بۇلبۇل بلوگى

0

قىز

255

نازۇك چېۋەر چاققان قىز،
جانغا ئوتنى ياققان قىز،
كىرپىكىدە ئوينىتىپ،
قىيا كۆزدە باققان قىز.

ئۇقتۇرماستىن سىرىنى،
تاشلاپ كۆزنىڭ قىرىنى،
ئۇيالدۇرۇپ پەرىنى،
ناز ئۇيقۇدا ياتقان قىز.

تال چىۋىقتەك بويۇڭغا،
قىرغاۋۇلدەك خۇيۇڭغا،
كۈچۈم يەتمەي تويۇڭغا،
يېشىم سۇدەك ئاققان قىز.

لېۋىڭ لەئلى مارجاندۇر،
قېشىڭ جادۇ قىيغاندۇر،
ئەسلىڭ بەلكى ئىنساندۇر،
ھۆرلەر بىلەن تۇغقان قىز.

قىلىچ ئوخشاش قېشىڭدىن،
مەن ئايلىناي بېشىڭدىن،
يېراق قىلما قېشىڭدىن،
كۈلۈپ قويۇپ قاچقان قىز.

ماڭا قاراپ قويمايسەن،
ئاينى ئېلىپ ئوينايسەن،
ئەھۋالىمنى سورىمايسەن،
مەرۋايىتلار تاققان قىز.

سىياھ زۇلپۇڭ ئەنبەردەك،
كۆز قارىشىڭ شەمشەردەك،
كىرپىكلىرىڭ خەنجەردەك،
كۇھىقاپتىن چىققان قىز.

ئەي رەھىمسىز نادان قىز،
ئىنسانلىقىڭ گۇمان قىز،
پەرىزاتمۇ ئاناڭ قىز،
كۆز ئوقىدا ئاتقان قىز.

باغقا بارساڭ بارارمەن،
ئىشلىرىڭغا يارارمەن،
بىللە ئالما ئۈزەرمەن،
ئالما بىلەن ئاتقان قىز.

كېچە-كۈندۈز يىغلىدىم،
يۈرىكىمنى داغلىدىم،
نە دەپ ئۈمىد باغلىدىم،
بۇتتەك بولۇپ قاتقان قىز.

قىز دەپ ئېيتتىم پەرىسەن،
قوشۇلماقتىن نېرىسەن،
جاللاتلارنىڭ پىرىسەن،
ئاشىقىنى ساتقان قىز.

توزمۇ خېجىل نازىڭدىن،
بۇلبۇل غەمدە سازىڭدىن،
گۈل غۇنچىسى ئاغزىڭدىن،
ئەگمە قاشنى ئاتقان قىز.

بەكمۇ كۆيدۈم سەن قىزغا،
پەرىزاتقا تەڭ قىزغا،
تەڭ ئىشلىسەم ئېتىزغا،
كەھرىۋادەك قاتقان قىز.

قەتلە قىلما داغىڭدىن،
قۇرۇق قويما باغىڭدىن،
خۇشال پۇرسەت چاغىڭدىن،
ئاينى كۈنگە چاققان قىز.

ئاينى كۆرۈپ يېراقتىن،
قىينىلىمەن پىراقتىن،
قاراپ قويۇپ نېراقتىن،
قۇرغۇي بولۇپ ئۇچقان قىز.

دەردىڭ ئېشىپ دەمبەدەم،
بولدى جانغا مىڭ ئەلەم،
كېچە بىدار، كۈندۈز غەم،
قامىتى ياراشقان قىز.

ھەر باھارنىڭ يازى بار،
يۈز مىڭ تۈمەن نازى بار،
گۈل ۋە بۇلبۇل سازى بار،
ھەممىسىنى يىغقان قىز.

باشقىلارنى كۈلدۈرۈپ،
مېنى ئوتتا كۆيدۈرۈپ،
كۈندە يۈز مىڭ ئۆلتۈرۈپ،
چاقماقتا ئوت چاققان قىز.

رەھىم قىلىپ جېنىمغا،
بىر كەلمىسەڭ يېنىمغا،
زامىن بولىسەن قېنىمغا،
قونچاقتەك ئويناشقان قىز.

چىدىيالمايمەن كۆرمىسەم،
كۆزۈمگە بىر سۈرمىسەم،
قول ئېلىشىپ يۈرمىسەم،
مۇرادىنى تاپقان قىز.

كۆرسەم كېتىمەن ھوشۇمدىن،
قولغا قونغان قۇشۇمدىن،
سۆزلىيەلمەيمەن چۈشۈمدىن،
ئەقلىم ئېلىپ قاچقان قىز.

كۆرەلمىسەم ئاشار غەم،
پىكىر-يادىم دەر: سەنەم،
ئۆزۈم بىھوش كۆزۈم نەم،
ھۆسنى بەك ياراشقان قىز.

بىر كۆرسىتىپ قېشىڭنى،
ئۈنچە تىزغان چىشىڭنى،
چايقاپ قويدۇڭ بېشىڭنى،
مېنى بوزەك تاپقان قىز.

شەرەت بىلەن «كەت!» دەيسەن،
ھالىمغا ھېچ يەتمەيسەن،
خچيالىمدىن كەتمەيسەن،
كىم شۇنداق ئوقۇتقان قىز؟!

بۇلاق دەيمۇ كۆزۈڭنى،
قۇياش دەيمۇ يۈزۈڭنى،
بىر ئاڭلىسام سۆزۈڭنى،
دوستىنى ئۇنتۇغان قىز.

مېنى شۇنداق قىينامسەن؟!
رەقىب بىلەن ئوينامسەن؟!
ماڭا بويۇن تولغامسەن؟!
جاننى دارغا ئاسقان قىز!

چارە يوق بۆلەك مەندە،
رەھىم بارمۇ ھېچ سەندە؟!
قىلما مېنى شەرمەندە،
سۆيگۈدىن ئاداشقان قىز.

تاڭ ئاتسا قىلىپ نالە،
چىرايىم سېرىق لالە،
ياشقا تولدى پىيالە،
يېشىمدىن ئۇياتقان قىز.

كېچە بولسا بىدارمەن،
ھۆسنۈڭگە خېرىدارمەن،
ۋەسلىڭدىن ئۈمىۋاارمەن،
ئىشق ئوتىنى ياققان قىز.

يېنىمدىن ئۆتۈپ ھەريان،
ئەقلىمنى قىلىپ ھەيران،
ئەل ئىچرە قىلىپ ۋەيران،
قېرىغاندا تاپقان قىز.

سەن ئۆتسەڭ خىرام ئەيلەپ،
يېشىمنى راۋان ئەيلەپ،
دۇنيانى ھارام ئەيلەپ،
ماڭسام ئاستا قاچقان قىز.

غۇنچە بويلۇق كۈمۈش تەن،
سۆچۈڭ شېكەر، لېۋىڭ قەنت،
باغ ئىچرە قىزىل گۈلشەن،
لاچىن كەبى ئۇچقان قىز.

گۈلشەن ئىچرە سەن بىر گۈل،
شېخىڭغا بولاي بۇلبۇل،
ئۆمرۈم بويى بولاي قۇل،
ھەق شۇنداق ياراتقان قىز.

خەلقىئالەم كۈلۈشەر،
بەلكى زاڭلىق قىلىشار،
باشقا كەلسە بىلىشەر،
ئاي چىراي تالاشقان قىز.

«قېرى!» دەپ قاراپ قويماي،
ياكى سەل ماراپ قويماي،
ساقىلىم تاراپ قويماي،
قۇتۇلمايسەن، چاققان قىز.

قار ئاستىدا قالغان باش،
چېچىم ئاپئاق، ئۆزۈم ياش،
قىزلارغا ئاتارمەن قاش،
ئىستىكىنى تاپقان قىز.

كۈندۈز دېسەڭ كۈندىمەن،
كېچە دېسەڭ تۈندىمەن،
نەدە بولساڭ شۇندىمەن،
ئاپىسىدىن قورققان قىز.

نىمشېھىتنى لال قىلدىڭ،
قامىتىنى دال قىلدىڭ،
ئەسلىدە ۋابال قىلدىڭ،
ئىشق بىلەن سىناشقان قىز.

 

1955-يىل مارت. ئۈرۈمچى

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ