بۇلبۇل بلوگى

0

قەشقەردىكى يەرشارى

440

سالام ئۇيغۇر دېگەندە قۇياش،
سالام ئۇيغۇر دېگەندە تارىخ،
قەشقەر شەھىرى ئوخشار قەسىرگە.

يۇلتۇزلار پەرۋاز قىلار تاڭ سەھەردە،
پەسىللەر پەرۋاز قىلار دەرەخلەردە،
بۇ شەھەر پەرۋاز قىلار چۆچەكلەردە.
بۇ يەردىكى ئادەملەر،
پەرۋاز قىلار يۈرەكلەردە.

ئات قۇشۇلغان،
قىزىل سايىۋەنلىك مەپە
تاڭ سەھەردە ئۆتتى يېنىمدىن،
جىرىڭلىتىپ قوڭغۇرىقىنى.
سېۋىتىنى قۇيۇپ بېشىغا
گىردە سېتىپ يۈرگەن بىر بالا
تاڭ سەھەردە ئۆتتى يېنىمدىن.
قۇشلار،
ھارۋا،
سۇمبۇل چاچلىق ئايال،
يەنە بىر ئايال،
كۆز،
ئەتلەس كۆڭلەك،
ساقال
تاڭ سەھەردە ئۆتتى يېنىمدىن.
مەن
كىشىلەر چاي ئىچىۋاتقان،
مۇڭدىشىۋاتقان،
يۆتەلگەن ،
چەينەك جۇغىسىنى
پىيالىگە تەگگۈزۈپ
چاي قويغان،
چاي شامىسىنى پۈۋلەۋاتقان،
كىشىلەر
بىر-بىرىگە بېقىپ
گەپلەشكەن،
سەنلەشكەن
قايناق چايخانا ئالدىدا ئۆتكەچ،
كىملىكىنى بىلىندۈرمەستىن
كۆيۈۋاتقان مەخپىي ئاشىقتەك
ئوغۇرلۇقچە كۆيۈپ يۈرىمەن.
كوچىدىكى ھەممە نەرسىگە
قاراپ-قاراپ يەنىلا تويماي
نۇردەك ئۈنسىز سۆيۈپ يۈرىمەن.
سۆيىمەن
ئاق نۇرىدا تۇرغان ئاق تېرەكلەرنى،
جىمجىت تۇرغان كۆلەڭگۈسىنى،
ئېرىپ كەتكەن كۆلەڭگۈسىنى.
سۆيىمەن سىنتەبىردە ياغقان يامغۇرنى،
ماي يولدا جىم ياتقان يامغۇرنى،
ئەنسىز يىغلاۋاتقان يامغۇرنى.
ئەينەكلەرنىڭ سۇنۇقلىرىغا
نۇر مارجىنى چاچقان يامغۇرنى.
سۆيىمەن مەسجىتتىن قايتار ۋاقىتتا
خۇدانىڭ قولىدىن ئاققان يامغۇرنى.
سۆيىمەن
ئۈندىكى قارنى شامالنى،
چىملىقلاردا،ئېرىق بويىدا
سازاڭ تېرىپ يۈرگەن باھارنى.
12-ئاينى،12ئاينى،
چوڭ كوچىنى خالتا كوچىنى،
تىلەمچىنى،پالچى ئايالنى،
تەشتەكلىك،تەشتەكسىز دېرىزىلەرنى،
سېنى ھەم ئۇنى.
سۆيىمەن مىلادىدىن بۇرۇنقى
ۋە كېيىنكى تارىخنى،
سۆيىمەن تارىخنىڭ كەلگۈسىنىمۇ.

بېكەت ئىچىدە
بايا ماڭا ئەنجۈر ساتقان چال
(ئۇنتۇپ قالغان بولسا كېرەك)
ئەنجۈر ساتتى يەنە بىر نۆۋەت.
بارلىقىنى بىلمەس ئۇ مەندە
ئەنجۈردىنمۇ شېرىن مۇھەببەت.
تۇنۇشىمەن بۇ مۇھەببەت بىلەن
تۇنۇشلارغا،ناتۇشلارغا،
كوچىدىكى ئاپتۇبۇسلارغا.
ئۇزۇن يوللۇق تېلىفۇن سىمىدەك
تۇتىشارمەن مۇھەببەت بىلەن
قەشقەردىنمۇ يىراق جايلارغا.
لاتۋىيىگە،فىرانسىيەگە،
شىمالىي قۇتۇپتىكى ئېسكىمۇسلارغا،
ئاق تەنلىكلەر ئارىسىدىكى
يۇلتۇزلۇق كېچىدەك ئۆچمەس نېگىرغا.
ئاتلانتىك ئوكيان بويلىرىدىكى
غار غالتىغا،بېلىقچى قىزغا.
يىراق چىلى ئورمىنىدىكى
يېنىك،جىمجىت ئاي نۇرلىرىغا.
سۇ ئاستىدا كەچكى شەپەق
قىزىلگۈل بۇلۇپ ئېچىلىپ قالغان
گۇگۇمدىكى نىل دەرياسىغا.
مەن بۇ كىچىك زېمىندا تۇرۇپ
تارىم دەرياسىنىڭ دولقۇنى بۇلۇپ
كېتەلەيمەن دېڭىزلارغا قۇشۇلۇپ.
مەن ئالتاي ئورمىندىكى بىر يۇلتۇز بۇلۇپ
بېرەلەيمەن پەلەستىنلىك ئايالغا
مەھبۇبىنىڭ قەبرىسىنى يۇرۇتۇپ.
مەن
بەخت تىلەيمەن ئەيسا تىلىدا
كرېست كۆتۈتۈپ ئېرۇسالىمغا
كېتىۋاتقان ياش يەھۇدىيغا.
مەن تەكلىماكاننىڭ تومۇز-تومۇز پەسلىدە
سالام بېرىمەن قۇمنىڭ رەڭگىدە،
ياۋۇرپانىڭ يېشىل رەڭگىگە.
ھاۋا بۇلۇپ كۈلۈمسىرەيمەن
كەڭ زېمىننىڭ ھەممە يېرىگە.
مەن نۇر چېچىپ تۇرغان بىر چېكىت،
يەر شارىنىڭ خەرىتىسىدە.
قەشقەر
ماڭا ئوخشاش كىچىك بىر شەھەر.
بازىرى ھېيتگاھ
جىمجىت يۈرەكتەك
جىمجىتقىنا مەسجىت مۇنارى.
كۆز
سۆزلىيەلەيدىغان كۆز.
خۇدا
بەندىسىز خۇدا.
دۇنيا
ئاغزى دۇنيا.
ناخشا
ئېيتىلمىغان ناخشا.

ھېيتگاھ بازىرى ئالامەت بازار،
ئۇيغۇر ئۇيغۇرغا قىستىلىپ بارار.
ئاشىقلار گۈل ئالغىلى كېلەر،
كۆزسىزلەر كۆز ئالغىلى كېلەر،
سۈكۈتلەر سۆز ئالغىلى كېلەر.
ئەرلەر جاننى سېتىپ نان ئالىدۇ،
ئوسما سېتىپ ئالىدۇ ئايال.
يىگىتلەر يۆلىنىپ رېشاتكىلارغا
يات بىر شەھەردە تۇرغانغا ئوخشاش،
كۆزىتەر ھەممىنى بىپەرۋا،قىيپاش.
بىر بوۋاق كوچىغا چىقار يالىڭاچ،
چوڭلار ئۆرە-تۆپە بۇلۇپ تۇشمۇتۇش
شۇ ھامان كۆيدۈرمەك بولار ئۈستىباش.
گۇڭگا شائىرنىڭ تەسەۋۇرىدا
ئادەملەر يۈرىكىدىن كۆرۈنەر قۇياش.
ھېيتگاھ مۇنارى،
ئەنسىز دۈپۈلداۋاتقان
يۈرەككە ئوخشاش.

ساقىنامە

بىر توپ ئۇرۇق پەرىشتىلەردەك
مەغرۇر بىز ھەم،
بىچارە بىز ھەم.
توختىماي جىرىڭلار كۆڭۈل تېلىفۇنى،
ئېھ،ئۇنى ئالغىلى چىقمايدۇ ئادەم…
قات-قات غېرىبلىق
مىڭلىغان سۈپسۈزۈك ئادەملەر ئارا…..

ئۇزاتقىن ساقى
تولدۇرۇپ قەدەھقە دەل-دەرەخلەرنى،
يامغۇرنى،پاتقاقنى،ئاينى.
قەشقەرنىڭ ئاي تۇغقان كوچىلىرىنى،
ئادەملەر مىغىلداپ تۇرغان بېكەتنى.
توشقۇزۇپ ئەسەبىي قىزغىنلىقىڭغا
بوراننى قەدەھقە سالغەندەك سېلىپ
دىۋىدەك سۇنۇپ بەر قەسەھنى ماڭا.
ئۇزاتقىن ئەسەبىي قىزغىنلىقىڭنى…
بىر نۆۋەت ئەپۇ قىل لوگىكاشۇناش،
بىزنىڭ ساقىمىز
ئۇزاتسۇن بىر قەدەھ بىمەنە خىيال،
غالجىرلىق كەم بولدى بىزدە ئېھتىمال.
ئۇچرىتىپ قالساقلا ئۆز-ئۆزىمىزنى،
يۇمماقچى بولىمىز كۆزلىرىمىزنى.
ئاجايىپ سۆلەتلىك روھىي كېسەللەر
ئۈستەلدە،كوچىدا،ئېسىل كىتابتا
ۋە ياكى ئۇقۇمۇشلۇق ئادەملەر ئارا
خىزىردەك يۇلۇقۇپ تۇرىدۇ دائىم….
قايتىمەن تەڭشىلىپ قاۋاقخانىدىن،
ئۆچمەكتە يۇلتۇزلار،
ياندۇرغان شاملارمۇ سەن ماڭا ئاتاپ،
ئۆچۈشكە باشلىدى ئاستا پىلىداپ…
قۇياش
شاراب ئىلاھىنىڭ قۇيرۇغىدەك
ئۇچۇپ يۈرەر قاۋاقخانىدا…
قاۋاقخانا
كالا كۆزلۈك جۇۋاندەك
ئەركەكلەرنى قىلار مەھلىيا.
شارابلارنىڭ خۇش بوي بەرگىگە،
قەدەھلەرنىڭ ئوتتەك لىۋىگە،
يىغلاۋاتقان شامنىڭ كۆزىگە
كۆمۈلىدۇ ئەرلەرنىڭ تېنى.
-نە سەۋەبتىن ئىچتىڭ قەلەندەر،
-بەك ۋاپاسىز چۈنكى ئادەملەر.
-ئىچمەيلىمۇ بۈگۈن،
-نېمىشقا؟
-ئىش ھەققىمنى ئالدىم قۇلۇمغا.
-سىزچۇ ئەپەندى؟
-كىم ئىچىدۇ،ئىچمەي تارىخچى.
-سەنچۇ ھوي بالا،
-چوڭلاردىن سورا.

جان كەيپلىك،جانان كەيپلىك،
تەننىڭ قارا چاچلارى
يوتىسىدا يەلپۈنەر يىللىق.
كوچىدىكى قاراڭغۇلۇقتا
يۇلتۇز قىزلار تۇرىدۇ كۈلۈپ.
سەن بىلمەيسەن،
ئېتىڭ نېمە،ئۆيۈڭ قاياندا،
سەن بارمۇ-يوق مۇشۇ جاھاندا.
ئۇخلىغىنىڭ يادىڭدا پەقەت
بىر كېچىدەك،بىرەر سائەتتەك،
بىر ئەسىردەك،ئىككى ئەسىردەك.
سەن كۆزۈڭنى ئاچقان ۋاقىتتا
كوچىدىكى مۇنار ئۈستىدە
قىيسىق قۇياش تۇرار ساڭگىلاپ…
گىرە سېلىپ ئاق كۆڭۈل يارغا،
يىغلىۋالغۇڭ كېلىدۇ راسا.
باي بولماقچى بولغان سودىگەر
ئەتلەس ساتماي سېتىش كېرەك مەي.
توي لەرزىتى مەيدە ئەمەسمۇ،
ئۇسسىساڭمۇ ئىچىش كېرەك مەي.
يول سۈپۈرگىچى
مەنسىپىنى قۇتلار مەي بىلەن
بىر كوچىغا باش بولغان كۈنى.
كاتتا ئەمەلدار ئەمىلىدىن ئايرىلغان كۈنى
مەيخانىدا يىتتۈرۈپ قويار
ئۇزۇن يىللىق سالاپىتىنى.
تەستىقلايدۇ مەستلىكتە سوتچى
ئۆز-ئۆزىنىڭ جازا خېتىنى.
مەست دوختۇر
نېرۋا كېسەل كىرسە ئۇشتۇمتۇت
چېكىسىگە سۈركەپ قويار يود.
يېشىلمەي ئوغرى مەستلىكىدىن
ئاپتۇبۇستا دەلدەڭلەپ تۇرۇپ
يانچۇقلارغا ئۇزىتىدۇ پۇت.
مەيخانىغا كىرسە قەلەندەر
كۆرۈنىدۇ مەيخانا ئىچى
ئوردىسىدەك ئەڭ سېخى شاھنىڭ.
مەست بولغاندا ئاقىل تارىخچى
يىلنامىلەر مەست بولار بىر-بىر
تاپالمايدۇ ئۆز تارىخىنى…..

سەن كېتىسەن مەي ئىچمەس شائىر
چوڭ شەھەردىن خىلۋەت دالىغا.
بۇلاق يېنىڭ شىلدىرلاپ تۇرار،
كەيپ بولغۇڭ كەلمەس زادىلا.
سەن يىغلايسەن،ئوخشار تەبىئەت
باغرى يۇمشاق ئاق دىل ئانىغا.
شاراب ئىلاھى
قەشقەردىكى قاۋاقخانىدا.

قۇشلار

ۋەتەنسىز قۇشلار
پەسىللەرگە ۋەتەن دەپ يىغلار.
سەرسان شامال كۆتۈرۈپ يۈرەر
غازىڭىنى ئۆز ۋەتىنىنىڭ.

غېرىبلىقتەك
ئېگىز بىنا.
قوشنا ئۆيدىكى ئادەم.
تام.
ئىككىنچى قېتىملىق ئۆرپ-ئادەت.
توي.
ناتۇنۇش دەپنە مۇراسىمى.
قۇشلارنىڭ يېشى.
ئەينەك غېرىبلىق.
قول يەتمەس ئىشىك.
كارىۋات.
قاچقان ئۇيقۇ.
ئۇچۇق دېرىزىدىكى
ئاپپاق ساڭگىلاپ تۇرغان
ۋەتەننىڭ مۇزلىغان قۇلى.
غەم تولغان كۈلدان.
ئايرۇپىلان.
دېڭىز.
قۇشلارنىڭ يېشى.
ھەممە يەردە يات ئادەم.
مەيلى تۇر پارىژنىڭ گۈزىلى بىلەن،
يەنىلا ئۆزۈڭنىڭ ئەمەستەك كۈلكەڭ.
ئەسلەيسەن نەم قىلىپ قولياغلىقىڭنى،
ۋەتەندە دەردىڭمۇ ئۆزۈڭنىڭ دەردى.
ۋەتەندە يىغاڭمۇ ئۆز تىلىڭ بىلەن.
مىليۇنىر بوپ كەتكىن بەرىبىر يەرلىك،
قەلەندەر ئالدىدا بىر كەپەڭمۇ يوق،
ھەر كىم باقالايدۇ كۆزۈڭگە سوغۇق.
مەيلى سەن شاراب ئىچ ئالتۇن قەدەھتە،
بىر كۆپۈك چىقسىلا ئۈستىگە لەيلەپ
ئوقۇساڭ يېزىلغان ۋەتەن دېگەن خەت.
بېرلىن ئاسمىندا كۆرىسەن ھەركەچ
جىمىكى يۇلتۇزدىن ئۇيغۇر كۆزىنى.
مۇقەددەس بۈۋى مەريەم چىركاۋى
كۆرۈنەر سەن ئۆسكەن تار كوچىدىكى
كىچىك بىر مەسچىتتەك ئۇيغۇرۇڭ سالغان.
ھەج قىلىپ مەككىگە بارساڭ مۇبادا،
تۇيۇلار يۇرتۇڭدا قالغاندەك خۇدا.
مۇبادا دوزاختا بولسىمۇ ۋەتەن،
مەڭگۈ بىر مۇھاجىر جەننەتكىمۇ سەن.
ۋەتەن،ئىھ ۋەتەن!
چىرايلىقتۇر ھەممە نەرسىسى،
چىرايلىق ئۇنىڭ قايغۇسىمۇ ھەم.
گۆھەردۇر،ئالمىدۇر،خۇش پۇراق گۈلدۇر،
ۋەتەن دالىسىدا كۆرگەن توڭ تېزەك.
ئەيسادۇر،مۇسادۇر يۇرتۇڭ ئادىمى،
يات يۇرتتا تۇغقانمۇ تۇيۇلماس دوستتەك.
ۋەتەندە بىر ناتۇنۇش بالا
يۈگۈرۈپ ئۆتكەن بولسا ئالدىڭدىن
يۈز يىلدىمۇ چىقماس يادىڭدىن.
تىللاپ سالغان بولسا ئىلگىرى،
ئۆز ئېلىڭدا ئۆز تىڭلدا ئۆز:
تاپالمايسەن دۇنيادا ھازىر
شۇ تىلدىنمۇ گۈزەلرەك بىر سۆز.
شېئىرىنى ئوقۇساڭ بەزەن
گېزىتلەردىن پاژ يا تاگۇرنىڭ؛
تېتىمايدۇ ساڭا ئۇ قىلچە،
ئۆز يۇرتۇڭدا ئېيتقان قوشاقچە.
ئۇزاتقاندا ئەرزائىل بىر كۈن
دەستە تىزىپ ئۆلۈم گۈلىدىن،
سەن ئۆزۈڭگە تۇقۇيسەن كېپەن
ۋەتەندىكى خىياللار بىلەن.
يات تۇپراققا كۆمۈلگەندە سەن
كۆمۈلىدۇ قەلبىڭگە ۋەتەن….
سېغىنغاندا قەشقەرنى
چەتئەلدىكى ھەربىر مۇھاجىر
شۇنداق يازار خەت يازسا ئاخىر.

نۇر چەكسىز

قەشقەردىكى ئاياللار
قەشقەردىكى ئەرلەرنىڭ چۈشى.

تاپىنىڭ نۇر،قاناتلىرىڭ نۇر،
كۆلەڭگەڭ نۇر،قاناتلىرىڭ نۇر،
ئاۋازىڭ نۇر،خۇش پۇرىقىڭ نۇر.
بارچە ئەر لەرچەكسىز سۇزۇلغان
قاپقاراڭغۇ تاغ-تاغ جىلغىسىدۇر.
قەشقەر گويا ئورمانلىق،
سەھەر سېنىڭ ئىزىڭ ئەمەسمۇ؟
ئويغا چۆكسەك خىيالىڭ گۇگۇم،
تۈن كېچىلەر چېچىڭ ئەمەسمۇ؟
ئاڭلىنىدۇ خىلۋەت تېنىڭدىن
شىلدىرلىشى بۇلاق سۈيىنىڭ.
تېنىڭ مۇنبەت ئېكىنزار گويا
گۈل ئېچىلغان پۇتلىرىڭ ئارا.
سەن بولىسەن كىچىك ئالمىلىق،
سەن گوياكى كىچىك مۇزىكا.
سەن ئەرشتىن چۈشكەن پەرىشتە،
مەن ئۇيقۇغا كەتكەن ۋاقىتتا.
سەن گوياكى بىرتال چۈمۈلە،
مەنىسى يوق خەت يېزىپ يۈرگەن.
سەن گوياكى نامسىز چىغىر يول،
ئەرلەر دائىم ئېزىقىپ يۈرگەن.
ئايال،ئەر ۋە كەچتىكى كارۋات،
يېنىك،پىنھان چېلىنغان بەدەن،
ئۇپرىماس ساز،مەستخۇش مۇزىكا،
ئېھـ،يالىڭاچ نۇمۇسچان خىيال،
ئېھـ،ئۆزىنى يوقاتقان دۇنيا.
نەرە تارتقان قىلىچلىق ئەرلەر
قان ئىچىگە يىقىلار بىر-بىر،
قۇل بولىمىز ئاستا بەك ئاستا.
ئۇ بىر ئايال مۇلايىم قاتىل،
ئەر ئۆلىدۇ نەيرەڭ بىلەنلا.
ئايال،ئېھـ ئايال،
ئايال،ئايال،يوللاردا ئايال،
ئەبەدىيلىك نۇرلاردا ئايال.
بۇ ئالەمنىڭ غېرىبلىقىدىن
قۇتۇلۇشقا تاپالماي ئامال،
ساڭا مۇھتاج بولدۇم،ئېھـ ئايال.
بىر جۈپ گۈزەل ئالتۇن كەشنى مەن
كۆمۈپ قويدۇم شېئىرلىرىمغا.
ۋە ئالتۇندىن ياساپ بىر كىشەن
كۆمۈپ قويدۇم شېئىرلىرىمغا.
غېرىبلىقنىڭ سوغۇق نۇرلىرى
چاقناتماقتا مېنى خانەمدە.
ئاھ،جىمجىتلىق،
سەن بەك ئېغىر قىز،
مۇزلىغان تېنىڭ.
رەسىمدىكى ئايال چولپاننىڭ
كىيىملىرى نېپىز بەك نېپىز.
توساتتىنلا مىدىرلاپ تامدا
يېشىۋەتتى باغىردىقىنى،
ئاندىن ئاستا-ئاستا…..
بىر ئوغۇل بالا،
قوش قولىدا سىقىمداپ
ھېچكىشىدىن قىلماستىن ھايا
ئانىسىنى ئەممەكتە تازا.
چەكسىز ئايال.
يات مەدەنىيەت.
ئىشىكسىز كوچا.
مۇنچىدىكى قىزنىڭ يوتىسى
نۇر چاچىدۇ ئەرلەر شەھىرىگە.

سانسىزلىغان ئىزىمىز قالدى،
تالاي كەچتە ئاشۇ كوچىدا.
بەردىم گۈزەل كۆپ سۈكۈتلەرنى،
بىرلا سۆزنى بەرمىدىم ئەمما.
ماڭغىنىمدا بىرگە سەن بىلەن،
يوق تۇيۇلار ياكى سەن يا مەن.
خىيال دەيمەن ئىشەنگۈم كەلمەي
ئىككىمىزدىن بىرسىمىز جەزمەن.
خىياللىرىم سەن ھەققىدىكى-
پارە-پارە سۇنغان ئەينەكتۇر.
ئاۋازىڭ بار،يوقتۇر ھېچنىمەڭ،
بار پەقەتلا تالا-تالا نۇر.
كۆزۈڭدە لىق بىر كوزا سۇ بار،
قېنىپ-قېنىپ ئىچىپ بۇلۇپلا
چېقىۋەتكۈم كېلىدۇ دەرھال.
بار سېنىڭدە نازۇك بىر يۈرەك،
تەكچىدىكى جانان چىنىدەك.
دەيمەن ھېچكىم تەگگۈزمىسۇن قول،
ئۇ چىنىگە مېنىڭدىن بۆلەك.
سەن مەن ئۈچۈن بىر پارچە شېئىر،
ئىزدەيمەن ئۇنىڭدىن پىكىر،
بار پەقەتلا تاتلىق ھېسىيات.

قەشقەردىكى ئاياللار
ئەرلەر قۇرغان دۆلەتتە ياشار،
يوق مۇستەققىل پادىشاھلىقى.
چۈشۈرىدۇ تەختتىن ئۇلار،
ۋە شاھ قىلار خالىسا سېنى.
بەرگەن چاغدا ئۇلار ھېسىيات،
ئايلىنىدۇ ئەرلەر شائىرغا.
ئېرىشىدۇ نوبىلغا ھەتتا.
ئەگەر ئۇلار قىلمىسا ئىنساپ،
ئايلىنىدۇ ئاقىل ساراڭغا.
كىردى ئۆيگە ھارغىن مۇئەللىم،
چايغا ئوخشاش ئىسسىق بىر ئايال
ئېلىپ كىردى پىيالىغا چاي.
قايتتى ئۆيگە كاۋاپچى يىگىت،
ئاغىچىسى چىقىپ خۇش چىراي
قوللىرىغا سۆيدى ئېڭىشىپ.
رومان يازار يازغۇچى ئەختەم،
ئورگىنالنى رەتلەپ خانىمى
كۆچۈرىدۇ ياندا پەم بىلەن.
ھەسرەتلەنسە تارىخچى بوۋاي،
مومىيىمۇ چېكەر بىرگە غەم.

كوچا -كوچا يەنە بىر كوچا،
بىر توپ ئايال چۈشكەن پاراڭغا.
-ئاڭلىلىمۇ چىرايلىق قوشنام،
گۈللۈك،نېپىز قەغەزدەك ئىشتان
ئەنقەرەدە بوپتىمىش مودا.
-قىزنىڭ قېشى شالاڭمۇ نېمە؟
باردىلىمۇ ئاخشامقى تويغا.
-چېچەن دېگەن ئاشۇ ئەخمەق خەق،
تەنگە سىڭگەن نېنىنى يېمەي
ئۇرۇش قىپتۇ دەيدۇ يېقىندا.
-ئەر چىقماپتۇ سەنئەتچى قىزغا.

غەمكىن شائىر يوللاي سالام
پەقەتلا قەشقەر گۈزەللىرىگە.
ھېيتگاھتا نان تىلەپ يۈرگەن
يۈزى تارىخ مىسكىن مومايغا.
لەڭپۇڭچىغا،ئاشپەز ئايالغا،
ئۆپكە-ھېسىپ ساتقۇچىلارغا.
ئۇيغۇر شىپاخانىسىنىڭ
ئاياللار بۆلۈمىدىكى
ھەربىر بىمارغا.
توپا باشقان يوللاردا كېتىۋاتقان
تۆت پەسىلنىڭ باغچىسى بولمىش
گۈل بەدەنلىك قىز-جۇۋانلارغا.
سالام بېرەر ئوتتۇرا ئاسىيا،
سالام يوللار بىپايان دۇنيا،
قەشقەردىكى قىز-ئاياللارغا.
.   .    .
مەپە ۋە سەھەر
ئاق قاشقىلىق ئاتنىڭ كۆزىگە
چۆكۈپ كەتى قۇياشلىق شەھەر.
ئادەم ۋە ئالەم
يارىتىدۇ ئۆز تارىخىنى
ئېقىپ كەتكەن يۇلتۇزغا قەدەر.

يەر شارىنىڭ بىر بۇرجىگىدە،
نۇرلانماقتا قەدىمىي شەھەر.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ