بۇلبۇل بلوگى

0

قىشنىڭ ماڭا قىلغانلىرى

238

 

 

سېنى ئەمدى بىر ناتونۇش كەبى قارشىمغا ئېلىپ

خۇددى سېنى تىلغا ئالمايۋاتقاندەك قىلىپ

خۇددى مېنى تىلغا ئالمايۋاتقاندەك قىلىپ

ھەتتا سۆيگۈنىمۇ تىلغا ئالمايۋاتقاندەك قىلىپ

بوران-چاپقۇن ۋە ھۇزۇرنى سۆزلەپ بېرىمەن ساڭا

 

يىللارنى ۋە يوللارنى، پىرىستانلارنى ۋە بوران-چاپقۇننى

ۋە سۆيگۈنىڭ ئىسمى پەقەتلا تىلغا ئېلىنمىغان شىمالىنى

سۆيگۈنىڭ بۇ شىمالدىن قانداق يىقىتىلغانلىقىنى،

ئەمدى مەڭگۈگە مەھرۇم قالغانلىقىمىزنى

سىھىرنىڭ ئاخىرلىشىشىنى،

 

پەقەت كېرەك بولمىغان يىللاردا ھۇزۇر،

بەك كېرەك بولغان يىللاردا بولسا بوران-چاپقۇن

قانداق باشتىن كەچۈرىلىدۇ بۇنى سۆزلەيمەن.

 

سېنى بىر ناتونۇشتەك قارشىمغا ئېلىپ

بۇنىڭ چىداملىق بىر نەرسە ئەمەسلىكىنى

داۋاملىق قىلىنمىغانلىقىنى، چۈنكى سۆيگۈنىڭ

قىلىنغان بىر ئىش ئەمەسلىكىنى،

باشتا بىر پەرىشتىنىڭ قونغىنىنى

ئاخىرىدا بىر كېپىنەكنىڭ ئۆلگىنىنى،

يەنى قىسقىلا داۋام قىلغىنىنى، ھالبۇكى ھاياتنىڭ

قورقۇنچلار ۋە ئادەتلەرنىڭ بىر پۈتۈنى

ئىكەنلىكىنى،

پۈتۈن بۇلارنى ساڭا

قانداق سۆزلەپ بېرەي

 
* * * * * * *

ئاپتور: بىرخان كەسكىن

تۈركچىدىن ئەنۋەر ھامىت تەرجىمىسى

* * * * * * *

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ