بۇلبۇل بلوگى

0

قىز قوۋم

265

 

 

قىز قوۋم، قىز قوۋم، گۈزەل قىز قوۋم،

سەن ماڭا سىڭىلمۇ ۋە ياكى ئاچا؟

ھەر كۈنى لىق تولار ساڭا چېچىنى

ياساتقان ئەرلەرگە بىزنىڭ بۇ كوچا.

 

سەن يۈرگەن بۇ شەھەر گۈلزارەي-گۈلزار،

سەن تېخى بىر ئوماق گۈل بەرگى ماڭا.

بىر ئاددىي ئېكراندا ناخشا ئېيتىمەن

سۆيگۈسىز قەلبىمنى ئىزھارلاپ ساڭا.

 

ئىچىمگە بۇلۇتتەك پۈركۈيدۇ سايە،

كۆزۈڭدە كۆكلىگەن قىزلىق ئورمىنى.

مېنىڭمۇ بېشىمدىن-تاپىنىمغىچە

پارلىنىپ تۇرىدۇ ياشلىق ھورمۇنى.

 

خالىساڭ بىر كېچە ئەللەيلىنىۋال،

كېلىنسىز ئانامنىڭ كەڭ قۇچىقىدا.

يىگىتلىك شەبنىمىم كۆيمەكتە بىراق

سەن تۇرغان بىنانىڭ گاز ئوچىقىدا.

 

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ