغان قۇمگۈلىسەن
مېنىڭ ئېچىلىدىغان باغرىمدا
ئېغىنايسەن لېۋىڭ قانيۇقى
سېنىڭلا بولىدىغان دېمۇكراتىيەدە
راۋان تېنچلىنىمىز

تېرەكلىكتە گۈزەل زاۋاللىرىمىز بولىدۇ
كېچىمىزدە ئېيىمىزغا چۆمۈلىمىز
سەن ئاستا پىچىرلايسەن
مەن ئىسمىڭنى ئۈنلۈك ۋارقىرايمەن قۇمغا كۆمۈلۈپ
يەنە تېخى نۇقۇپ قويىمەن
قەستەنلىكتە سەنتۈرۈلۈپ سېنى سىنىغان بولىمەن
سەن ئېچىلىسەن
مەن ھىدلايمەن

2016- يىل 25- فېۋرال كەلپىن

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ