بۇلبۇل بلوگى

0

قەشقەر قىزى

183

ئاي جامالىڭنى كۆرۈپ، ئاينىڭ قىزىكەنغۇ دېدىم،

نۇر چېچىپ تۇرسا يۈزۈڭ، كۈننىڭ ئۆزىكەنغۇ دېدىم.

مىڭ جېنىم بولسۇن تەسەددۇق بىر قاراشىڭغا سېنىڭ،

كۆزلىرىڭنى تاڭ سەھەرنىڭ يۇلتۇزىكەنغۇ دېدىم.

يەلپۈنۈپ تۇرسا چېچىڭ گۈلشەن ئارا كەزگەندە سەن،

قاينىغان ئالتۇن بۇلاقنىڭ قۇندۇزىكەنغۇ دېدىم.

سۆزلىرىڭ ئاندىن لەزىز، ئەنجۈر مىسالى شىرنىلىك،

نومۇسۇ ئىپپەت بىلەن ۋىجدان سۆزىكەنغۇ دېدىم.

ھەر سەھەر باسقان ئىزىڭدا كۈلسە يۇمران مايسىلار،

پاھ، بۇ قىزىڭ ئىزلىرى بەرىكەت ئىزىكەنغۇ دېدىم.

سەن كىتابىڭ ئۈستىگە تالدەك ئېگىلسەڭ ئاخشىمى،

دەۋرىمىز قىزلىرىنىڭ بەرىكەت ئىزىكەنغۇ دېدىم.

ھەر ئىشىتكەندە سېنىڭ تارىڭ بىلەن ناخشاڭنى مەن،

سورىماي تاپتىم، ئېتىڭ قەشقەر قىزىكەنغۇ دېدىم.

1984-يىل 28-ئاۋغۇست، قەشقەر

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ