بۇلبۇل بلوگى

0

قىممەت قانۇنى

214

(1)

بەزەن
قەغەزگە دىۋەيلەپ
چاچراپ چىقار بارماقلىرىمدىن
ھايۋاندەك ھۆركىرەپ شېئىرلار…

(2)

يۈرىكىمنىڭ سوقۇشلىرىدىن
ياسىۋاپتۇ قۇياشمۇ ساقال!

(3)

قادىر خۇدا
كېچىلەرنى توشۇپ دەممۇ دەم،
ئۇۋار ياسار كىرپىكلىرىمدە…
كۆزلىرىمدە يۇيۇنسا ئەگەر،
تەشۋىشىمنى ئەۋەتىپ ياياق
قويارمىشمەن ئۇنى ئەدەبلەپ…

(4)

ئۇيقۇ
نەغمىسىنى سالسا بازارغا،
گاداي قەبرىلەر
يىغىلارمىش تەرەپ-تەرەپتىن؛
تىلىسە يارماق،
يانچۇقلىرىدىن
تۆكەر ئىمىش ئەرۋاھلىرىمنى…

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ