بۇلبۇل بلوگى

0

قىتئەلەر

208

1

يا كۈچۈڭ بولسۇن بىلەكتە، يا قورساقتا ھۈنىرىڭ،

يا ئىلىم ئەھلى بول ياكى بولسۇن زەرلىرىڭ.

تەگمىسە تۆتنىڭ بىرىدىن ئادىمىيلىك بىر ئۈلۈش،

مەن ئادەم دەپ يۈرگىنىڭدىن ياخشىراقتۇر ئۆلگىنىڭ.

2

تەلمۈرۈپ تۇرساڭ قەپەستە كۈندە تەييار داننى يەپ،

ئاخىرى پەرۋازىدىن قالغاي قاناتۇ پەرلىرىڭ.

شاھمۇ سەن، سۇلتانمۇ سەن، بولسا بىمىننەت ئاش-نېنىڭ،

تۈگىمەس خەزىنىدۇر ئۇ تامچە-تامچە تەرلىرىڭ.

3

قاغا-قۇزغۇن، سېغىزخان قۇرسا جەمشىت بەزمىنى،

بۇلبۇل ئۈچۈن سۈكۈتتە جايى خىلۋەت غەنىيمەت.

ھەقىرلىنىپ كۈندە مىڭ ئۆلۈپ تىرىك يۈرگۈنچە،

مەرد مەيداندا ئۆلمەككە يەتسە نۆۋەت غەنىيمەت.

4

بۇلۇتلار قونسىمۇ، بوغدا كۆمۈلمەس چاڭ-توزانىغا،

شەپەقتە تاۋلىنىپ ھەر تاڭ، سۈرەر ئۆمرىنى مىڭ دەۋران.

ئۇدۇم بوپقالدى كۆڭلۈمدە مۇھەببەت ئەھلىگە ھېرىسلىك،

بوۋام ئىچكەنىدى چۈنكى بۇ جامنى تولدۇرۇپ چەندان،

ئاقار ئېرتىش سۈيى بىر كۈن كۈمۈشتەك يالتىراپ ئەركىن،

ۋىسال مەۋجىدە مىسكىنمۇ بېلىقتەك قىلغۇسى جەۋلان.

1947-يىل 2-مارت، ئۈرۈمچى

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ