بۇلبۇل بلوگى

0

قىزلار، ئەي قىزلار

212

چۇغلۇق تاغدىدۇر، بۇلبۇل باغدىدۇر،
ھايات بايرىمى ياشلىق چاغدىدۇر.
ئويلاپ ئوينىغان كۆز ياشتىن خالىي،
بىئەقىل قىزلار ھەسرەت-داغدىدۇر.
باھاردۇر، گۈلدۇر قىزلاردا ياشلىق،
ياشلىق يولىمۇ چاتقاللىق، تاشلىق.
قىزلار، ئاھ قىزلار، بولايلى سەگەك،
ياراشماس بىزگە ئارتۇق بەڭباشلىق.
پۇلنىڭ كەينىدىن ئەگەشمەيلى بىز،
ئالۋاستىلارغا يۆگەشمەيلى بىز.
قىزلار، ئەي قىزلار، ھايات بېغىدا
ئېچىلماي تۇرۇپ تۈگەشمەيلى بىز.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ