بۇلبۇل بلوگى

0

قەشقەر كېچىسى

232

مۇقەددىمە

ئۆتمۈشنى ئۇنتۇش-

ئاسىيلىقتىن دېرەك بېرىدۇ.

-ۋ.ئى.لېنىن

بوران شۇڭقارلىرى سىلكىتىپ پەر،

سۈپۈرگەچكە پەلەكنى غالىب-مۇزەپپەر،

يوقاپ زۇلمەت، كۈلۈپ چىققاندا چولپان،

تارىمدا ھەم يورۇپ كەتكەندە ئاسمان؛

كىيىپ بوغدامۇ تاج ئالتۇن قۇياشتىن،

تۇغۇلغاندا جاھانغا يېڭىۋاشتىن،

بۇ داستان ئىچرە تۈن-زۇلمەتنى سۆزلەش،

قىلۇر بەلكى كۆڭۈلنى خىرە ھەم غەش.

تىيانشاندا ئېرىپ قار، تاشقاندا دەريا،

باياۋانلارمۇ گۈل قىسقاندا گويا،

سەھەر گۈلشەن ئارا كۈلگەندە لالە،

گۇلابىغا تولۇپ ئالتۇن پىيالە،

زىمىستان ئورنىغا مەڭگۈ بولۇپ ياز،

بەخت-ئىقبال قۇشى قىلغاندا پەرۋاز،

بۇ داستان ئىچرە نەس ئۆتمۈشنى ئەسلەش،

قىلۇر بەلكى كۆڭۈلنى خىرە ھەم غەش.

لېكىن تارىخ يولى دۇردانە ھېكمەت،

بۇ ھېكمەت مەڭگۈ ئۆچمەس بىر ھەقىقەت:

كىشىكىم، ئۇنتۇماس ئۆتمۈش ئەلەمنى،

قويار كەلگۈسىگە توغرا قەدەمنى.

زىمىستان دەھشىتىنى ئەسلىگەنچە،

يېتەر ھەر جان باھار قەدرىگە شۇنچە.

باھاردا ئۇنتۇسا غۇربەت كۈنىنى،

قاراقچى ئالغۇسى كىيگەن تونىنى.

بەختتە ئەسلىسە غۇربەتنى ئادەم،

تاپۇر ئىقبالىنى غۇربەتتە ئۇ ھەم.

بۇ داستاندىن مۇراد شۇلدۇر ناھايەت،

ئايان بولسا شۇ مەقسەت ئەلگە شايەت.

مېنى سورىسا پادا باققان بالىدىم،

بۇ شائىرلىق غېمىدىنمۇ نېرىدىم.

قاچانكى سۇندى تەقدىر بىر قەدەھ مەي،

ئۇنى ئىچمەك بىلەن ھوشۇمنى بىلمەي،

بولۇپ دىل بىر جۇنۇنلۇق مۇپتىلاسى،

يېپىشقاندا جېنىمغا ئىشىق بالاسى،

تۇتۇندۇم بۇ جاپالىق ئىشقا يەكدىل،

ۋە گەرچە قىسقىدۇر قول، چولتىدۇر تىل.

مۇراد داستان ئۈچۈن داستان ئەمەستۇر،

يېتىلسە ئەلگە خىزمەت، ئۇشبۇ بەستۇر.

1979-يىلى دېكابىر، ئۈرۈمچى

بىرىنچى باب

بېشىڭدىكى دوپپاڭنىڭ

كۆلگە چۈشتى شولاسى.

بىزنى كۆيدۈرگەن يارنىڭ

نەزەر باغدا ھويلاسى.

قەشقەر خەلق قوشىقى

1

خىيال ئاسمانىدا كۈلگەندە چولپان،

گۈزەل قەشقەرگە رىشتە باغلىدى جان،

قاراپ ھۆسنىگە بىر بوستاننى كۆردۈم،

نە بوستان دىلرەبا جاناننى كۆردۈم.

شۇ جانان مەڭزىگە خالدەك ياراشقان

تۈمەن بويلىرىدىن مىڭلارچە داستان-

يېزىلسا، ئەرزىگەي ئەل كۆڭلىگە ساز،

قىلاي قىسسەمنى مەنمۇ شۇندىن ئاغاز.

تۈمەن ناملىق تىنىمسىز، شوخ بۇ دەريا

گۈزەللىكتۇر ئۇنىڭ مەنىسى گويا.

نېمىكى دىلرەبا بولسا جاھاندا،

شۇلارنىڭ ھەممىسى مۇندا مۇھەييا.

زۇمرەت بىلەن ياقۇت، پىرۇزىنى ھەم

شۇ دەريا بويىغا قىلغان كەبى جەم،

چىمەنگە پۈركىنىپ نۇرانە قىرغاق،

ياتار قۇشلار نەۋاسى بىرلە ئويغاق.

باراقسان تال-سۆگەتزار دىلغا ئارام،

ئارامى شامىلى ئاندىن دىلئارام.

تۈمەن مىڭ گۈل-چېچەكنىڭ خۇشبۇيىدىن،

كېتەلمەيدۇ كىشى تۈمەن بويىدىن.

كۆرۈنگەن مەلىلەرنىڭ ھەر يېرى باغ،

ئېتىز، ھويلا، ئېرىق-ئۆستەڭ قىرى باغ.

شۇڭا، گۈلباغ بولۇپ ئۇ تاپتى شۆھرەت،

بۇ دەرگاھ راستى ھەم پىردەۋىسى جەننەت!

ئاشۇ جەننەت مىسالى باغ ئارا باغ

كېلىشكەن بىر گۈزەل مەلە“نەزەرباغ“.

تۈمەنگە ياندىشىپ تۇرغان بۇ دەرگاھ،

ئەجەب ھۆسنى بىلەن دىلغا ئارامگاھ.

ئەگەرچە ئولتۇرۇپ بىر باغ ئىچىدە،

تاماشا ئەيلىسەڭ ھەم كۆز ئۇچىدە،

ئانار، شاپتۇل شېخى ئۈزرە تۆەنگە-

نەزەر سالساڭ سۈيى ئۆركەش تۈمەنگە،

ئەجەب ھېسلار بىلەن كۆڭۈل بىتاقەت

دېڭىزدەك چايقىلار تىنماي ئالامەت.

كۆرۈنسە مۇڭلىنىپ قەشقەر ھىسارى،

(ئۇزاق ئۆتمۈش زامانلار يادىكارى)،

كىشىدە ئىختىيار قالغايمۇ شۇ دەم

ئۇزاق تارىخنى بىر-بىر ئەسلىمەي ھەم…

قاچانكى، مەلىدە كەزگەندە بىر ئان،

ئۈجمىلىكنى قىلىپ سالقىن خىيابان،

ۋەياكى سۇغا چىقسا قىز-جۇۋانلار

(چېچى سۇمبۇل، ئانار يۈزلۈك بۇ جانلار)،

ۋەيا كەچكى شەپەق كۈلگەن تاغدا،

ۋىچىرلاپ قارلىغاچلار باغمۇباغدا،

يېنىشسا مەلىگە مۆرەپ موزاي، قوي،

كىرىپ كەلگەن كەبى بىر شادىيان توي،

ھاياجانلىق بىلەن مەستانە بولماي-

تۇرارمۇ قەلبىڭىز ئىلھامغا تولماي!

بۇ ئۇيغۇر مەلىسىنىڭ ساددا چېھرى،

لېكىن ئوتتەك يېنىق شۇ ئىشقى-مېھرى

كۆڭۈل مۈلكىنى شۇنچە قىلسىمۇ شاد،

ئۇنىڭ تەسۋىرىنى ئەيلەشكە بۇنياد،

قەلەم ئاجىز، تىلىم بىچارە-چولتا.

قىلاي مەن گەپنى ئەمدى كالتا-كالتا.

2

”نەزەرباغ“ دەپ بىكار ئېيتماپتىكەن ئەل،

نەزەر تەگكەنىكەن ئاۋۋالدىن-ئاۋۋال.

ئۆزى قانچە ئاجايىپ، خەلقى شۇنچە،

يىگىتلەر خۇددى شىر، قىزلىرى غۇنچە.

بېغىدەك خەلقىنىڭمۇ كۆڭلى بىر گۈل،

بۇ گۈلگە ھەر كىشى شەيدايى بۇلبۇل.

بىراق، شۇ  خەلق ئىچىدە بىرلا ئادەم،

ئاجايىب كۆرۈنەتتى كۆزگە ھەر دەم.

تۇراق مەخسۇم ئىكەنمىش ئەسلى ئىسمى،

لەقەم سىڭگەن“چولاق“دەپ ئەمدى رەسمى.

نېچۈن قويدى ئاڭا ئەل بۇ لەقەمنى،

بايانىدىن تېجەپ قەغەز-قەلەمنى،

يازاي بىر نەچچە مىسرا سۈرىتىدىن،

يەنە خۇلقى-مىجەزى، قىسمىتىدىن.

سېمىزلىكتە ئىدى مەخسۇم تۇلۇمدەك،

ئىغاڭلاپ مېڭىشى گوياكى ئۆردەك.

يۈزى چوقۇر، كۆزىنىڭ بىرى ئالغاي،

ساقالى كوسادۇر ھەم دوقا ماڭلاي.

بۇرۇننىڭ ئورنىدا بىر ئەگرى مۇنچاق،

تەبىئەت قىلدى گويا ئاڭا چاقچاق.

بىراق، ئىنساپ بىلەن ئېيتايكى، ئەلۋەت،

چولاق مەخسۇمدىمۇ بار ئىدى خىسلەت.

ئوقۇيتتى گاھىدا جەڭنامىلەرنى،

گاھى مەشرەپ، ھۇۋەيدا، پەننامىلەرنى.

ئەجەب مەخلۇق ئىدى، تەقدىر-ئىرادە،

ۋە لېكىن دۆلىتى كۆپتىن زىيادە.

شۇڭا، ئۇ تاپتى يۈز، بولدى پالانى،

يېپىپ ھەممە ئەيىبىن خانۇمانى.

نەزەرباغدا كېلىشكەن ھويلارامى،

ئاجايىب باغچىسى دىلنىڭ ئارامى.

بېغىدا مېۋىلەر بىر-بىرىدىن مول،

يەنە ئەينەك كەبى چاقنار سۈزۈك كۆل.

شەھەردە مال تولا دۇكانغا مالىك،

يېزا-سەھرادىمۇ خامانغا مالىك.

جىمىگە قىلدى مالىك ئۇنى تەقدىر،

پەقەت ئەۋلاد ئىشىدا قىلدى تەھقىر.

بەش-ئونلاپ قىز-جۇۋان يەڭگۈشلىسىمۇ،

لېكىن پەرزەنت يۈزىنى كۆرمىدى ئۇ،

شۇ سەۋدا بىرلە ياش ئەللىككە باردى،

چىشى ھەم سارغىيىپ، چاچلار ئاقاردى.

تاسادىپ بىر كۈنى بىر دوستى خالىس

ئاڭا بىر مەسلىھەت كۆرسەتتى قالتىس.

دېدىكىم:“بىر تۇغۇمچان تۇل تېپىلسا،

ئەجەبئەمەس تەلىيىڭ شۇندا ئېچىلسا“.

بۇ گەپ ياقتى چولاققا، بولدى خۇشھال،

كىرىشتى تۇل ئايال تاپماققا دەرھال.

ئۇزاق ئۆتمەي بۇ مۈشكۈل بولدى ئاسان،

ۋە بەلكى توي ئىشىمۇ چۈشتى ئەرزان.

ئايال شۇ مەلىلىك، ئېتى گۈلايىم،

ئۆزى قويدەك ياۋاش ئىدى مۇلايىم.

قويۇپ يالغۇز كېتەردە ئېرى مەرھۇم،

ئۇنىڭدىن قالدى بىر قىز تولا مەسۈم.

ئېتى لەيلى ۋە ياكى لەيلىگۈلدۇر،

يېشى بەش-ئالتىلەردە، چېھرى گۈلدۇر.

بۇ ئۆسمۈر غۇنچىنى كۆرگەندە مەخسۇم،

جىمى غەمنى قويۇپ بىر چەتتە زۇم.

”مۇشۇنداق قىزنى تۇغقان بولسا ئۇ خان،

ئەجەبئەمەستۇر مېنىڭدىن تۇغسا ئوغلان“-

دېدى ھەم كۈتتى پەرزەنت نەچچە ياز-قىش،

ۋە لېكىن كۈتكىنىدەك بولمىدى ئىش.

دېمەك، مەخسۇم ئۆزى تۇغماس كىشىكەن،

نېمە چارە بۇڭا، تەقدىر ئىشىكەن!

شۇڭا ئاخىر ئۈزۈپ ئۈمۈدىنى مەخسۇم،

دېدى:“قىسمەت شۇ بولسا، رازى بولغۇم…“

لېكىن قىزغا ئەگەر چۈشسە نىكاھى،

تۇتالماستىن ئۆزىنى دەيتتى گاھى:

”بۇ غۇنچە-گۈل ئۆسۈپ، گەر بولسا شەمشاد

كىشى چەكمەي تۇرارمۇ ئاھۇ پەرىيات.

قىنى شۇ چاغدا قەشقەر ئەھلىدىن كىم،

پالان بايۇ، پوكۇن باي ھەمدە ھاكىم،

كۆرەي ئالدىمدا تەزىم قىلمىغاننى،

ئۆيۈمگە ئەلچىلەر ھەم تولمىغاننى“!

شۇڭا مەخسۇم بۇ قىزىغا قىلدى پەرۋىش،

ئوقۇتتى ئانچە-مۇنچە ھەريىلى قىش.

چولاق مەخسۇم كارامەت قىلدى گويا

(يېقىن كەلگۈسىنى ئۇ بىلدى گويا)،

قىزى لەيلى ئۆسۈپ يەتكەندە بويغا،

جامالى ئەل ئىچىگە سالدى غوۋغا.

كۆزى چۈشكەن يىگىتنىڭ تېنى ياپراق،

جېنى مەڭگۈ بولاتتى ئاڭا مۇشتاق.

ئىشىتكەن ئارزۇلۇق بولدى كۆرۈشكە،

كۆرۈش بىرلە قالاتتى بىر كۆيۈشكە.

ئۇنىڭ داڭقى ئېشىپ ئۆز مەلىسىدىن،

يېتىپ ئەتراپقا تەكشى ھەممىسىدىن

كېلىشكە باشلىدى ئەلچى ئۈزۈلمەي،

بىرى كەتمەي، بىرىنى بىرى كۈتمەي.

چولاق مەخسۇم بولۇپ بىر سۆزچى ناتىق،

تېپىپ ھەر ئەلچىگە ئۆزرە مۇۋاپىق،

كۈتەر بىر-بىرىدىن ئالىي مۇقاملار،

تەمە بىرلە يېقىپ ھەر يولغا شاملار.

ئۇنىڭ بۇ ھالىدىن بىزنىڭ گۈلايىم

بولۇپ دۇچار قارا تەشۋىشكە دائىم.

يوپۇرماقتەك دىرىلدەپ تۇرغىنىچە،

كۆزىدىن ياش تۆكەتتى ئۈنچە-ئۈنچە.

قازارا بۇ چولاققا قايسى بىر كىم،

ياراپ قالسا بۈگۈن يا ئەتە بەلكىم،

ئۇ چاغدا ئىش تامام بولمامدۇ بەربات،

كىمگە ئەيلىگەي قىز دادۇ پەرياد؟

ئۇ چاغدا نېم بولار شېرىن خىيالى،

كېرىم ئاتلىق يىگىتنىڭ دەردۇ ھالى؟

ئېچىلماي سولسا گەر شېخىدا غۇنچە،

ئاياغ ئاستىدا خار بولسا بۇ ئۈنچە،

قۇرارمۇ كۈن ۋە تۈنلەر كۆزى نەمدىن،

يېرىلماسمۇ يۈرەك ئاچچىق ئەلەمدىن؟!

شۇڭا قانچە سوزۇلسا ئارقىغا ئىش،

يېنىكلەيتتى ئۇنىڭ كۆڭلىدە تەشۋىش.

ئۈمىد شۇكى پەقەت ياز كەلسە پاتراق،

كېرىمنىڭ تەلىيىمۇ كۈلسە پاتراق.

تېپىپ بەش-ئونچە تەڭگە، باشلىسا سۆز،

نادامەت داغىدىن ياشلانمىسا كۆز.

شۇ ھالدا ئۆتتى ئايلار قانچە-قانچە،

باھار كەلدى، بۇلۇتمۇ چاچتى تامچە.

3

قۇياش ئەركىلىتىپ يەرۇ جاھاننى،

قىشىچە ئىڭرىغان بىچارە جاننى،

ھاياتبەخش نۇرىنى چاچقاندا ھەريان،

تەبىئەت مەڭزىدە تەپچىپ يەنە قان،

يېشىل بەرقۇت كىيىپ ياساندى قىرغاق،

ئېچىلدى لالىلەر ھەرياندا پارلاق.

ئۇ لالە ھەربىرى گوياكى ياقۇت-

مىسالى تاۋلىنىپ كۈلسە ۋەياخۇت.

زۇمرەتتىن كىيىپ تاج تالى مەجنۇن،

كۆڭۈلنى ھۆسنى بىرلە قىلسا مەپتۇن؛

ئۇنىڭ ئەكسى كۈمۈشتەك سۇ يۈزىدە

ۋە يا قاينام بۇلاقلارنىڭ كۆزىدە،

نامايان بولسا شۇ دەم جىلۋە بىرلە،

ھاشاراتلار يەنە ئەلنەغمە بىرلە،

قىزىتسا بەزمىنى ھەربىر نەپەستە،

ئۇسسۇلغا چۈشسە قۇشلار بەسمۇبەستە،

نېچۈن كۈلمەس كىشى قەلبى چېچەكتەك،

سۈزۈلمەس ھەم نېچۈن بىللۇر، سەدەپتەك؟

نېچۈن كەتمەس ئەلەم-ھەسرەت بىلەن غەم،

يەنە كۆزلەرگە چۈشكەن ئۈنچە-شەبنەم؟

ۋە لېكىن شۇ باھارنىڭ لەززىتىدىن،

ئۇنىڭ چەكسىز سېخىيلىق شەربىتىدىن

تېخى ئىچمەي گۈلايىم بىر پىيالە،

يۈرەك-باغرى بولۇپ خۇن، خۇددى لالە،

تۆكۈپ كۆزدىن تولا قانلىق يېشىنى،

قويۇشقا يەر تاپالماي بىر بېشىنى،

پەرىشان بولدى كۆپ، ھەريان پەرىشان،

چېچىدىنمۇ ئۆزى سەرسان، پەرىشان.

سەۋەبكى،“ئەلچى“ دەپ بىر قېرى دەللە

(يەنە ئىككى ساقاللىق، باشىدا سەللە)،

كىرىپ كەلدى بۇ ئۆيگە كەچ گۇگۇمدا،

يۈدۈپ دەھشەت بىلەن غەمنى تۇلۇمدا.

شۇ سائەت كەتتى بۇ ئۆيدىن ئامانلىق،

ئىشىك، تۈڭلۈكتە ماراپ مىڭ يامانلىق.

نېچۈكتۇر بىر بالانى قىلدى تەيىن،

جىمى غەم لەشكىرى ھەم كەردى يايىن.

كېتىپ ئەلچى، ئارادىن بىردەم ئۆتمەي،

چولاق مەخسۇم خوتۇندىن گەپمۇ كۈتمەي،

دېدى:“گەپ شۇ، قېنى ئولتۇر ئىزىڭغا،

بەگ ھاجىمدەك كىشى چىقماس قىزىڭغا.

بىلەمسەن، كەلدى بىزگە بەختۇ ئامەت،

يىتىپتۇ ئەمدى ئىشقا ياخشى سائەت.

ئۆزى كىم ئۇ، بەگ ھاجىم-نامى مەشھۇر،

پۈتۈن قەشقەر ئىچىدە بىرلا مەسرۇر.

بەدۆلەت ھەم ئەمەلدار ھەمدە تەقۋا،

ئۇنىڭ قىلغان سۆزى ھەر جايدا پەتىۋا.

ئەگەر بىلسەم ئىدىم مەيلىنى زاتنىڭ،

دۇئاسىغا بېرىپ لەيلىنى زاتنىڭ،

ئۇلۇغ دەرگاھىغا قۇللۇق قىلاتتىم،

دۇئاسىنى يەنە كۆپرەك ئالاتتىم.“

بۇ گەپلەرگە گۈلايىم ھېچ چىدالماي،

دېدى:“مەنمۇ گېپىمنى قىسقا ئېيتاي،

ئەگەرچە ئۇ كىشى بولسا كۈيئوغلۇم،

ئاتا دەملا ئۇنى ۋە ياكى ئوغلۇم؟“

بۇنى ئاڭلاپ چولاقنىڭ رەڭگى ئۆچتى،

غەزەپتىن تىترىدى، ئەرۋاھى ئۇچتى.

يۈگۈردى ئالدىغا، تىل سالدى دەرھال،

پۈتۈن ھويلا ئىچىدە قوپتى جاڭجال.

چولاق ئېيتتى:“دېمە بىلمەس سىرىمنى،

قىزىڭغا كۆزلىدىڭ كۆپتىن كېرىمنى.

تىلىڭغا ئالغۇچە بولما كېرىم دەپ،

يالاڭ تۆشكە ئاتا بولماق نومۇس گەپ.“

ئۆزى قويدەك ياۋاش بىزنىڭ گۈلايىم

بۇ دورەم تۇرمىدى قاراپ مۇلايىم،

”بوغۇزلايمەن دېسەڭ، قويمۇ تېپىرلار“-

دېگەندەك، ئۇمۇ قىلدى گەپنى ئاشكار.

دېدىكىم:“ قويمىدى بىچارە لەيلى،

ئۇنىڭمۇ يوقمىدى خاھىشى-مەيلى،

يالاڭ تۆش بولسىمۇ، ئۆز جورى ياخشى،

ئۆزىدەك ناتىۋان غەمخورى ياخشى.“

چولاق سەكرەپ دېدىكىم:“ئەمدى گەپ بەس!

سېنىڭدەك تېگى پەسنىڭ كۆڭلىمۇ پەس.“

شۇ گەپ بىرلە يەنە ئۇلغايدى جاڭجال،

گۈلايىم بوغچىسىنى تۈگدى دەرھال.

دالاندىن يىغلىغانچە لەيلىگۈل ھەم

گۈلايىمنىڭ قېشىغا چىقتى شۇ دەم.

يىغا-زارە بىلەن تولدى بۇ ھويلا،

ئاراغا كىردى ھەم بىر قانچە قوشنا.

چولاقمۇ تەمتىرەپ كۆپ چەكتى ۋايىم:

كېتىپ قالسا قىزى بىرلە گۈلايىم،

نېمە قىلسۇن چولاقنى ئەمدى ھاجى،

چىقىپ كەتمەمدۇ قولدىن بەختۇ تاجى.

شۇڭا، دەرھال بوشاتتى كۈلكە ئارىلاش،

يېلى قاچقان رېزىنكە توپقا ئوخشاش.

سالا بىرلە گۈلايىممۇ بېسىلدى،

لېكىن لەيلى شۇئان باغقا ئېتىلدى.

4

كىرىپ باغقا يۆنەلدى كۆل تامان ئۇ،

بىراق ئالەم ئىدى زۇلمەت قاراڭغۇ.

نە كۆك گۈمبەز شاملىرىدىن ئەسەر بار،

نە كۆكنىڭ ئەركىسى ئايدىن خەۋەر بار.

شامالدا چايقىلار، دولقۇنلىنار كۆل،

لېۋىدە ئولتۇرار قىز، كۆزلىرى ھۆل.

گويا زۇلمەت قاراڭغۇ تۈن تۈپەيلى

بوغۇلغان بارچە جاننىڭ ئەركى-مەيلى.

نە بىر ئۈن سالسىچۇ ھەتتا چېكەتكە،

ئۇ ھەم گويا ئەسىر غەم بىرلە دەردكە.

پەقەت ئاچچىق غەزەپتىن ھۇۋلىغاندەك-

ۋە يا سەۋر-تاقىتى ھېچ قالمىغاندەك.

تۈمەندىن ئاڭلىنار دەردلىك سادالار،

سادا بىرلە يەنە ئوتلۇق نىدالار.

نىداكى، بارچە زۇلمەت تۈنگە لەنەت،

بۇ تۈندىنمۇ قاراڭغۇ كۈنگە لەنەت.

دېدى لەيلى:“بۇ قانداق زامان بولدى،

بېشىمغا تاغ يىقىلدى، يامان بولدى.

گۈلى غۇنچە ئىدىم، بوراندا قالدىم،

نە بوران، بىر يامان شىۋىرغاندا قالدىم.

نە ئارمان تاڭ بىلەن تەڭ بىر ئېچىلسام،

يېتىپ ئارمانغا مەن، ئاندىن يۇمۇلسام.

نېتەي مەن بۇ زامانە شۇملۇقىنى،

ئۇنىڭ جانغا زەھەر-زوقلۇقىنى.

نېتەي مەن خورلۇقى ھەم كورلۇقىنى،

مېنىڭدەك ناتىۋانغا زورلۇقىنى!“

شۇنى ئېيتىپ كۆزىنى تىكتى كۆلگە،

ئەجەب مۇدھىش پىكىر كەلدى كۆڭۈلگە:

كۆزىنى يۇمسايۇ ھەم قىلسا غەيرەت،

قۇتۇلمامدۇ جىمى غەمدىن شۇ سائەت.

ھاياتلىق قانچە شېرىن، قانچە ياخشى،

ئۆلۈممۇ نۆۋىتىدە شۇنچە ياخشى…

شۇ چاغ كەلدى يىراقتىن نەي ساداسى،

يۈرەكنى تىتىرىتىپ مۇڭلۇق ناۋاسى.

جىمىلدى لەيلىمۇ شۇ نەينى ئاڭلاپ،

يۈرەك تىنماس ئىدى لېكىن تېپىرلاپ.

بېرىپ شۇئان يۆلەندى بىر تېرەككە،

ياقار ئوت نەي سەسى دەردلىك يۈرەككە.

كېلەر نەي سەسلىرى مەھەللە چېتىدىن،

بۇ غەمكىن كېچىنىڭ سۈكۈنىتىدىن؛

كېلەر نەي سەسلىرى باغلارنى ئاتلاپ،

ئۆزىگە مېھرىبان دىلبەرنى يادلاپ؛

كېلەر نەي سەسلىرى دىلدارنى ئىزدەپ،

كېرىمىڭ كەلدى، لەيلى،قېنى سەن دەپ؛

كېلەر نەي سەسلىرى كۈيلەپ ۋىسالنى،

گۆدەكلىك دەۋرىگە باشلاپ خىيالنى:

مانا بىللە يۈرۈپ ئۆسكەن نەزەرباغ،

يۈگەنسىز تاي كەبى شوخ بالىلىق چاغ.

كېرىم يۈگۈرەر يالاڭۋاش ھەم يالاڭياغ،

بولۇپ لەيلى بىلەن ئويناشقا مۇشتاق.

چىقار لەيلى چېچى تال-تال ئۆرۈگلۈك،

يىغلىغاچ بالىلار، تىزىپ ئۆرۈكلۈك،

بولۇر بىردەم ئويۇن مۆككەننى تاپماق،

ۋەياكى بىرى قوغلاپ، بىرى قاچماق.

ئۆتەتتى بالىلىق شۇندا گۈزەل شاد،

نە دەردكە مۇپتىلا، نە چەكسىز پەرياد.

نە ئەمدى بولسا شۇ بەڭۋاش گۆدەكلىك،

يۈگۈرسە قېشىغا، بارسا يۈرەكلىك.

بىرى ئېيتسا تېپىشماق، بىرى تاپسا،

ۋەياكى ئۈجمىلىكتە بىللە چاپسا.

يا ئەمدى بولسىچۇ دۆڭلۈكتە مەكتەپ،

تېپىشقاندەك بولۇپ كاككۇك ۋە زەينەپ،

يېنىشسا ئۆيگە بىللە ئوينا-ئوينا،

مۇئەللىمنىڭ سۆزىنى ئويلا-ئويلا.

بىراق غەمسىز گۆدەكلىك ئۆمرى قانچە،

تۇيۇلدى كۆكتە چاقماق چاقنىغانچە.

قاچانكى جۇش ئۇرۇپ بىر ھېس ھارارەت،

كۆڭۈل مۈلكىدە قۇرغاچ بىر ئىمارەت،

بىرى سەزدى ئۆزىنى رابىئەدەك،

بىرى سەئدىن بولۇپ كۆيدى بەتەررەك.

ئۈزۈلدى ئىختىيار تىزگىنى دەھشەت،

يۈرەك قىلماس ئەقىلگە ئەمدى بەيئەت.

نېمەدۇر ئىستىگەن ئىسيانچى ئارمان

چاپار ھۇشسىز، يۈگەنسىز ھەم پەرىشان.

بىراق، قانۇن ئىدى قىزلارغا مۇتلەق،

شەرىئەت ھۆكىمىچە مەستۇرە بولماق.

شۇڭا ئۆتمەي ئۇزاق بوغۇلدى لەيلى،

بوغۇلدى تام ئىچىدە ھەممە مەيلى.

بوغۇلدى ئىختىيار، سۇندى نىھالى،

قەپەس ئىچرە ئەسىر بىر قۇش مىسالى.

بوغۇلدى ھەممە ئەرك، باشلاندى ھىجران،

پەقەت شۇ نەي ئىدى ئارادا قالغان.

يېتىپ كەلسە شۇ نەينىڭ ئاھۇزارى،

كېتىپ قىز ئىلكىدىن بار ئىختىيارى،

چىقاتتى باغقا ئۇ تېپىپ باھانە،

تۆكۈپ ياش ئۈنچىسىنى دانە-دانە.

كۈتەتتى سەۋرسىز شۇ بىنەۋانى،

ۋەبەلكى نەي كەبى باغرى يارانى.

كۈتەتتى بىر تالاي چاغلار قاتارى،

يېقىن كەلمەس ئىدى لېكىن ئۇ يارى.

نە بولدىكى، بۈگۈن ئۆزگەردى ئەھۋال،

گويا يارغا ئايان بولمىش جىمى ھال.

كېلۇر نەي سەسلىرى ئاستا يېقىنلاپ،

يېقىنلاشقانسېرى ئاھى يېلىنجاپ،

كۆرۈنگەچ مانا تامدا بىر كۆلەڭگە،

يۈگۈردى لەيلى، سىغماي جانى تەنگە.

بىراق، شۇ چاغ چىقىپ باغقا تاراقلاپ،

”قېنى سەن“ دەپ چولاق مەخسۇم ۋالاقلاپ.

كىيىپ باغنى بېشىغا سالدى چۇقان،

بۇزۇلدى ئىش تامام، بولدى يۈرەك قان.

يەنە ھىجران، جۇدالىق داغى پەرياد،

پەلەك قىلدى يەنە زۇلمىنى بۇنياد.

*********

ئايا چەرخ، بۇ سېنىڭ پەيلىڭگە لەنەت،

قارارسىز ۋەھشىي شۇم مەيلىڭگە لەنەت!

نېمە بۇ مۇنچىلىك بىھۇدە ئازار،

ئاران يەتكەندە پۇرسەت ۋەسلى دىدار؟

ئەجەب تەتۈر ئىكەن ھۆكىمىڭ ھەمىشە،

مۇھەببەت ئەھلىگە زۇلمىڭ ھەمىشە!

ئىككىنچى باب

قەشقەر قىزى يۈزىدە

دانە-دانە خالى بار.

ماڭا ئېيتقان سۆزىدە

شېكەر دېسەم، بالى بار.

بىر كونا ژۇرنالدىن

1

نېچۈك ئاتقۇزدى تاڭنى لەيلى شۇ تۈن،

كۆزى ياشلىق، جىگەر-باغرى بولۇپ خۇن،

بۇنىڭ تەسۋىرىگە يوق مەندە بەرداش،

ئەگەر يازسام، كۆزۈمدىن تۆكۈلەر ياش.

ئۇنىڭدىن قىسسىگە تېز كۆچكىنىم خوپ،

جۇنۇن بىرلە ئادا بولمىغىنىم خوپ.

***************

چولاق مەمنۇن بولۇپ بەگ ئەلچىسىدىن

(كۈتۈلگەندىن تولا نېسىۋىسىدىن)،

ئىچىگە خۇشلۇقىنى ياتقۇزالماي،

قىمىرلاپ ئورنىدا تاڭ ئاتقۇزالماي،

ئاران يەتتى-ئۇلاشتى تاڭ سەھەرگە،

سەھەر بىرلە كىرىپ كەتتى شەھەرگە.

خالايىققا ئۆزۈمنى كۆرسىتەي دەپ،

ئەتەي كىردى ساماۋارغا سەھەرلەپ.

كۆرۈنسە بىر تونۇش، كەلسە يېنىغا،

قىلىپ تەكلىپ ئۇنى چايۇ نېنىغا،

ئاچار سۆز شۇ زامان تېپىپ باھانە،

كۆيۆ ھەققىدە سۆزلەپ مەغرۇرانە.

ساماۋار ئەھلىمۇ ھەيران قېلىشتى،

چولاقنىڭ بەختىگە ”بەللى“ دېيىشتى.

2

چولاقنى شۇ ئورۇندا قالدۇرۇپ بىز،

گۈلايىملار قېشىغا يانىلى تېز.

بەگ ھاجى ئەلچىسى كەتكەچ بۇ يەردىن،

گۈلايىم ياخشىلىقنى كۈتمەي ئەردىن،

نېمە قىلماقنى بىلمەي بېشى قاتتى،

بېشى قاتماق نېمە، ھۇشىن يوقاتتى.

ئاياندۇر ھەممە گەپ، ئىش بولدى مۈشكۈل،

نە مۈشكۈلكى، ئۈمىدمۇ بولدى بىر كۈل.

ئاسان بولماس ئىدى شىرغا تۇتۇلماق،

لېكىن مۈشكۈل بەگ ھاجىدىن قۇتۇكماق.

سەۋەب: شىر قوغلىسا، قاچماققا ئىمكان-

تاپار ئاھۇ، ئەگەر بولسا تىرىك جان.

بىراق، بۇ بەگ ھاجى بىر بالادۇر،

كىمىكى ئۇچرىسا، بەختى قارادۇر.

شۇنى ئويلاپ گۈلايىم تىترە-تىترە،

كۆزىدىن ياش تۆكۈپ ھەم قەترە-قەترە.

قۇچاقلار لەيلىنى، ساقلاي دېگەندەك،

ئۇنى باغرى بىلەن ئاسراي دېگەندەك.

لېكىن لەيلى بۆلەك ئويلار بىلەن بەند،

ئۇنىڭ بۇ ئويلىرى ئىقبالغا پەيۋەند.

سەھەردە خالىي قالغان باغ ۋە ھويلا،

چىقىپ لەيلىمۇ باغقا ئويلا-ئويلا،

سۈزۈك كۆل لېۋىدە ئولتۇردى جىم-جىم،

بۇنى كۆرگەچ يېتىپ كەلدى گۈلايىم.

دېدى:“ۋاي شورى قۇرغۇ شۇم پېشانەم،

نېمە بولغاي كۆزۈمدە قۇرۇسا نەم؛

بېشىمدىن كەتمىدى ھەسرەت-نادامەت،

ماڭا يولداش ھەمىشە دەردۇ كۈلپەت.

جاپا بىرلە قىرىقتىن ئاشتى ياشىم،

زەھەر بولدى ھەمىشە يېگەن ئاشىم.

نە كۆڭلۈڭ تىندى بىر كۈن، كۆردى لەززەت،

نە ئەردىن تەلىيىم، نە كۆردۈم ئىززەت.

مېنىڭدەك بولمىغايسەن لەيلى دەيتتىم،

كېچەلەر ئۇخلىماي بەختىڭ تىلەيتتىم.

قېرىشتى بۇ پەلەك، كاج كەلدى تەلەي،

نېمىكى تىلىدىم، ئۇ قاچتى كەلمەي.“

دېدى لەيلى:“ئانا بولماڭ پەرىشان،

پەرىشانلىق بىلەن كۆپ قىينىماڭ جان.

نېمىكى كەلسە باشقا ئۆز شورۇم دەي،

گۇناھىم قىز تۇغۇلماق، مەن نە ئەيلەي!

مېنىڭ بەختىم ئۈچۈن شۇنچە ئەلەملەر-

چېكىپ شامۇسەھەر كۆپ دەردۇ غەملەر،

بېشىمدا بولدىڭىز پەرۋانە گويا،

ئېقىپ كۆزدىن تولا ياش، بولدى دەريا.

لېكىن،جانىم ئانا، مەن شۇنى ئېيتاي،

بۇ كۆز ياشلار قاچان تاشنى ئېرىتكەي؟

تىلەك بىر گەپ ئىكەن، تەقدىرمۇ باشقا،

قاچان باقتى زامان ئاققان بۇ ياشقا؟

ئۇنىڭدىن چۆل-باياۋان نەدە سەن دەپ،

كېرىم بىرلە كېتەي مەن پۈتكۈزۈپ گەپ.

تىلەيمەن ئانىلىق دۇئايىڭىزنى،

قىلاي قىبلەم ھەمىشە دەرگاھىڭىزنى.“

بۇنى ئاڭلاپ گۈلايىم بولدى ھالسىز،

نېمە ئېيتارغا ھەم قالدى ئامالسىز.

پەقەت چوڭقۇر خىيالغا چۆمدى بىردەم،

يىلان چاققان كىشىدەك تولغىنىپ ھەم.

يەنە شۇ خۇنپەرەس ئەجدىھانى ئەسلەر،

ئۇنىڭدىن چاچرىغان زەھەرنى ئەسلەر.

قايان بارسا ئۇنىڭ شۇم تىرنىقى بار،

ئۇنىڭدىنمۇ يامانراق يارلىقى بار.

يەنە چۆللەر ئارا ئۆي-ماكانسىز،

نېمە غۇربەت چۈشەر باشقا ئامانسىز.

نېمە قىلماق كېرەك؟ بەك ئەزدى قايغۇ،

جۇدالىق كۈنلىرى ئۇندىن قاراڭغۇ.

لېكىن، راست ئېيتتى قىز، جىم تۇرغۇلۇقمۇ؟

يېسەڭمۇ مەيلى دەپ، ئولتۇرغۇلۇقمۇ؟

”يېتىپ قالغۇچە ئەمدى بىر ئېتىپ قال“-

دېگەن سۆز بولغۇسىدۇر ياخشى بىر پال.

شۇ ئويلاردىن كېيىن غەمكىن تەبەسسۇم،

تەبەسسۇمكى، رىزالىق بولدۇم مەلۇم.

بۇنى لەيلى كۆرۈپ، كۈلدى-يېيىلدى،

نە كۈلدى، خۇددى بىر گۈلدەك ئېچىلدى.

ئېسىلدى ئانىنىڭ بوينىغا دەرھال،

سۈزۈك كۆل يۈزىدە ئەكىس ئەتتى بۇ ھال.

3

شۈكۈر كىم، كەلدى پۇرسەت مەن ئۈچۈن ھەم،

قىلاي رەسساملىقىمنى ئەمدى بىردەم.

سىزاي لەيلى ئۈچۈن تەسۋىرىي سۈرەت،

ئەگەر ئىلھام قولۇمغا بەرسە قۇۋۋەت.

بىراق، كۈتمەڭ ئۇنى رەڭدار-بوياقلىق،

بوياققا ئىستېدات، رايىمۇ چاغلىق.

مانا ئاددىي بىر ئۇيغۇر قىزى سىزگە،

تونۇشتۇر قارا سۇمبۇل چېچى بىزگە.

يۈزى ئايدەك دېمەيمەن، چۈنكى ئايدا

ئۇنىڭدەك مېھىرنىڭ يالقۇنى قايدا؟

ئۇنىڭ مەڭزىدىكى بىر دانە خالى

ياراشقان شۇنچىلىك، گويا جامالى-

ئۇنىڭسىز بولمىغاي گۈلشەندە رەنا،

نە قىلغاي ئايدىكى داغلارغا مەنا؟

دېمەك ئاي تەڭلىشەلمەس بۇ چىرايغا،

پەقەت مۇڭلۇقلۇقى ئوخشايتتى ئايغا.

گۈزەللەر كۆزىنى ھېچ ئىختىلاپسىز

”گويا چولپان“دېگەن شائىر ھېسابسىز.

لېكىن بۇ قىز كۆزىنى ئۈنچە مەسرۇر-

دېيىشكە يوق مېنىڭدە باي تەسەۋۇر.

نە چولپان جىلۋىسى، بىبەھرى نۇرى،

نە ئويناق ئەركە قىزنىڭ شوخ غورۇرى-

تېپىلماس لەيلىنىڭ كۆزىدە ھەرگىز،

ئەزەلدىن كۆپ خىيالچان چۈنكى بۇ قىز.

تاپاي نەدىن ئۇنىڭ تەسۋىرىگە سۆز،

پەقەت ئاھۇدا بار شۇنداق ئوماق كۆز.

يامان كۆزلەر بۇ كۆزگە چۈشمىگەي دەپ،

كېچەيۇ كۈندۈزى دائىم غېمىن يەپ،

ئۇزۇن كىرپىكلىرى بىدار ھەمىشە،

نە بىدار، ساقچىدەك ھۇشىيار ھەمىشە.

كىمىكى بىر قاراپ قويسا ئۇ كۆزگە،

تېگەر بىر ئوق كەبى كىرپىك شۇ كۆزگە.

بۇ ئوقكى تەگسە گەر يا جاننى ئالماي،

ۋە يا جان ئالمىسا، مەيلىگە قويماي،

قىلار دىلنى ئەسىر قارماق مىسالى،

ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنىڭ يوق ئامالى.

قەلەمدەك قاشلىرى دەپ قانچە شائىر،

گۈزەللەر تەئرىپىگە بولدى ماھىر.

ئەگەرچە لەيلىنى دېسەك قەلەم قاش،

ئۇنىڭ ھەر قېشىغا بىر مەنە يولداش.

نەۋائىينىڭ قولى تۇتقان قەلەمدۇر،

ئۇنىڭ ھەربىر تېلى بىر ئىشىق-ئەلەمدۇر.

فۇزۇلى دەرد بىلەن سىزغاندا سۈرەت،

دېدى ئۆز لەيلىسىنى سەۋرى قامەت.

لېكىن قەشقەر قىزىنىڭ بويىغا خاس-

تەسەۋۇرنى تاپالماي، ئەييۇھەنناس.

تىلىم تىترەپ، دىلىم كۆپ چەكتى دىشۋار،

سەۋەبكى بىزدە نە“سەۋرى“ سۆزى بار؟

ئۇنىڭدىن ياخشىسى ئۆز سۆزىمىزچە-

قىلاي تەسۋىر: بۇ قىزنىڭ بويى غۇنچە.

جاھاندا غۇنچە بوي قىز بەلكى كۆپتۇر،

لېكىن ھېچقايسىسى لەيلىچە يوقتۇر.

دېمەك بارچە گۈزەللىك خەزىنىسىدە

ۋە يا جۇشقۇن لاتاپەت باغچىسىدە،

نېمىكى بولسا شۇندىن دەستە-دەستە-

بېرىلگەن لەيلىگە شۇنچە نېسىۋە.

پەقەت شوخلۇق، غورۇرلۇق چەشمەسىدىن،

تەمەننا نازىنىڭ كەرەشمىسىدىن.

نېچۈندۇر تەگمىگەن بۇ گۈل پەرىگە،

نە گۈلكى بارچە گۈللەر سەرۋرىگە.

تۈرۈپ يەڭ باغدا ئەمگەك قىلسا گاھ-گاھ،

ۋە ياكى چاق ئېگىرسە ئۆيدە تەنھا،

قىلاتتى ناخشىنى ھەمراھ ۋە لېكىن-

ئىدى بۇ ناخشىلار مۇڭلۇق ۋە غەمكىن.

گۆدەك چاغدا مۆكۈشمەك ئويناشتىمۇ قىز،

ئەمەستى بالىلاردەك شوخ ۋە ئەنسىز.

بىراق، لەيلى شۇ تاپتا غەيرىي بىر قىز-

بولۇپ قالدى، ئاجايىپ شوخ ۋە كەپسىز.

بايا كۆرگەچ گۈلايىمدا تەبەسسۇم،

بۇنى بىر رازىلىق دەپ شۇنچە مەسۇم-

بوۋاقتەك بىغۇبار زوققا تولۇپ ئۇ،

ئېسىلدى ئانىنىڭ بوينىغا دەررۇ.

ئېسىلدى، تاپتى گويا باشپاناھنى،

ۋىسال ئارزۇسىغا ھەم رەمنەمانى.

ئېسىلدى، كۆزدە ياش، ئۈمىد، ھاياجان،

گۈلايىم قەلبىنى ھەم باستى تۇغيان.

دېدى يىغلاپ گۈلايىم:“مەن نېمە دەي،

پەلەكنىڭ كاجلىقىدىن كىمگە نالەي!

بۇيان تارتسام ھارۋا سۇنار، نېتەي مەن،

ئۇيان تارتسام ئۆكۈز ئۆلەر، نېتەي مەن.

كېتەرسەن، مەن قالارمەن بۇ ماكاندا،

نېمە خوۋلۇق بولار ئەمدى جاھاندا؟

ئىزا ھەم تەنە-دەشنەم، دوقمۇ چاغلىق،

ئۆتەر ئۆمرۈممۇ بىر-بىر ساناقلىق.

ئۆلۈم ئاسان ئىدى ئايرىلمىغىمدىن،

قانىتىمنىڭ سۇنۇپ قايرىلمىغىدىن،

لېكىن بولماي سېنىڭ بەختىڭگە زامىن،

ئىلاھا، يەت قىزىم مەقسەتكە، ئامىن!“

ئانا بەرگەچ دۇئاسىنى مۇئەييەن،

كېڭەش بىرلە جىمى ئىش بولدى جەزمەن:

كېرىم كەلسە ئەگەر كەچتە سوراقلاپ،

ئۇنىڭ بىرلە كۆرۈشكەي بىر ئاماللاپ.

ئەگەرچە كەلمىسە يا چىقسا توسقۇن،

تېپىپ بىر چارە-تەدبىر ئەتە-ئۆگۈن،

خەۋەر قىلغۇزغۇلۇق بۇنى گۈلايىم

(كېلىپ قالغاي ئۆزى كەچتە، ئىلاھىم).

ئۈمىد، ئارزۇ، ۋىسالغا تەلپۈنۈپ دىل،

نىجاتلىقنى تىلىدىيۇ، شۇنچە شېرىن،

ھامان ياشلىق ئىدى كۆزلەر ۋە لېكىن.

***

ئايا چەرخ، قىل بۇ نۆۋەت بىر مۇررۇۋۋەت،

زۇلۇم،بىدادلىقىڭنى قوي بۇ نۆۋەت.

يېتەر شۇنچە ئۇنى كۆيدۈرگىنىڭمۇ،

پىراق بىرلە تىرىك ئۆلتۈرگىنىڭمۇ!

ئۈمىدگە يېتىپ بىچارە لەيلى،

نىجات تاپقاي دىلى مىڭ پارە لەيلى.

قەلەم، سەنمۇ بۇ گەپنى ئەمدى بەس قىل،

نېمە بۇ ئىلتىجا، ئىشنى ھەۋەس قىل.

قېنى لەيلى ئۈچۈن مەجنۇن كېرىمىڭ،

ئۆزۈڭدەك باغرى خۇن، مەھزۇن كېرىمىڭ؟

ئۇنى كەلتۈر، قېنى خىلۋەتتە كەلتۈر،

ۋىسال باغىغا تېز سۈرئەتتە كەلتۈر!

ئۈچىنچى باب

پايدىسىز بىر پارچە گۆشتىنلا ئىبارەتتۇر يۈرەك،

پارە-پارە كەسمىسە ئىشىق-مۇھەببەت قايچىسى.

-ئابدۇللا توقاي

1

كېرىم ئاجىز تېرىمچى بىر ماكاننىڭ،

تىكەندەك ئوغلى ئىدى توختىكامنىڭ.

كىشىنىڭ يېرىگە ئەر ئۆمرى ئىشلەپ،

ھامان قالغاچ يەنە لېۋىنى چىشلەپ.

تۈگۈپ بىر كۈن بېلىگە زاغرا ناننى،

سېلىپ ئۆشنىسىگە ياماق چاپاننى،

شۇ كەتكەنچە ئاتا تاغ ئارقسىغا

(”بەخت تاپماق“ئۈچۈن ئۆيۋاقىسىغا)،

بۇ يۇرتقا قايتمىدى، شۇ بولدى بانا،

يېنىشلاپ قانچە رەت قايتسىمۇ تۇرنا.

شۇ يىللار ئىچىدە بۇ بىقارار چەرخ،

يولىدا ئوڭ ۋە سولنى قىلمايىن پەرق،

ئوقۇپ بارچە بالا-شۇملۇققا ئەپسۇن،

تىرىلدى گۆرىدىن گوياكى پىرئۇۋن.

سوقۇپ بوران،جۇدۇن-چاپقۇن، شىۋىرغان،

تۇمۇغ دەھشىتىدە قالدى تىيانشان.

تارىمنىڭ ياقىسى يىرتىلدى نەچچە،

ئاياغ ئاستىدا قالدى لالە-غۇنچە،

كىمىكى ئەرك دېدى، باش قالدى تەنسىز،

كۆمۈلدى نى ئەجىب ئەرلەر كېپەنسىز.

ئاساۋ، قارىغۇ ئەجەل ھەر ياندا كەزدى،

كىمىكى ئۇچرىدى، دەسسىدى، ئەزدى.

ئۈچەيلەر ئىلىنىپ جاڭگال گىياھى

شامالدا ھۇشقىتار ماتەم ناۋاسى.

گويا قۇشخانىغا ئايلاندى ئۆلكە،

پۇراپ قان، يامرىدى چىلبۆرە، تۈلكە.

كۆرۈنگەن ھەممە دۆڭ شېھىت مازارى،

سۆڭەكلەردىن تىكىلدى“شېڭ“مۇنارى.

تىرىكلەر چۆرە-قۇل، ئىت ئورنىدا خار،

ئۆزىنىڭ يۇرتىدا غۇربەتكە دۇچار.

پىيالە سۇندى ھەم تۆكۈلدى شەربەت،

نىكاھ تەنتەنىسى بولدى مۇسىبەت.

يۇلار چاچ ئانىلار ئوغۇل غېمىدە،

ئوغۇللار قاتمۇ-قات تۈرمە ئىچىدە.

كېلىننىڭ چاچلىرى ئاقاردى بىۋاخ،

بوۋاقلار زەنىخى ھەم ئۆچتى بىچاغ.

ئەگەرچە بىر ئۆمۈر يازسا مۇئەررىخ،

نېچۈك پۈتكەي بۇ قانلىق ئەسىرى تارىخ.

يەنە تويماي قارارسىز چەرخ شۇنچە قانغا،

”قىيامەت“دەھشىتىنى سالدى جانغا.

زاۋالنى ئاز كۆرۈپ، ئەكەلدى تۈننى،

قارا تۈنگە قوشۇپ ئاچچىق تۈتۈننى.

گومىنداڭ كەلدى يۇرتقا، بولدى پاشا،

قولىدا قامچىسى، ئاغزىدا غاڭزا.

كۈلىنى قاقتى بىزنىڭ بېشىمىزغا،

پۇتىنى چىلىدى كۆز يېشىمىزغا.

نېچۈك بۇلغاتسا چاڭجىياڭ سۇلىرىنى،

تارىمغا چاچتى شۇنچە زەھىرىنى.

ئاۋۋال باشلاپ بوغۇزلاپ كۆمدى پەننى،

مائارىپ دېسە كىم، سالدى كىشەننى.

بۇزۇپ مەكتەپنى قىلدى بىر گۆرىستان،

تىياتىر ۋە كۇلۇبلار بولدى يىڭفاڭ.

تىرىلدى سوپى-ئىشانلىق جاھالەت،

تۇماندەك قاپلىدى ئاسماننى زۇلمەت.

”قىزىلپاچاق“ ئاتالدى ھەر زىيالىي،

كۈنى شورلۇق، ئايانچلىق بولدى ھالى.

كىمىكى داد دېسە، كەستى تىلىنى،

تىلى تۇرماق، تۆكۈپ ئىچتى قېنىنى.

خۇسۇسەن يۈرگۈزۈپ ئىرقىي سىياسەت،

خەلقلەر ئىچىگە سالدى ئاداۋەت.

قىلىپ ئىنكار جىمى مىللەتنى قەستەن،

دېدى:“سەنلەر بىر نەسىلداش ئۇرۇق سەن“.

بىرىنى ئاقچى سەن دەپ، بىرىنى كۆكچى،

بىرىنى ئوغرىدۇر، بىرىنى دوقچى،

دېدى ئەلنى بۆلۈپ مىڭ بىر بۆلەككە،

بۆلۈنگەننى ئوڭاي تېرىپ يېمەككە.

دېدى:“بۇ چىگرا خەلقى بېشى تىنماس،

بېشى تىنسا، تۈگۈلگەن مۇشنى تىنماس.

قىلار ئۈچ يىلدا بىر قوزغىلاڭنى،

ھەر ئون يىلدا قىلار ئۇندىن يوغاننى.

كېرەك سالماق ئاڭا زەنجىر-كىشەنلەر،

قىرىلسۇن يىلتىزىدىن ئەرك دېگەنلەر“.

قۇرتتەك يامرىدى جاي-جايدا جاسۇس،

ئاياغ ئاستى قىلىندى بىتتى نامۇس.

نە چىن دوستلۇق-ۋاپادىن قالدى زەررە،

قارا ئىتلار ئۈچۈن مول كەلدى مەررە.

نە تىنىچلىقتىن ئەسەر، نە بەرىكە ئەلدە،

نە قالدى كۈچ-قۇۋۋەت بىلەكتە، بەلدە.

زۈلۈكتەك شورىدى قاننى بۇ ”لويا“،

كىشىگە كەڭ جاھان گۆر بولدى گويا.

زامانە زورغا بولدى، قايغۇ كورغا،

قاچان باققان زامانە كۈنى شورغا!

كىمىكى تاپتى يۈز، گۈللەندى يۈز-يۈز،

كىمىكى ناتىۋان، باغىدا كەچكۈز.

پۇلى بارنىڭ گېپى ئوڭ بولدى ھەر چاغ،

پۇلى يوقنىڭ بېشىغا كەلدى دوزاخ.

تېرىمچى بىر چولاق كەتمەندە قالدى،

ماتاچى مىڭ ياماق چەكمەندە قالدى.

غىچىلدار ھارۋىنىڭ چاقى قەدەمدە،

كانايغا بولمىسا، سۇنايغا نەدە!

ئەگەر سوزسام بۇ گەپلەرنى يازاي دەپ،

قەلەم-قەغەز بىلەن تۈگەرمىدى گەپ.

ئۇنىڭدىن ياخشىسى باشلاي كېرىمدىن،

بايا باشلاپ چالا قويغان يېرىمدىن.

زىمىستان دەھشىتى گەر بولسا قانچە،

بوران ھۇۋلاپ، ئۇرۇپ تۇرسىمۇ قامچە،

ۋە ياكى شاخىغا ھەر كۈندە پالتا-

تېگىپ، ئۆمرىنى گەرچە قىلسا كالتە،

پۈكۈلمەي قامىتى، سولماي جىلالى،

ھامانە تىك تۇرار قارىغاي مىسالى.

ئۆسۈپ يەتتى كېرىممۇ ياش قۇرامغا،

بولۇپ ۋارىس يەنە شۇ توختىكامغا.

ۋە لېكىن تەلەيدىن كۆپ بولدى شورلۇق،

قىلىپ نامەردە زامانە تولا زورلۇق.

بىرى ئورتاق دېدى، خاماننى ئالدى،

بىرى ئالۋان دېدى، قالغاننى ئالدى؛

بىرى ئۆشرىگە دەپ، توپاننى ئالدى،

بىرى يامۇلغا دەپ، ساماننى ئالدى؛

بىرى چىرىككەن دەپ، ئوتۇننى ئالدى،

بىرى بەگلەرگە دەپ خۇرجۇننى ئالدى؛

بىرى ئامبالغا دەپ، مەي پۇلى ئالدى،

بىرى مەيگە قوشۇپ، سەي پۇلى ئالدى؛

ئېشەكنى سەيسىگە دەپ دورغا ئالدى،

توقۇمنى بىر دۇئاغا موللا ئالدى؛

بىرىدىن بىرى كۆپ قىزغاندى، ئالدى،

كېرىمنىڭ ئىككىلا ھەمراھى قالدى:

بىرىدۇر ئانىسى زورەمخان ئاچام،

بىرى نەي، قولىدىن چۈشمەس سەھەر-شام.

شۇ نەي قىلسا تەرەننۇم چۆلئىراقتىن،

شىكايەتلەر ئوقۇپ ھىجران پىراقتىن،

پەقەت لەيلى بىلەن ئۇرار ئىدى جۇش،

مىسالى گۈل دېدى بۇلبۇل، بولدى بىھۇش.

شۇ لەيلى قىلمىسا يار قەلبىنى قان،

تۇتۇپ كەتمەن، قېتىپ تاشتەك قاپارغان-

بۇ قوللار ئەۋرىشىم بولغايمۇ زىنھار،

بېسىپ نەي پەدىسىن شۇنچە ھۇشيار!

بولۇپ شۇ نەي كۆڭۈلنىڭ تەرجىمانى،

ئۇنىڭدىن ئۇرغۇسا دەردلىك پىغانى،

نېچۈك تۆزگەي ئۆيىدە لەيلى بىردەم،

ئاڭا قىلماي ئۆزىنى يارۇ ھەمدەم.

2

مانا كەلدى بۇ ئاخشام نەيدىن سەس،

لېكىن ئۆيدە ئىدى مەخسۇم چولاق نەس.

بۈگۈن مەخسۇم بولۇپ شېرىن سۇخەنساز،

ئۆزىچە ھەر سۆزىدە كۆرسىتىپ ناز،

گۈلايىمغا قاراپ ھىجايدى بىر پەس،

ئۇزاتتى ئارقىدىن بىر ئەتلەس.

قىلىپ لەيلىگە ئاندىن كۆپ خۇشامەت،

ئۆزىنى كۆرسىتىپ بەك ئالىي ھىممەت،

تاۋار-دۇردۇننى يايدى پارچە-پارچە،

دېدى:“ئال، ياققىنىنى خالىغانچە.“

ئۇنىڭ مۇنچە سېخىي ھاتەملىكىدىن،

نە ھاتەمكى، تولا بىپەملىكىدىن

كۈلۈشتى ئۆز ئىچىدە ھەر ئىككىيلەن،

بېسىپ دەرد، ئاچچقىنى سەۋر بىلەن.

ئەنە شۇ چاغ تىلى دىلغا تونۇش نەي،

تۆكۈپ مۇڭ-زارىنى، دەردكە تۆزەلمەي،

كېلىپ باغ ئارقىسىغا چەكتى ئەپغان،

قىلىپ دەۋەت يېنىغا يارنى پىنھان.

بىتاقەت بولدى لەيلى جىم تۇرالماي،

بۇنى سەزدى چولاقمۇ چەتتە قالماي.

دېدى ئۇ كۆڭلىدە:“ھەي،ساددا، مۆڭ قىز،

سىرىڭنى بىلدۈرۈپ قويدۇڭ تولا تېز.

قېنى قانداق قىلارسەن، بىر كۆرەيچۇ،

كۆرۈپ ئاندىن جازايىڭنى بېرەيچۇ.“

شۇنى ئويلاپ چولاق ئۆز كۆڭلىدە خۇش،

ناماز خۇپتەنگە ماڭدى، ئۆينى قويۇپ بوش.

ئۆتەر-ئۆتمەي ئارادىن ئازغىنا چاغ،

يۈگۈردى لەيلىگۈل، ئايدىڭ ئىدى باغ.

كېرىممۇ چۈشتى شۇ چاغ باغ تېمىدىن،

يۈرەك تىترەر ئىدى ۋىسال دېمىدىن.

يېقىن كەلگەچ تۇرۇپ قالدى باراۋەر،

بىرىدىن بىرىنىڭ قامىتى دىلبەر.

قارا يەرگە چېچىن ئوينار ئىدى قىز،

نازۇك بارماقلىرى تىترەيتتى ئەنسىز.

كېرىم ئۈزمەس ئىدى قىزدىن كۆزىنى،

تاپالمايتتى بىراق ئېيتار سۆزىنى.

خىيابان بولدى بىر شاپتۇلا خىلۋەت،

پۈتۈن باغ ئۇيقۇدا، ھاكىم سۈكۈنات.

پەقەت كۆكتە تولۇن ئاي جىلۋە بىلەن

ئۈزۈپ يۈرگەن كەبى دېڭىزدا يەلكەن،

بۇ ئاخشامنى تاماشا قىلار جىم،

بۇنىڭ تەسۋىرىگە يوقتۇر ئىلاجىم.

لېكىن شۇ چاغ بۇ باغنىڭ بۇرجىكىدىن

(يېرىلغان باغ تېمىنىڭ يوچۇقىدىن)،

چولاق مارار ئىدى ئوغرى مۈشۈكتەك،

بۇنى سەزمەس كېرىممۇ لەيلىگۈلدەك.

دېدى ئاخىر كېرىم:“ئەي گۈل ئۇزارىم،

ھاياتىم گۈلشەنى، جان لالە-زارىم.

جىمى گەپتىن تولۇق بولدۇم خەۋەردار،

تىلىم ئاجىز غېمىم ئەيلەشكە ئىزھار.

مۇشۇنچە ھىجرى داغى يەتمىگەندەك،

ئاراغا ئۈندى ئۇ زالىم تىكەندەك.

ئۈمىد-ئارزۇ گۈلى سولغايمۇ ئەمدى،

جۇدالىق بىر ئۆمۈر بولغايمۇ ئەمدى!“

جاۋاب ئورنىدا قىز بىلمەي ئۆزىنى،

قولى بىرلە توسۇۋالدى يۈزىنى.

تاراملاپ چۈشتى دەرھال كۆزىدىن ياش،

كېرىم تىترەر بېرەلمەي بۇڭا بەرداش.

شۇ ھالدا ئىككى قەلب مۇڭ-زار تۆكۈشتى،

زامانە پەيلىنى قارغاپ سۆكۈشتى.

سۆكۈشتى كۆزى كور، گۇمراھ زاماننى،

نە گۇمراھ، شۇم پېئىل بەتخاھ زاماننى.

سۆكۈشتى كۆڭلى تار، نامەرد زاماننى،

نە نامەرد، خۇنپەرەس بەتبەخت زاماننى.

ئاخىرى لەيلى قىلدى سىرنى ئىزھار،

(نىجات ئىزدەپ كېتىشكە ئۆزى تەييار).

دېدى:“مۇندىن كېچىكمەي تېز كېتەيلى،

نېمىكى كەلسە باشقا تەڭ كۆرەيلى.“

بۇنى ئاڭلاپ، كېرىمنىڭ قەلبىدە جۇش-

ئۇرۇپ بىر ھېس، ئۇ گويا بولدى بىھۇش.

كۆڭۈلدە بولسىمۇ، گەرچە شۇ مەقسەت،

ئايان ئەيلەشكە بولماي تىلدا جۈرئەت،

بېشى تاشتەك قېتىپ ئاشۇ ئازابتىن،

يىلاندەك تولغىناتتى ئىزتىراپتىن.

بۈگۈن بولغاچ شۇ مەقسەت ۋاقتىدا ھەل،

يېنىپ گويا ئۈمىد دەشتىدە مەشئەل،

نېمە قىلماقنى بىلمەي خۇشلۇقىدىن-

سىلار قىزنىڭ چېچىن بىھۇشلۇقىدىن.

نېمەدۇر ئېيتقۇسى ھەم كەلدى شۇئان،

بىراق، تىترەپ لېۋى بەرمەيتتى ئىمكان.

شۇ ھالدا بىر ھازا ئۇ بولدى تەخىر،

يىغىپ ئەس-ھۇشىنى مىڭ تەستە ئاخىر،

دېدى:“يار ھىممىتىگە بارىكاللا،

بېشىم كۆككە ئۇلاشتى، مىڭ ھەشقاللا!

مۇبارەك لەۋزىڭىز يول ئاچتى روشەن،

يېسۇن ئۆز گۆشىنى ئەمدى ئۇ دۈشمەن.

ۋاپا مەكتىپىدىن كىم ئالسا تەلىم،

ئۆزىگە قىلغۇلۇق سىزنى مۇئەللىم.

نېچۈكمۇ تەڭلىشەي مەن سىزگە دىلدار،

قىلاي ھەر ھالدا ئۆز پىكىرىمنى ئىزھار:

كېلەي تۈن يېرىمى ئەتە بۇ باغقا،

كېتەيلى ھېلىچە بىز توققۇزاققا.

ئوبۇل كۆرسەتكۈسى بۇ ئىشتا ياردەم،

لېكىن قىينار مېنى شۇ تاپتا بىر غەم!“

دېدىكىم:“نېمە غەم ئۇ سىزنى قىينار؟“

دېدى:“يەتسەممۇ ئۆيدىن سىزگە ئازار؟“

دېدى:“يەتكەچ ئاناممۇ ھالىمىزغا،

دۇئاسىنى بېرىپ ئاقيولىمىزغا،

تۆكۈپ كۆز يېشىنى بولدى مەدەتكار،

نېمىكى دېسىڭىز، مەن شۇڭا تەييار!“

شۇ بولدى بىر قارار، قىز ماڭدى خوش دەپ،

ئۈزەر ئايمۇ پەلەكتە ئاستا ئۈگدەپ.

ئەجەب ئوتلۇق ئىكەن بۇ ئىشىق خىتابى،

ئۇنىڭ ھەربىر سۆزى بىر دەرد كىتابى.

كىمىكى ئوقۇدى ئۇندىن سەھىپە،

شۇنىڭغا تەگدى بىر سىرلىق نەسىبە.

بىكارغا ئۆزىنى ئۇرمايدۇ بىغەم،

چىراغ پەرۋانىسى ئوتقا سەھەر-شام.

بىكارغا سايرىماس تۈنلەردە بۇلبۇل،

ئۇنى كۆيدۈرمىسە گۈلشەن ئارا گۈل.

بىكار ئاقماس ئىدى دەريادا تاھىر،

دىلىدا بولمىسا يار ئىشقى زاھىر.

لاۋۇلداپ تۇرمىسا لەيلى ۋاپاسى،

قەيەردىن ئاڭلىنار مەجنۇن ناۋاسى.

بىكارغا كۆيمىدى شاھزادە پەرھاد،

چېكىپ ئۆمرى بويىچە شۇنچە پەرياد.

ئەگەرچە بولمىسا ئەرمەندە شېرىن،

نېچۈن تارتقاي بۇ پەرھاد ئىشقى جەبرىن؟

قولىدىن كەلسە گەر سوقراتمۇ تاغدا،

قويۇپ كەتمەس ئىدى پەرھادنى داغدا.

تالاي ئىزدەندى شائىر ھەمدە دانىش

قىلىپ بۇ سىرنى بىر ئالماقچى خاھىش.

يەنە قانچە مۇنەججىم باقتى كۆككە،

جاۋاب تاپماق ئۈچۈن سىرلىق كۆيۈككە.

جاۋاب بىر بولدى ئاخىر ھەممىگە ماس،

”كۆيۈك بىر بەخت، پەقەت ئاشىققىلا خاس!“

دېمەك بۇ بەخت نېسىۋى ھەممىگە تەڭ،

(بەزەن تاراق ۋە بەزەن ئىككىلىك كەڭ)-

يېزىلغان يالتىراق باغاق ئەمەسكى،

بېرىپ ئادرېسىغا تەگسە، شۇ بەسكى،

ئەگەرچە بولسا ئۇ بىر قارىغۇ ئامەت،

ئاۋال تەگكەن بولاتتى بەگكە ئەلۋەت.

ۋە لېكىن بەگ تۈگۈل، باي ھەم ئەمەلدار،

پۈتۈن قەشقەردە چەكسىز ئابرۇيى بار؛

لاداق، كەشمىر بىلەن خوتەن، كۇچادا

يۈرەر كارۋانلىرى بار كەڭ-كۇشادا؛

شەھەر قانچىلاپ ساراي، دۇكانغا،

يەنە بىر قانچىلاپ ھويلا ۋە ساڭغا،

خوجايىن نەچچىلەپ باغلارغا مۇتلەق،

ئۆيىدە نازنىن خانىملىرى نەق،

يەنە دائىم كۆڭۈلنىڭ ئىشقىدا مەست،

جۇۋانمۇ ياكى قىز دەپ پەرقمۇ ئەتمەس-

بەگ ھاجىدەك كىشىگە تەگمىدى ئۇ،

بۇ“زات“نىڭ ئىستىكى گەر بولسىمۇ شۇ.

ئۇنىڭ ئەكسىچە بۇ بەخت نەدە دەيسەن دەپ،

غېرىبى بىر يېتىم كېرىمنى ئىزدەپ،

شۇنىڭ قەلبىدە بىر بەخت قىلدى بۇنياد،

جېنىدەك ئورنىشىپ قالدى ئۆمۈرباد.

سەۋەبكى، قايسى قۇزغۇن بولدى بۇلبۇل،

يەنە ئازغان نېچۈك بولسۇن قىزىلگۈل!

سەۋەبكى، مىستىمۇ يوق رەڭ ئېيىۋى،

لېكىن تەگمەس ئاڭا ئالتۇن نېسىۋى!

*************

تىلە شائىر، ساڭا ھەم كەلسە شۇ بەخت،

ئەجەبمەس قۇرسا قەلبىڭ ئىچرە بىر تەخت.

ۋىسالىغا ئېرىشمەك گەرچە تەستۇر،

كۆيۈككە مۇپتىلا بولساڭ شۇ بەستۇر.

تۆتىنچى باب

مەززەئى لۇتپى ئىلاھىدۇر

دىيارى كاشىغەر،

ئىشىق ئېلىنىڭ قىبلىگاھىدۇر

مازارى كاشىغەر،

ئىشىق-ئۈلپەت چەشمىسىدىن

دەردۇ مېھنەت جۇش ئېتەر،

تۇپراغى ھەسرەت بىلەن پۈتكەن

ھىسسارى كاشىغەر.

-گۇمنام

1

تولۇنئاي ئۈگدىمەكتە كۆكتە خامۇش،

نەزەرباغ ئۇيقۇدا، ئۇخلاپ كۆرەر چۈش.

پەقەت ئويغاق ياتار بىر كۈلبە چەتتە،

(كەرەم باغقا تۇتاشقان يول تەرەپتە).

ئوغۇل بىرلە ئانا نۆۋەتمۇ-نۆۋەت-

قىلار ئۆز غەملىرى ئۈستىدە سۆھبەت.

كېرىم ئېيتقاچ جىمى گەپنى بۇ ئاخشام،

كۆزىگە ياش ئېلىپ زورەمخان ئاچام،

گويا شادلىقتىن ھۇشىنى بىلمەي،

ۋە ھەتتاكى قۇلاقىغا ئىشەنمەي،

سورايتتى ئوغلىدىن گەپلەرنى تەكرار،

قىلىپ ئۆز تەشۋىشىنى ھەمدە ئىزھار.

دېدى ئاخىر:“ئەجەپ ئوڭ كەپتۇ تەلەي،

خۇداغا يۈز تۈمەن مىڭ شۈكۈرلەر دەي.

بۇ يۇرتتا تېڭى يوق جانان بۇ قىزغا،

خالايىق ئاغزىدا داستان بۇ قىزغا،

ئانا بولماققا لايىق بولسام ئەمدى،

نە ئارمان خۇشلۇقۇمدىن ئۆلسەم ئەمدى.

ئاقارغان چاچلىرىم بولسا پايانداز،

سېنىڭ بەختىڭ ئۈچۈن شۇمۇ يەنە ئاز.

ئۇزۇندىن شۇ ئىدى مەقسەت-مۇرادىم،

خۇدايىمغا يېتىپتۇ ئەمدى دادىم.

گۈلايىم خانمۇ دائىم شۇنى دەيتتى،

مېنىڭدىنمۇ تولاراق غېمىڭ يەيتتى.

قاچان بولسا لېكىن بىر توي ئىشى بار،

بۇ يوقسۇزلۇق غېمىنىڭ تەشۋىشى بار.

نېمىمۇ قىلغۇلۇق چولاق مۇبادا،

بۇ ئىشتا قىستىسا قارىغۇنى يادا؟“

كېرىم دەيتتى:“ئانا، كۆپ غەمگە چۆكمەڭ،

بولار بىر گەپ، تولا ئەندىشە قىلماڭ.“

شۇ خىلدا سۆزلىشىپ ئۆتتى يېرىم تۈن،

ئۈمىد،تەشۋىش ئىدى ھەر گەپكە مەزمۇن.

دېيىشتى ئاخىرى“ئەمدى تەۋەككەل،

تەۋەككەل تېڭىرقاشتىن مىڭ-مىڭ ئەۋزەل!“

2

چىمىلدىقتىن چىقىپ كۈلگەندە چولپان،

يۈزىنى ناز بىلەن ئاچقاندا ئاسمان؛

خورازلار چىللىشىپ شوخ، يانمۇياندىن،

نامايىش باشلىغاندا سۈبھى تاڭدى،

يۈرەك دولقۇنلىنىپ دېڭىز مىسالى،

قانات قاققان كەبى پىكرۇ خىيالى،

كېرىم ئەسلى ئىدى كەچمىشنى مەھزۇن،

چۈشۈپ يادىغا ئۆتكەن بىر ئەجىب كۈن:

…مانا كەچ كۈز، پاتار قەشقەر قۇياشى

سېغىنغاندەك گويا ياستۇقنى باشى.

بۇلۇتلار مەڭزىگە قونغان شەپەق ھەم

كېتىشكە ئالدىرايتتى ئالمايىن دەم.

تەبىئەت چېھرىسى غەمكىندى شۇنچە

گويا كۈلمەي سولاشقان لالە-غۇنچە.

توسۇپ بىر توپ قاراقچىلار يولىنى،

بۇلاپ كەتكەن كەبى بەرقۇت تونىنى،

كىيىپ ئەمدى غېرىبى مەللە چەكمەن،

قىسىپ ھەم بوينىنى غەم-غۇسسە بىلەن

ياتار يەر ۋە جاھان غەمكىن قىياپەت،

نە غەمكىنكى، تولا مىسكىن قىياپەت.

شامال بەڭۋاشلىقى ئاندىن يامانراق،

ئۈسۈپ ھېچكىمنى قويماي تىنچ-ئامانراق،

چېلىپ ئۈشتەك چاپار كۆپ شوخلۇقىدىن،

يوپۇرماقلار چۈشەر تىتىرەپ شېخىدىن.

خازان سەرسان ئۇچار ھەربىر تاماندا،

ماكانى يوق كەبى بۇ كەڭ جاھاندا.

خازاندەك تەمتىرەر ھەريان ئادەمزات،

تىرىكلىك غېمىدىن سەرسان ئادەمزات.

بىرى ھەيدەر پىيادە مەپىسىنى،

يۇتۇپ سەمەن يولىنىڭ توپىسىنى،

بىرى ئەپكەش بىلەن ئاۋارە شۇدەم،

بىرى بىر نانغا زار-دىۋانە شۇ دەم.

بىرى ھاممال، توشۇر گەزمالنى تاي-تاي،

ئۆتەر ئۆمرى لېكىن تەننى ياپالماي.

بىرى قايتار بازاردىن كۈلبىسىگە،

يۈدۈپ نان ئورنىغا غەم دۈمبىسىگە…

كېرىممۇ ئۆيىگە قايتاي دېگەندە،

يولىنى توستى بىر ئىش كۈتمىگەندە:

قولىدا ياغلىق قاپاق بىر قېرى دېھقان-

ئۆتۈپ كەتكەچ يېنىدىن بەخىرامان،

ئۇدۇلدىن كەلدى بىر ساقچى ئەمەلدار

(تۆمۈر ئاتقا مىنىپ مەغرۇر جىلادار).

كۆزى چۈشكەچ قىزىل كۆڭلەككە يولدا،

تۇتالماي، ئەندىكىپ، ئۇ رولنى قولدا،

كېلىپ سوقتى دېھقاننى زەپتى بىلەن،

يىقىلدى پۇتلىشىپ ھەر ئىككىيلەن.

چېقىلدى ياغلىق قاپاق، يول بولدى پاتقاق،

ئەمەلدار بۇلغىنىپ، ياغلاندى قالپاق.

دېھقان يەردە، ئاقار قان چېكىسىدىن،

ئەمەلدار تۇتقىنىچە يەلكىسىدىن،

ئۇرۇپ تۇرغۇزدى سىلكىپ، ياغدۇرۇپ مۇشت،

خالايىق بىرلە تولدى كوچا-دوقمۇش.

شۇ بولدى باشلىنىش، ئۇلغايدى جاڭجال،

دېھقان تىترەر ئىدى دەھشەتتە غال-غال.

ئۇنىڭ ئۈستىگە زالىم گالدىن سىقىپ چىڭ،

زەھەرلىك تىل-ھاقارەت ياغدۇرۇپ مىڭ،

دېدى:“ھايۋان، تۆلەيسەن ئۈستىۋاشنى،

بۇنىڭسىز ئويلىما ھايات ياشاشنى!“

نېمىدۇر ئېيتتى ۋە يالۋۇردى دېھقان،

لېكىن مۇشت تەگدى باشقا يەنە شۇئان.

خالايىق دەرغەزەپ تەۋرەندى قاتتىق،

بىراۋلار ئاھ دېدى، سەسكەندى قاتتىق.

بىراق ھېچكىم ئاچالماس ئاغزىنى ھەم،

يۇمار بەلكى بىراۋلار يەنە مەھكەم.

چىدالماستىن كېرىم بۇ ھالغا زىنھار،

كۆزىدە ئوت يېنىپ، شىردەك غەزەپكار-

ئېتىلدى، تۇتتى جاللاتنى بىلەكتىن،

دېدى ۋە:“گەپلىشەيلى، كەل بۆلەكتىن!

ھۆكۈمەت ئادىمى دەپ شۇنچە زورلۇق-

قىلامسەن كوچا-كويدا ئادەمخورلۇق؟

ئۆزۈڭ تۆك يېغىنى، ئۇر يەنە شۇنچە،

تۆلەمدۇ ئۈستىۋاشنى تېخى سېنىڭچە؟“

ئەمەلدار چەكچىيىپ ۋە قاتتى تامدەك،

غەزەپتىن ھەم ئاقاردى يۈزى شامدەك.

بەش-ئون يىلدىن بېرى بۇ يۇرتتا ھېچكىم،

بىرەر ئادەم تۈگۈل، خىزىرمۇ بەلكىم،

ئاڭا قول ياندۇرۇش بۇياقتا تۇرسۇن،

ئەقەللىي تىك قاراشقا ھەددى بولسۇن.

بۈگۈنزە، بۇ يالاڭ تۆش توڭ سەھرالىق،

ئەدەپ-ئىكرامنى بىلمەس مۆڭ سەھرالىق-

”يالاڭياق“شۇنچە ئىشقا قىلسا جۈرئەت،

بۇ قانداق بولغىنى، قانداق جىنايەت!

شۇ ئوي بىرلە تېپىپ يەرنى ئەمەلدار،

قاۋاندەك چىرقىراپ ئاندىن غەزەپكار،

كېرىمگە ئاتتى بىر مۇشت شۇنچە ئىتتىك،

بېرىپ چۈشتى ئۆزى موللاق ئېتىپ تىك.

بۇ دەردكە پايلىيالماي ئاچچىقىدىن،

ئېلىپ قولغا ناگاننى يانچۇقىدىن،

قوپاي دەپ تۇرغىنىدا يەر تىرەجەپ،

كېرىم دەسسەپ بېلىدىن ئىككى پۈكلەپ،

بېشىغا ياغدۇرۇپ مۇشت قەھرى بىرلەن،

دېدىكىم:“ئۇر دېگەننى مەندىن ئۆگەن!“

ناگان نەدە، ئۆزى نەدە ئۇ جاللات،

كۈچۈكتەك غىڭشا-غىڭشا چەكتى پەرياد.

بۇ ھالەتتىن خالايىق شاد ۋە ھەيران،

دېيىشتى:“بۇ يىگىت كىم، مۇنچە پالۋان؟“

بىراۋلار قىلدى ئەمما غەم ۋە تەشۋىش:

ئۆلۈپ قالسا، يىگىتكە تەس بولۇر ئىش.

دېدى كىمدۇر بىرى:“قوي مەيلى ئەمەسمۇ،

ئۆلۈپ قالسا، ئۆزىنىڭ پەيلى ئەمەسمۇ“!

بۇنى ياقلاپ بىراۋلار دېدى دەررۇ:

”نېمە تېرىسا، شۇنى ئورار دېگەن شۇ.“

بىراق كۆرگەچ بۇ ماجىرانى يىراقتىن،

سۈرەن-چۇقان بىلەن ساقچى ياقتىن

يۈگۈرگەنچە كېلىپ بەش-ئونچە ساقچى،

بولۇشتى توپنى يولدىن قوغلىماقچى.

خالايىق شۇ زاماتلا بولدى مالىمان،

كېرىمنى ئۆز ئىچىدە قىلدى پىنھان.

كۆرۈپ ئۆز باشلىقىنى يەردە نىمجان،

چۈشەنگەچ ساقچىلارمۇ ئىشنى شۇئان،

”كىم ئۇ، شۇنچە بالا تېرىغان بالاخور،

قېنى ئۇ بىزگە قارشى مۇشتومزور؟“

دېيىشتى قۇترىغان ئىتتەك قاۋاپ تەڭ،

كۆتۈردى مىلتىقىنى ھەم تۈرۈپ يەڭ.

بۇ گەپلەرگە بىراۋ دەرھال جاۋابەن

بۆلەك بىر كوچىنى كۆرسەتتى قەستەن.

يۈگۈردى ساقچىلار، تارقالدى ئەلمۇ،

بولۇپ قالدى شۇ چاغ ۋاقىتنى زاۋالمۇ.

كېرىمنى بىللە باشلاپ ئىككى ئادەم،

ئۆتۈپ تار كوچىلاردىن ناماز شام.

كېلىشتى“نوۋېشى“دەپ ئات چىقارغان

بىر مەھەللە ئىچىگە بەكمۇ چاققان.

مانا ئاددىي، يىغىنچاق ھۇجرا ئىچرە

ئېچىپ ئەسرارىنى چىن مېھرى بىرلە،

قويۇپ ھەر ئىككىسى سۆزگە مۇھەببەت،

تاسادىپ باشلىدى دوستانە سۆھبەت.

چىراغ پىل-پىل قىلار ئاستا شامالدا،

ئايان بولدى مۇراد-مەقسەت بۇ ھالدا:

بۇلار بىر ئاتىدىن ئىككى ئوغۇلكەن،

چوڭى روزى، كىچىكىنىڭ ئوبۇلكەن.

مۇئەللىملىك قىلار روزى شەھەردە،

ئوبۇل نىمكار بولۇپ ئىشلەر گۈزەردە.

بايا كۆرگەچ كېرىمنىڭ غەيرىتىنى،

زۇلۇم تەختىگە چەكسىز نەپرىتىنى،

ئاڭا باغلاپ كۆڭۈلدە سۆيگۈ رىشتە،

ئۈزەلمەي رىشتىسىنى ھېچ رەۋىشتە،

ئۆمۈرلۈك دوست تۇتۇشقا قىپتۇ ۋەدە،

يۈرەككە ئورنىتىپ چىن بىر ئەقىدە.

يەنە ساقچى تۇتۇپ كەتمەستە ئىزدەپ،

ئۇنى خەۋپتىن ئامان ئاسرايلى بىز دەپ،

تونۇشمايلا ئۆيىگە قىپتۇ دەۋەت،

بۇ گەرچە بولسىمۇ بىر غەيرىي ئادەت.

بۇ گەپلەر بىر مەدەتكار چاقىرىقتەك

ۋە ياكى بىر ھاياتبەخش ھايقىرىقتەك،

يۈرەكنىڭ تارىنى تىترەتتى ئانداق،

كېرىم بىلمەس جاۋاب ئېيتماقنى قانداق.

ئۆزىدىن چوڭ تۇرۇپ روزى ئەپەندى

ئۇنى ھۆرمەتلىسۇنكى شۇنچە ئەمدى،

بېرىپ تۆردىن ئورۇن، بەكمۇ قەدىرلەپ

ۋە گاھى چىن كۆڭۈلدىن ئۆز ئىنىم دەپ،

ئاڭا تۆكسە سىرىنى ھېچ ئايانماي،

قالۇرمۇ دىلدا دوستلۇق ئوتى يانماي!

ئوبۇلدەك تەڭدېمەت دوست نېمىدېگەن ئۇز،

ئۆزى شىردەك بەقۇۋۋەت، مېھرىبان يۈز.

ۋاپادار كۆزلىرى دوستقا نەمۇنە،

تۇيۇقسىز ئۇچرىدى گويا خەزىنە.

شۇڭا كەم سۆز كېرىممۇ خۇددى ناتىق-

كەبى ئۆز پىكىرىدە كۆرسەتتى مەنتىق.

شۇ بولدى باشلىنىش، ئۆتتى بىرەر يىل،

ئاجايىپ رىشتە بىرلە باغلىنىپ دىل.

گاھى دوست ھەم قېرىنداش، گاھى مۇئەللىم-

بولۇپ روزى بېرەتتى ئاڭا تەلىم.

بايان ئەيلەر ئىدى كۆپ يېڭىلىقلار:

ئۇلۇغ ئىش باشلىشىپتۇ ئىلىلىقلار.

زۇلۇم-زۇلمەتكە قارشى كۆتۈرۈپ تۇغ،

قانات قاققانىمىش غۇلجىدا سۇمۇرغ.

تېشىپ قىرغاققا سايرام چايقىلىپتۇ،

تۇمانلىق تەلكىمۇ باش كۆتۈرۈپتۇ.

دېمەككى، ئىلىخودا دولقۇن، ئۆركەش-

چىقىپ خۇاڭخې ئۈنىگە بوپتۇ تەڭكەش.

شۇخىل سۆزلەر سىڭىپ قەلبىگە ھەركۈن،

ئۇنى ئۆز لەيلىسىدەك قىلدى مەپتۇن.

بىراق،“يازدا تويۇڭنى بىللە ئويناپ،

يۈرەرمىز نەي چېلىپ، دەريانى بويلاپ“-

دېگەن قىش كېچىسى روزى تاسادىپ-

يوقالدى ئىز-دېرەكسىز، بولدى غايىب،

يوقالدى، قالدى ئۆي شام ۋە چىراغسىز،

كۆچەتمۇ قالدى سۇسىز، ئۇلاقسىز.

مانا بىر نەچچە ئاي ئۆتتى ئېرىنچەك،

ھامان چاڭقاقلىقىدا قالدى ئىستەك.

قېنى ئۇ سۆزلىرى يالقۇن مۇئەللىم،

قېنى دەريا كەبى تاشقىن مۇئەللىم؟

ئۇنىڭسىز ياش تۆكەر ھەر لەھزە قەلبى،

قېنى ئۇ غەمگۈزار، كەمتەر مۇرەببى؟

قېنى دوستلۇق ئۆيىنىڭ پەخرى شامى،

قېنى ئۇ توي بېشى، سۆيگۈگە ھامىي؟

بۇنى ئاز دەپ، جاپا كۆرسەتكۈچى چەرخ،

يىقىلغاننى تېپىپ، خار ئەتكۈچى چەرخ،

تۇيۇقسىز باشلىدى ئۆز جاڭجىلىنى-

(بەگ ھاجى سوزدى قانلىق چاڭگىلىنى).

ئوبۇل ئاڭلاپ بۇ سىرنى بىر كىشىدىن،

كېچىپ ئۆز غەم ۋە ھەسرەت تەشۋىشىدىن،

بېرىپ تاپقاچ كېرىمنى، قىلدى سۆھبەت،

دېدى ھەم:“يەتتى ئەمدى گەپكە نۆۋەت.

تەۋەككۈل دەپ بۈگۈن گەپ ئاچقىنىڭ خوپ،

ئەگەر ماقۇل دېسە، ئېپقاچقىنىڭ خوپ.“

شۈكۈركىم، شۇ ئىكەن قىزنىڭمۇ پىكرى،

بىھاجەت بولدى بۇ گەپنىڭمۇ زىكرى.

بۇنى بىلسە ئوبۇل شادلانغۇسىدۇر،

بۇ ئىشقا جان پىدا ئاتلانغىسىدۇر…

ئەنە شۇنداق خىيال بىرلە بولۇپ بەند،

كېرىم چىقتى ئىشىككە كۆڭلى خۇرسەن.

ئىشىك ئالدىدا بىر تۈپ قېرى ئۆرۈك،

ئىدى بۇ توختىكامدىن بىر تەۋەرۈك.

يەنە بىر-ئىككى تۈپ شاپتۇلا، ئۈجمە،

شېخىدا مېۋىسى مول غۇجمە-غۇجمە.

ئېتەكچە ئۈچ چۆنەكتە گۈل ۋە كۆكتات،

بۇ يەر شۇنچە كۆڭۈللۈك ئىدى ھەيھات،

كى كىم كۆرسە ئۇنىڭ قەلبىدە بىر زەۋق-

تېشىپ مېھنەتكە سۆيگۈ،ئىشتىياق،شەۋق،

كىمىكى تۆكتى بۇ گۈل باغچىگە تەر،

ئاڭا چىن قەلبىدىن كۆپ ئاپىرىن دەر.

مانا ھەر كۈنكىدەك زورەمخان ئاچام-

چۆنەك ئارىلاپ يۇلار ئوت شۇنچە ئىخچام.

بىراق تىترەر قولى، قورۇق تولا يۈز،

يۈزىدە دەرد-ئەلەمنىڭ ئىزى يۈز-يۈز.

چېچىدا ئاق تولا، يىللار توزانى،

ھېلىتىن باشلىنىپ قالغان خازانى.

كۆرەركىن ئوغلىنى ئۇ ئۆز قېشىدا،

قويۇپ يۇلغان ئوتىنى قىر بېشىدا،

دېدى:“ئوغلۇم، كۆزۈڭ يۇمماي كېچىچە،

سەھەرلەپ ماڭغىنىڭمۇ شۇ پېتىچە؟“

كېرىم كۈلدى بوۋاقتەك پاك ۋە مەسۈم،

قۇياشمۇ چاچتى نۇر، قىلدى تەبەسسۇم.

ئوغۇل ماڭدى شەھەرگە“خوش قېلىڭ“دەپ،

ئانا قالدى“بالام، بولسۇن يولۇڭ“دەپ.

3

ئەجەب ھالەت ھۆكۈمران مەندە ھەمىشە،

ئاڭا مەن خۇددى بىر بەندە ھەمىشە،

كى قەشقەر سۆزىنى ئالسام تىلىمغا،

تولۇپ ئىلھام مېنىڭ جۇشقۇن دىلىمغا،

تېپىرلاپ ھېسلىرىم، دولقۇنلىنىپ ھەم،

ئۆزۈمنىڭ مەيلىگە قويماس بىرەر دەم.

چاپار خۇددى قۇيۇندەك ۋادا ئارىلاپ،

كېتەر گاھى ئۇپۇقتىنمۇ ئۇزاقلاپ.

كەچۈرگەي شۇڭا ھەم دانا كىتابخان،

ئەگەرچە ئۇزىراپ كەتسە بۇ داستان.

مانا دوستلار،  قەدىم قەشقەر ھىسسارى،

ئۇزاق ئۆتمۈش زامانلار يادىكارى.

تۇرايلۇق ئىچكىرى كىرمەي بىرەردەم،

بۇ دەرگاھنى بىلىپ دىلدا مۇكەررەم.

مۇھەببەتتەك ھەمىشە ياش شەھەر بۇ،

ئۆزىمۇ خەلقىدەك بەرداش شەھەر بۇ؛

دۇتاردەك مۇڭلىرى دىلكەش شەھەر بۇ،

غەزەلدەك ئاھلىرى ئاتەش شەھەر بۇ؛

مۇقامدەك ھەسرىتى قايناق شەھەر بۇ،

ۋە لېكىن ناغرىدەك ئويناق شەھەر بۇ؛

ساتارنىڭ تارلىرىدەك گەرچە غەمكىن،

قەدىملىك ئالىمى ئىچرە ۋە لېكىن

يىپەك يوللىرىدەك داڭدار شەھەر بۇ،

يىپەكتەك ئۆزىمۇ رەڭدار شەھەر بۇ.

”نە ھاجەت ھەججى ئەكبەر، قەشقەر-مازارىم“،

ۋەتەننىڭ بىر شۆھرىتى سەن دىيارىم.

قوبۇل قىل ئەي دىيار سالاملىرىمنى،

سەمىمىي، كەمتەرىن ئىكراملىرىمنى.

قوبۇل قىل ناتىۋان جان سوۋغىسىنى،

سۈتۈڭدەك ئاق كۆڭۈلنىڭ سۆيگۈسىنى.

يۈسۈپ خاس ھۈرمىتىگە ئەسسالاملار،

ئۇلۇغ مەھمۇد ئۈچۈن مىڭ-مىڭ سالاملار!

ۋەتەن شۆھرىتىگە كىم قوشسا شۆھرەت،

ئۇنىڭ ئۆلمەس ئۇلۇغ شەنىگە ھۆرمەت.

كۆرۈنمەس گەرچە ھازىر قەبرىدىن ئىز،

ياشار تارىخ بىلەن تەڭ نامى شەكسىز.

چىگىپ مېھنەتكە ھەر كۈن رىشتە مىڭ-مىڭ،

تىزاي مەن روھىغا گۈلدەستە مىڭ-مىڭ.

ئىجازەت قىل ماڭا، نازارى، گۇمنام،

مازارىنى تاۋاپ قىلغاچ ياقاي شام.

ياقاي شام سۆيگۈنىڭ شامدانىغا مەن،

كۆيەي ھەم جور بولۇپ پەرۋانىغا مەن.

نازارى ئالدىدا ياندۇرۇپ شامنى،

ئىچىپ قەلبىڭ كەبى گۈل لالە جامنى،

قۇرۇپ سەئدىن بىلەن غەمخانە سۆھبەت،

قىلىپ سەئدىنگە رابىئەنى ئۈلپەت،

تۆكۈپ كۆز ياشلىرىنى تامچە-تامچە،

غەزەلدىن دەستىلەر تىزغاندا قانچە،

ئىدىڭ سەن رەھنامە، ئىلھامغا ۋادى،

مېنى ھەم قويمىغىن ئارماندا زادى.

تونۇشدۇر سىزگىمۇ قەشقەر دىيارى،

ئۇنىڭ ھەر مەلىسى، ھەربىر مۇنارى.

پېشايۋانغۇ غېرىب كۈلبەلىرى ھەم،

مەسچىت، خانىقا، يەنە قۇببەلىرى ھەم.

تونۇشدۇر سىزگە غەمكىن چېھرى بىرلەن،

لېكىن دىل تارتقۇچى بىرى مېھرى بىرلەن.

ئۆزى گۆھەر تۇرۇپ، تەقدىرى شورلۇق،

ئەلەملەر ۋادىيى بۇ يۇرت توغرۇلۇق-

تالاي قىسسە، رىۋايەت، تەپسىلاتلار

ئىشىتكەنسىز يەنە كۆپ تەسىراتلار.

ئۆتۈپ بىر كۈن قاراڭغۇ رەستىلەردىن،

ئۈزەلمەي كۆزنى سىز گۈل كەشتىلەردىن،

يا كەشتەم ماھىرىنىڭ نەم كۆزىدە،

ھېقىق رەڭگىدىكى سولغۇن يۈزىدە-

كۆرۈپ ھەسرەت بىلەن سىرلىق ئىپادە،

كۆڭۈللەر چايقىلىپ ئاندىن زىيادە،

”ئەجەب مۇڭلۇق شەھەر بۇ، بارى ھەسرەت!“

دېگەنسىز دوستلىرىم ئەلۋەتتە-ئەلۋەت!

يا ھېيتگاھ ئالدىدىن ئۆتكەندە بىر كۈن،

ساماۋاردا تۈتۈن يۇتقاندا بىر تۈن،

ساتاردىن ئۇرغۇغان ھەربىر مۇقامدىن،

مۇقامچى ئاقساقال دىلكەش بوۋامدىن

ئاجايىپ قسسىلەرنى ئاڭلا-ئاڭلا،

مۇقامدەك تولغىنىپ ھەم سىزمۇ تەڭلا

يۈرەكنىڭ قات-قېتىدىن ئاھ دېگەنسىز،

كۆيۈپ بىر ئوتتا بەلكى پاھ دېگەنسىز.

يا كۆزدىن بىر كېچە قاچقاندا ئۇيقۇ-

(غىدىقلاپ دىلنى ئويچان نازلى تۇيغۇ)،

راۋابتىن كەلسە گەر مەستانە ئاۋاز،

بۇ ئاۋاز تۈن يېرىپ قىلغاندا پەرۋاز،

ئۇنىڭ ھەر ئەۋجىدىن ئاڭلاپ خىتابلار،

خىتابلاردىن ئوقۇپ دەردلىك كىتابلار،

خىيال دەريايىڭىز ئۆركەشلىگەندۇ،

يا سىزنى قاينىمىغا تاشلىغاندۇ…

مېنى ھەم شۇ خىياللار خۇددى قاينام-

كەبى بىر كۈچ بىلەن تارتىپ سەھەر-شام،

ئەسىر قىلغاچ ئۆزىگە غالىبانە،

ئېلىپ قولغا قەلەم ئىلھامكارانە،

ئەزىزانە قەشقەر شەنىگە داستان

يېزىشنى دىلدا ئەيلەپ ئارزۇ-ئارمان،

تۇتۇندۇم بۇ جاپالىق ئىشقا يەكدىل،

ۋە گەرچە قىسقىدۇر قول، چولتىدۇر تىل.

مۇراد-داستان ئۈچۈن داستان ئەمەستۇر،

يېتىلسە ئەلگە خىزمەت، ئۇشبۇ بەستۇر.

يانايلى ئەمدى دوستلار ئەسلى گەپكە،

نەزەرباغدىن ئۆتۈپ ياۋاغ تەرەپكە.

مانا ياۋاغ دېگەن دەرۋازا ئالدى،

كېرىم كەلگەچ، قاراپ ھەيرەتتە قالدى.

ئۈلۈشكۈنلا تىنچ قالغان بۇ دەرگاھ

بۈگۈن غەليان ئىچىدە ئىدى ئاگاھ.

خالايىق ئاندا بىر توپ، مۇندا بىر توپ،

يۈزىدە ئاللىقانداق تەشۋىشى كۆپ.

قىلىپ دەرۋازىنى كۆزدە ئىشارە،

گويا تاپماق بولۇپ بىر دەردكە چارە،

نېمىدۇر سۆزلىشەر مەيۈس ۋە غەمكىن،

كۆزىدە بىر غەزەپ چاقنار ۋە لېكىن.

كېرىم دەرۋازىغا باقماق ھامانە،

چۆچۈپ، تاشتەك قېتىپ قالدى بىھۇشانە.

سەۋەبكى، بىر قەپەستە قىپقىزىل قان-

بىلەن بىر باش ئېگىز تامغا ئېسىلغان.

تونۇشلۇق تۇم قارا كۆزلەردە ئارمان

ۋە غەمكىن بىر ئۈمىد شۇنچە نامايان،

كى گوياكى كىمگىدۇر ئېيتماقچى بىر ھال،

ۋە بەلكى ئاختۇرار ئەۋلادقا ئىقبال.

كېرىمنىڭ كۆز ئۆڭى بولدى قاراڭغۇ،

قۇلاقلار ئاڭلىماس گوياكى ساڭرۇ.

ئوقۇشقا تەمشىلىپ ئېلاننى گەرچە

يېقىنلاپ بارسىمۇ قەغەزگە شۇنچە،

كۆرۈنمەس ھېچنېمە شۇ دەمدە كۆزگە

يوغان تامغا بېسىلغان خەتتىن ئۆزگە.

پەقەت“روزى، يېشى ئوتتۇز، شەھەرلىك…

بۇ ئۇنسۇر قىلمىشى بەكمۇ زەھەرلىك.

ئىلى، ئالتاي يەنە تارباغاتاي دەپ،

گومىنداڭ شۆھرىتىگە ئوق ئاتاي دەپ،

شەھەردە تارقىتىپ پىتنە –پاساتلار

ۋە قوزغاپ بىزگە قارشى كەيپىياتلار،

كۆتۈرمەك بولدى ئىسيان، بىل خالايىق،

كىمىكى بولسا بۇ خىل گەپكە لايىق،

جۇدا بولغاي تېنىدىن باشى ئەلۋەت،

قېرى-ياش، ھەممىلەر بىلمەكلىكى شەرت!-

دېگەن سۆزلەرنى تەستە ئۇقتى ئاخىر،

بىلىندى ھەممە گەپ، قالماي بۆلەك سىر.

تۈگۈلدى مۇشتلىرى، چىشلار غۇچۇرلاپ،

نېمىدۇر دېمەكچى بولدى پىچىرلاپ.

بىراق تىترەپ لېۋى، ئېيتالمىدى سۆز،

غەزەپ بىرلە يانار، ياشقا تولا كۆز…

كېرىم دەردنى ئاران يۇتۇپ ئىچىگە،

ئوبۇلنى كەلتۈرۈپ دەرھال ئېسىگە:

”نېچۈك سەۋرىڭ يېتەر، بىچارە دوستۇم،

قېرىنداشتىن جۇدا، دىلپارە دوستۇم!

بېشىڭغا كەلگۈچە شۇنچە مۇسىبەت،

بولالماي قاپتىمەنغۇ ساڭا ھەمدەرد!“

دېدى شۇئان كىرىپ دەرۋازىدىن تېز،

يۈگۈردى نوبېشىغا خۇددى ھۇشسىز.

شەھەرمۇ تۈن بويى خۇددى يامان چۈش-

كۆرۈپ، كۆڭلى تولا بولغاچقا ناخۇش،

چىرايى بەك تۇتۇق قوپقان كېلىندەك-

ئىدى، غەشلىك بىلەن كۆڭلى يېرىمدەك.

كېرىم تار كوچىلاردىن يۈگۈرە-يۈگۈرە

ئۆتۈپ كىرگەندە بىر ھويلا ئىچرە،

بېلىگە ئاق ماتا باغلاپ قېرى-ياش،

(قولۇم-قوشنا ۋە بارچە قوۋم-قېرىنداش)،

ئېغىر ماتەم-مۇسىبەتتە ئىدى، بەس،

بۇنى تىلدا بايان قىلماق ماڭا تەس.

چېچىدا ئاق تولا، قەددى پۈكۈلگەن،

خازاندەك سارغىيىپ، ھۆسنى تۆكۈلگەن

بىدەرمان بىر ئانا ئېيتىپ دەرىخلار،

يۇلۇپ چاچ، ئاققۇزۇپ كۆزدىن ئېرىقلار،

قارا ياغلىق تۇتۇپ كۆزگە بالام دەپ،

قوشۇپ ئارمانىنى سۆزگە بالام دەپ،

قوشاق بىرلە ئاچاركەن ھازا-ماتەم،

بۇڭا تاقەت قىلالماي ھەممە ئادەم-

بولاتتى كۆز يېشى دەرياسىدا غەرق،

نە تۇغقانۇ، نە ياتلار ساقلىماي پەرق.

پەقەت يالغۇز ئوبۇللا بىر سۈكۈنات،

ئېغىر بىر مۇڭ ئىچىدە خۇددى سۈرەت-

كەبى قاتقان پېتى بىر چەتتە بىھۇش

تۇراتتى، غەزىپى كۆزدە ئۇرۇپ جۇش.

كېرىم كۆرگەچ ئوبۇلنى شۇ سىياقتا،

ئۇرۇلغاندەك بېشىغا خۇددى پالتا.

ياقاسىن چاك ئېتىپ، ئۈن سالدى دادلاپ،

تۆكۈلدى كۆز يېشى مەرھۇمنى يادلاپ.

ئوبۇل گويا كېلىپ ھۇشىغا شۇ چاغ،

يىقىلغاندەك تۇيۇقسىز بىر ئېگىز تاغ

يىقىلدى دوستىنىڭ قۇچاقىغا، بەس،

بۇنى ئەيلەشكە تەسۋىر سۆز يېتىشمەس!

ھېسابسىز ئاقتى ياش كۆزلەردە قايناپ،

بۇلاقلار تاشتى گويا تەڭ بۇلۇقلاپ.

شۇ ھالدا ئەۋج ئېلىپ ماتەم ساداسى،

نە ماتەمكى، قىساس-ئاچچىق نىداسى.

يېتىپ پۈتكۈل شەھەرگە قوپتى غەليان،

ۋە ھەتتا قالمىدى بىر چەتتە قوغان.

شۇ كۈن تا كەچكىچە مىڭلارچە ئادەم

ئۈزۈلمەستىن كېلىپ بۇ ئۆيگە دەم-دەم،

شېھىت كەتكەن مۇئەللىمگە قىرائەت

ئوقۇپ چىن قەلبىدىن قىلدى تىلاۋەت.

بىراۋلار تەن بېرىپ تەقدىرگە قەلبەن،

دۇئالار ئاتىدى مەرھۇمغا شەخسەن.

بىراۋلار ياد ئېتىپ كۆپ ئەسكە ئالدى،

بىراۋلار ئىچىنى ئاغرىتتى، قالدى.

بىراۋلار تېڭىرقاپ بۇ غەيرىي ھالغا،

تۇتۇپ ماڭلاي، تولا چۆمدى خىيالغا،

بىراۋلار داد دېدى زارلاپ زاماندىن،

بۇ بىدادلىق بىلەن زۇلمى ياماندىن.

ۋە لېكىن ئەكسىرى ياشلاپ كۆزىنى،

ئەلەم بىرلە يۇتۇپ ئېيتار سۆزىنى.

پىغانلىق كۆز يېشىدىن تولدۇرۇپ جام،

گويا تاپتى شۇ جامدىن دىلغا ئارام.

شۇ ھالدا كۈن پېتىپ باشلاندى ئاخشام،

يېقىنلاپ قالدى ھەتتا نامازشام.

نە چارە ئەمدى بۇ دەۋران ئىشىغا،

مۇھەببەت ئەھلىگە شۇم قىلمىشىغا.

تېخى ئاخشام كېرىمگە كۈلسەيۇ بەخت،

بۈگۈن چۈشسە بېشىغا شۇنچە كۈلپەت!

ئايانكى، لەيلىگە بەرمىشتى ۋەدە،

بۈگۈن بۇ ۋەدىگە ئىمكانى نەدە!

ئەگەر ۋەدە بۇزۇلسا ئۇشبۇ ئاخشام،

ئۆچەر بەلكى ۋىسال شامدانىدا شام.

ئەگەر چىقسا كېرىم بۇ كېچە يولغا،

ۋاپاسىزلىق بولۇر دوستى ئوبۇلغا.

كېچىكسە بۇ كېچەگەر، ئەتە جەزمەن-

قىلار توينىڭ جاكارسىن ھاجى رەسمەن.

ئۇ چاغدا بولغۇسى ئىش يەنە دىشۋار،

ئۈمىد،مەقسەت بولۇر ھەم مەڭگۈ تارمار.

ئەنە شۇنداق خىيال بىرلە ئازاپتىن،

يۈرەكنى ئەزگۈچى بۇ ئىزتىراپتىن

كېرىمدە يۈز بېرىپ بىر باشقا ھالەت،

كۆڭۈلدە تەشۋىشى ئاشتى ناھايەت.

ئوبۇلمۇ ئويلىغاچ شۇ ھالنى دەرھال

سوراپ قايتا كېرىمدىن ھالۇ ئەھۋال،

دېدى:“يولغا كېچىكمەي چىققىنىڭ خوپ،

تۆمۈرنى قىزىقىدا سوققىنىڭ خوپ.

سېنىڭ بەختىڭ ئۈچۈن جانىم پىدا، دوست،

قىلاي،يۈر، خىزمىتىڭنى مەن ئادا، دوست!“

كېرىم ئېيتتى:“ساڭا مىڭلارچە رەھمەت،

يېتەر ئەمدى، مېنىڭچۈن چەكمە زەخمەت.

بېشىڭدا شۇنچە دەردۇ قايغۇ تاغى،

دىلىڭدا ئاندىن ئارتۇق ھىجرى داغى.

سېنى تاشلاپ نېچۈك مۇندىن كېتەرمەن،

نېچۈك كۆڭلۈم تىنىپ مەنزىل كېزەرمەن!“

دېدى:“ئېيتقانلىرىڭ ئەلۋەتتە راست گەپ،

ۋە لېكىن ئىش بولارمۇ ئەمدى غەم يەپ.

ئاكامنى تىغ بىلەن ئۆلتۈردى جاللات،

سېنى بۇ دەرد تىرىك قىلسۇنمۇ بەربات؟

قېنى يۈر، كەتمىگەي پۇرسەت قولۇڭدىن،

مېنى دەپ قالمىغىن ھەرگىز يولۇڭدىن.

ئۇ كۈنكى ۋەدىمىز ھازىرمۇ ۋەدە،

ساڭا ھەمراھ بولاي مەن بۇ سەپەردە.“

كېرىم ئاڭلاپ ئوبۇلدىن بۇ جاۋابنى،

ئوقۇپ گويا ھاياتتىن يېڭى بابنى،

ھاياجاندىن تېنى ئوتتەك يېلىنجاپ،

ئېسىلدى بوينىغا مەھكەم قۇچاقلاپ.

*********

قېنى ساقىي، ئۇزات گۈلگۈن پىيالە،

ئىچەيكىم بىر پىيالە خۇددى لالە.

ئۇنىڭ ھەر تامچىسى بولسۇن دىلارام،

ۋاپادار دوست كەبى جان-دىلغا ئارام.

ئىچەيمەن قەترە قويماي تەشنالىقتىن،

ۋاپايۇ مېھىر، دوستقا ئاشنالىقتىن.

باسالماس ئۆزگىسى چاڭقاقلىقىمنى،

بىلەمسەن مەيگە دىل مۇشتاقلىقىنى!

بەشىنچى باپ

يەتمەكلىك ئىرۇر مۈشكۈل، مەقسەتكە يېتەر كىم بار،

كۈن خىرە ۋە تۈن تىرە، يول تايغاقۇ ئات ئاقساق…

-ئەلشىر نەۋائىي

مەن قۇشۇمنى غازغا سالسام، كىم سېلىپتۇ قاغىغا،

ئالتە قاغا بىر بولۇپ، ئالدى قۇشۇمنى ئارىغا.

-ئۇيغۇر خەلق قوشىقى

1

گوياكى نازىنىن بىر ئەركە جانان

قىلىپ ئۆز جىلۋىسىن دىلبەر نامايان،

يىپەك رومال ئارا بىر دەم يۈزىنى

ئېچىپ ھەم كۆرسىتىپ شەھلا كۆزىنى،

بولۇپ پىنھان يەنە بىردەمدە پەيدا،

ئۆزىگە ئەيلىگەندەك دىلنى شەيدا،

بۇلۇتلار ئىچىدە ئاستا ئۈزەر ئاي،

نە گۈزەل دىلرەبا مەنزىرە، ئايھاي!

ئۈزەر ئاي مۇڭلىنىپ خامۇش-خىيالچان،

خىيالچان چېھرىسى ئاندىن پەرىشان.

نېمىكىن خىيالى، مەقسەت-مۇرادى،

نېمىكىن تىلىكى، ئارمانى-يادى؟

نېمە ئىستەيدىكىن ئالەمدە تەنھا،

نېمە قىلدى ئۇنى مۇنچە تەقەززا؟

جاھانكەچتى بولۇپ شۇنچە بىتاقەت،

تىنىمسىز يول يۈرۈپ، تارتىپ مۇشەققەت،

ئۆزىگە بىر رەپىق، مۇشپىقى دىلدار

ۋىسالىن ياد ئېتىپ، ئىستەمدىكىن يار؟

ۋە ياكى شۇم پەلەك ياۋۇزلۇقىدىن

ئەلەم يەتكەچ يەنە يالغۇزلۇقىدىن،

تاپاي دەپ بىر ئارامگاھتىن نىشانە،

كېزەمدۇ كۆك يۈزىدە دەرۋىشانە؟

ئۈزەر ئاي مۇڭلىنىپ، ئاسماندا خامۇش،

نەزەرباغ تىپتىنىچ ئۇخلاپ كۆرەر چۈش.

قىيا ھالدا ئوچۇق دېرىزە ئۈزرە،

چاچار ئاي نۇرىنى ھەم قەترە-قەترە.

دېرىزە تۈۋىدە بىر ئۆزى يالغۇز،

قۇچاقلاپ تىزىنى جىم ئولتۇرار قىز.

يېنىدا بوغچىسى، سەپەرگە تەييار،

غۇبارسىز پاك نىيەت ئىقبالغا ھەمكار.

ئۈزۈلمەس كۆزلىرى بىرلەھزە ئايدىن،

ئوقۇپ تۇرغان كەبى بىر قىسسە ئايدىن…

بۇلۇتتىن چىقسا شۇڭغۇپ ئاي راۋانە،

كۆزى چاقنايتتى قىزنىڭ شادىيانە.

ئىدى بۇ چۈنكى ئۆز ئىقبالىغا پال،

ئەجەبمەس تەلىيىگە كۈلسە ئىقبال.

ئۈزەر يەلكەن كەبى ئاي كۆكتە خامۇش،

نەزەرباغ تىپتىنىچ ئۇخلاپ كۆرەر چۈش.

شۇ خىلدا ئېرىنىپ ئاستا ئۆتەر تۈن،

كۈتەر قىز يارىدىن بىر شەپە، بىر ئۈن،

لېكىن تىلسىز، ساداسىز ئىدى بۇ تۈن.

يىراقتا ھاۋشىغان ئىتقا جاۋابەن،

چولاق تارتىپ خورەك دالاندا قەستەن.

قۇلاقنى دىڭ تۇتۇپ ياتاتتى سەگەك،

ئۆتەر تۈن سوزۇلۇپ ئاستا ئېرىنچەك.

گۈلايىممۇ پۈكۈپ كۆڭلىگە بىر ئىش،

چېكىپ قىز تەقدىرىدىن تولا تەشۋىش،

يېتىپ قالغان ئىدى دالاندا ئەتتەي،

ياتاردا باغ ئىشىكىن قەستەن ئەتمەي.

2

لېكىن باغنىڭ ئىچىدە غەيرىي ئەھۋال،

ھۆكۈم سۈرمەكتە بىر ۋەھىمىلىك ھال:

بۇنىڭدىن بىر-ئىككى سائەت مۇقەددەم،

تاياق-توقماق بىلەن بەش-ئونچە ئادەم-

ئوغرىلىقچە چۈشۈپ تامدىن بۇ باغقا،

ئىككى-ئۈچتىن بولۇپ ھەرقايسى ياققا-

تاراپ، جىمجىت ياتاتتى مۆككىنىچە

ۋە بەزەن تام تۈۋىگە چۆككىنىچە.

مانا كۈتكەن مىنۇتمۇ كەلدى ئاخىر،

بىراۋ چالماقتا نەينى بەكمۇ ماھىر.

كى ھەتتا مۇز يۈرەك چولاقمۇ بىر پەس

ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا بولۇپ مەس،

خورەكنى توختىتىپ تىڭشايتتى جىم-جىم،

چولاقنىڭ ھالىنى سەزمەي گۈلايىم.

شىۋىرلاپ ھەر مىنۇت ئوقۇپ دۇئالار،

قىلىپ پەرۋەردىگارغا ئىلتىجالار،

تۆكۈپ كۆز يېشىنى، ئېيتىپ مۇناجات،

تىلەيتتى قىزىغا ئاقيول-سائادەت.

ئىشىتكەچ شۇ تونۇش ئەپسۇنچى نەينى،

ئاجايىپ بىر جاسارەت بىرلە لەيلى-

چۈشۈپ دېرىزىدىن ئۇ شۇنچە دادىل

يۆنەلدى باغ تەرەپكە ھەمدە ئەپچىل.

لېكىن ماڭماق قىيىنلاشتى ئاجايىپ،

پۇتىغا چىرمىشىپ ئالغان كەبى يىپ.

گۈپۈلدەپ يۈرىكى بەرمەيتتى ئارام،

كۆزىگە ياش تولۇپ ھەم بولدى بىر جام…

يوقالدى بايىقى غەيرەت-جاسارەت،

بەدەننى چۇلغىدى بىر قارا دەھشەت.

تىزى تىترەپ، قەدەمدە توختىدى بىر،

ئۆزىمۇ بىلمىدى بۇ نېمە ئاخىر!

شۇ ھالدا بىر ئاماللاپ كىردى باغقا،

كېرىممۇ كەلدى شۇ ئان لەيلى ياققا.

بىراق تۇتماي تېخى قىزنىڭ قولىنى،

تۇيۇقسىزدىن توساپ ئۆتەر يولىنى

ئېتىلدى غالجىر ئىتتەك نەچچە جاللات،

كۆرۈڭ بۇ زۇلمى بىدادلىقنى، ھەيھات!

ياغار قامچا، تاياق-توقماق، تېگەر مۇش،

كېرىمنى بىر يولى قىلماققا بىھۇش.

كېرىممۇ بايقىغاچ ئەھۋالنى دەرھال،

پىسەنت قىلماي، ھولۇقماي زەررە مىسقال،

كىرىشتى جەڭگە دادىل-يېگانە،

بولۇپ رۇستەم مىسالى باتۇرانە،

چۈشۈپ تامدىن ئوبۇلمۇ ئوق كەبى تېز،

ئېتىلدى ياۋغا قارشى ئىختىيارسىز.

قىزىپ جەڭ، بولدى بىر داستانىي مەيدان،

جاسارەت كۆرسىتىپ بۇ ئىككى پالۋان.

ساۋار دۈشمەننى ئۆز تاياغى بىرلە،

ئاتار پەشۋانى ھەم ئاياغى بىرلە.

يىقىلدى نەچچىسى ھوشىن بىلەلمەي،

بىرى چەتلەشتى ئاستا تىك تۇرالماي.

شۇ خىلدا قاپلىدى دۈشمەننى تەشۋىش،

كۈچەپ باققان بىلەن ھېچ بولمىدى ئىش.

ئاخىر بىر ساقچى ئىت تاپانچا بەتلەپ،

كېرىمنى چەنلىدى، ئاتماقنى قەستلەپ.

ئوبۇل كۆرگەچ بۇ ھالنى، خۇددى قاپلان-

كەبى ئاتتى ئۆزىنى ياۋغا شۇئان.

بىراق شۇئان تاپانچىمۇ ئېتىلدى،

ئوبۇل ئاستا بېرىپ يەرگە يىقىلدى.

كېرىم يۈگۈرۈپ كېلىپ دوستىنى قۇچاقلاپ،

كۆزىدە بىر ئەلەم يالقۇنى چاقناپ،

غەزەپتىن ئاھ ئۇرۇپ قىلغاندا پەرياد،

بۇنى پۇرسەت بىلىپ بىر نەچچە جاللات،

تەرەپ-تۇشتىن بېسىپ، باغلاشتى پۇختا،

تىقىشتى ئاغزىغا ھەتتاكى پاختا.

ئوبۇل يارىدار ئىدى ئوڭ كۆكرىكىدىن،

ئاقار قان يەرگە ئاپپاق كۆڭلىكىدىن.

كۆزىدە ئوت يانار، ئامالى قانچە،

تۇرالماس ئورنىدىن ماجالى شۇنچە…

يېشى ئون يەتتىگە ئەمدى ئۇلاشقان،

كۆرۈنگەن ئەر كىشىدىن ئۆيگە قاچقان،

بۇنىڭدەك پاجىئە-دەھشەتنى ھەرگىز

خىيالغا كەلتۈرۈپمۇ كۆرمىگەن قىز،

بۈگۈن كۆرگەچ قىيامەتنى بەئەينەن،

نېچۈك ھالغا چۈشەر، بۇ ئۆزى روشەن!

گۈلايىم ئۈلگۈرۈپ كەلگەن تۈپەيلى،

يىغىپ ئەس-ھۇشىنى بىچارە لەيلى،

نېمە قىلماقنى بىلمەي ئەيلىدى داد،

گۈلايىممۇ كۆتۈردى دادۇ-پەرياد،

ۋە بەزى قوشنىلار ئويغاندى ئاڭلاپ،

بىراۋلار نېمە ئىش دەپ كەلدى ماراپ.

پەقەت مەخسۇم چولاق بىغەم-بىپەرۋا،

تېرەككە يۆلىنىپ ئەيلەر تاماشا.

ئۆزى تاپقان بالادىن ئۇ بولۇپ شاد،

كۈتەر بەلكى بەگ ھاجىدىن مۇكاپات.

مېڭىشتى ساقچىلار كېرىمنى ھەيدەپ،

ئوبۇلنى گاھ يۆلەپ ۋە گاھى سۆرەپ.

يۈگۈردى ئارقىدىن لەيلى بىتاقەت،

زۇلۇمغا ياغدۇرۇپ قارغىش ۋە لەنەت.

شۇئان ساقچى كېلىپ قىزنىڭ قېشىغا،

تاپانچا بىرلە بىر ئۇردى بېشىغا.

يىقىلدى قىز شۇئان بىر گۈل تۈۋىگە،

ئاقار قان چېكىسىدىن لېۋىگە.

كۆرۈپ بۇ زۇلمۇزورلۇقنى تولۇن ئاي،

يوشۇردى يۈزىنى تاقەت قىلالماي.

بۇلۇت قۇتراپ، جاھاننى باستى زۇلمەت،

ئەسەرمۇ قالمىدى ئايدىن ناھايەت.

ئاشۇ زۇلمەت بولۇپ بىردەمدە يۇھا،

يۇتۇپ كەتتى جىمى جانلىقنى گويا…

********

تولا قۇتراپ ئاشۇ زۇلمەت كېچىچە،

ماڭا ھەم سالدى دەھشەت نەچچە-نەچچە،

دېرىزە تۈۋىدە ھۇۋلايدۇ بىردەم،

ئالايتىپ كۆزىنى قارايدۇ بىردەم.

دېمەكچى، سەن تېخىزە، ياندۇرۇپ شام،

لەبالەب تولدۇرۇپ جامىڭغا ئىلھام،

نېچىكتۇر داستانغا مېھنەت ئەيلەپ،

تۇتۇندۇڭمۇ بۇ ئىشقا جۈرئەت ئەيلەپ؟

كېرەكمەس ماڭا شائىر، ماڭا داستان،

كېرەكمەس ماڭا بۇلبۇل، گۈل ۋە بوستان.

نېمە داستان، نېمە ئىجاد، تەپەككۇر،

نېمە بۇ تۈگىمەس نازۇك تەسەۋۇر!؟

كېرەكمەس ماڭا مۇنداق ئاتەشتىن ھېس،

مېنىڭ نەزەرىمدە ئوخشاش زەر بىلەن مىس،

نېچۈك قورقسام سۈزۈلگەن سۈبھى تاڭدىن،

شۇنىڭدەك قورقىمەن شېئىر-داستاندىن.

سەۋەب شۇكى، كىتاب، ئالىم-ئەجەلدۇر،

ئەدىب،شائىر دېمەك كۆزگە سۆگەلدۇر.

ماڭا لازىم پەقەتلا روھىي مەسلەر،

”لەببەي“دەپ تۇرغۇچى ئاپتاپپەرەسلەر.

يېتىشمەس ئەل ئەگەر بولسا كىكەچ، گاس؛

يەنە بولسۇن تېخى قارىغۇ ئاۋام-خاس.

نېمە ئۇ ھۆرىيەت، تەڭلىك دەۋاسى،

نېمە ئۇ تۈگىمەس مۇقام ناۋاسى؟

نېمە ئۇ بىئىتائەت ئارزۇ-ئىستەك،

نېمە ئۇ تەلپۈنۈش تاغ بۈركۈتىدەك؟

ئېسىڭدىن چىقتىمۇ لۇتپۇل مۇتەللىپ،

نېچۈك ئىچتىم قېنىنى بى تەكەللۇپ!

نېمە ئۇ ئىسيەنكار“خىيالچان تىلەك“،

نېمە ئۇ ئۇچقۇنغا مەپتۇن ئوت يۈرەك!

كېرەكمەس ھەممىسى پەرمايىشىم شۇ،

يا خالا، خالىما سەن، خاھىشىم شۇ!

تولا قۇتراپ ئاشۇ خىلدا بۇ زۇلمەت،

بېشىمغا ياغدۇرۇپ دوق ۋە مالامەت.

مېنى ھەم بىر يولى يۇتماقچى قەستەن،

زامانە پەيلىدىن مىڭ ئايلىناي مەن.

**************

قېنى ساقىي، ئۇزاتقىن بىر قەدەھ مەي،

نە سەۋرىم قالدى ئەمدى يەنە ئىچمەي.

ئۆزۈڭمۇ تولدۇرۇپ قۇي ئېتىرارسىز،

ئىچەيلى يوپيورۇق بىر تاڭ ئۈچۈن بىز!

ئالتىنچى باپ

بوغۇزلايمەن دېسەڭ، قويمۇ تېپىرلايدۇ.

-ئۇيغۇر خەلق ماقالى

1

قاناتلان ئەي خىيال، ئۆرلە ساماغا،

ئۈمىد-كۈچ بەخش ئېتىپ مەن بىنەۋاغا.

ھەمىشە بول ماڭا يولباشچى-ھادى،

كۆرۈنگەي كەڭ ئۇپۇق ئازادە ۋادى.

كۆرۈنگەي ياپيېشىل قىرلار، ئېدىرلار،

چىمەنزار ئىچىدە ئاقئۆي-چېدىرلار.

كۆرۈنگەن قارغىيى ھەم ئارچا تالى.

تەبىئەت ئەركىسى بۇغا-مارالى.

قاناتىم بولسا ئۇچسام، گۈلگە قونسام،

ئىلى ۋادىسىنىڭ ھۆسنىگە قانسام!

كېزەي بۇ ۋادىنى چاڭقاقلىقىمدىن،

جامالى-ۋەسلىگە مۇشتاقلىقىمدىن.

كېزەي مەن كەڭ ئېتىز-قىرلاردا سەگىپ،

باشئەگىم سۇلىرىدەك ئەگىپ-ئەگىپ.

كېزەي مەن ياڭرىتىپ ناخشامنى ئەركىن،

بولۇپ خامانچىغا ھەر تاڭدا سەلكىن.

كېزەي مەن باغ ئارا گۈلشەندە خۇررەم،

بولۇپ گۈل بەرگىگە ھەر تاڭدا شەبنەم.

سابادەك ھۆر كېزەي ھەر تاڭ راۋانە،

قوناي گۈل شاخلىرىغا ئاشىقانە!

قېنى باشلا مېنى سايرامغا تېزرەك،

ئالاي ئىلھامنى تەشنا ئەلۋەك-ئەلۋەك.

ئالاي ئىلھام تىنىمسىز دولقۇنىدىن،

كېچە زۇلمەتتە تاشقان شاۋقۇنىدىن.

ئەجەب خۇشتار ئىدىم شاۋقۇنغا، ئايھاي،

خىيالىم چايقىلىپ ھەر لەھزە تىنماي.

ئالاي ئىلھام يەنە تەلكە داۋاندىن،

گۈلىستان ئىچرە بۇ جەننەت ماكاندىن.

كۆرۈنسە ياپيېشىل تەلكە داۋانى،

نە خۇش بىر مەنزىرە يوقتۇر پايانى.

قاناتىم بولسا ئۇچسام، گۈلگە قونسام.

گۈل ئۈزەر ئولتۇرۇپ  خىيالغا چۆمسەم .

تۈگەتسەم  كېچىنى تاڭغا ئۇلاپ تا ،

ئېلاخۇن ناخشىسنى ئېيتا-ئېيتا.

قىلىپ شۇ ناخشىغا جانىم تەڭكەش،

ئاشاي مەن بۇ داۋاننى غۇسسە بىرلە

يەنە كۆپ ئىپتىخارلىق ھېسسىي بىرلە.

ئاشاي مەن سۈرتە-سۈرتە كۆز يېشىنى،

تاۋاپ قىلغاچ ئۇنىڭ ھەربىر تېشىنى.

تاۋاپ قىلسام يەنە ئۆتكەچ داۋاندىن،

بايانداي توپىسىنى جانۇ جاندىن.

تېپىپ سادىر بوۋامدىن ئىز-نىشانە،

ئاڭا تەزىم بىلەن قويسام پىشانە.

تېپىلسا ھەم شېھىتلارنىڭ مازارى،

نامايان بولسا رىزىۋانگۈل ئۇزارى.

شۇ سائەت ئوقۇسام مەن قەبرىسىدە،

جاراڭلىق ئۈن بىلەن ئوتلۇق قەسىدە.

قاناتىم بولسا ئۇچسام، گۈلگە قونسام،

ئىلى ۋادىسىنىڭ ھۆسنىگە قانسام.

ئاشۇ ۋادى ئارا ئەسكەن شاماللار

كېزىپ دەشىتلەر، ئېشىپ تاغۇداۋانلار،

تارىم بوستانلىقىغا كەلسە كاشكى،

تۈمەن بويلىرىمۇ بىر كۈلسە كاشكى.

قاناتلان ئەي خىيال، ئۆرلە ساماغا،

جاھاننى كەڭرى قىل مەن بىناۋاغا.

قېنى باشلا مېنى گۈلشەنگە پاتىراق،

بۇ گۈلشەن زىننىتى تۈمەنگە پاتىراق.

نېسىپ بولسا تۈمەندە ماڭا بايرام،

ئىچەي قەشقەر شارابىن تولدۇرۇپ جام.

ئىچەي مەن سۆيگۈنىڭ گۈلگۈن مەيىنى،

ئىشىتكەچ ھەر كېچە قەشقەر نەيىنى.

تۇتۇپ قولدا دۇتارىم دەستىسىنى،

سېلىپ تار ئورنىغا جان رىشتىسىنى،

چېكىپ ھەر پەدىگە مېھرىمنى پۈتكۈل،

بولۇپ ئىشقىدا مەن شەيدايى بۇلبۇل،

قىلاي شۇ نەي كۈيىگە جاننى تەڭكەش،

بولۇپ تا بىر ئۆمۈر تىنماس ناۋاكەش،

شۇنىڭغا ئەرزىسە، بۇ ئەرزىمەس جان،

جاھاندا بۇ جېنىمدىن نېمە ئارمان!

نېمە بۇ دوستلىرىم، مەن نېمە يازدىم؟

خىيال سەھرالىرىدا خويمۇ ئازدىم.

ئېزىقتىم سۆيگۈنىڭ دولقۇنلىرىدا،

يۈگەنسىز لىرىكا قۇيۇنلىرىدا.

ئېزىقتىم، قالدى قىسسە، قالدى ماۋزۇ،

بويۇن سۇنماي ماڭا ئىسيانچى ئارزۇ.

ئېلىپ قاچتى پۈتۈن مەيلىمنى دىلدار،

كۆڭۈل شۇنداق نېمىكەن، نېمە ئىلاج بار؟

مىسالى تاڭ سەھەر كۈلسە قىزىلگۈل،

نېچۈكمۇ جىم تۇرار شەيدايى بۇلبۇل؟

دېمەك، مەنمۇ ئېزىقتىم بىھۇشانە،

جۇنۇن ۋادىسىدىن ئىزدەپ نىشانە.

قېنى ساقىي ئۇزاتقىن بىر قەدەھ مەي،

مەيىكىم مېنى بىردەم خامۇش ئەتكەي.

پەرىشان سۆزلىمەكتىن توختاي ئەمدى،

نەزەرباغ گۈلشەنىگە قايتاي ئەمدى.

تىزاي يىپقا كۆڭۈل دۇردانىسىنى،

چېچىلغان مەرۋايىتلار دانىسىنى.

خىيال پەرۋازلىرى توختاپ بىرەر دەم،

داۋام قىلسۇن مېنىڭ مۇڭلۇق ھېكايەم.

2

كېچە باغدا بولۇپ ئۆتكەن شۇ جاڭجال

شەھەرگە تاڭ بىلەن ئاڭلاندى دەرھال.

ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈز-يۈزلەپ ۋاراقچە

تارالغاچ چۈشكە قالماي قانچە-قانچە.

جىمى خەق ئاغزىدا گەپ ئۈستىگە گەپ،

ساماۋار ھەم دۇكان مەھەللىدە گەپ؛

مازار، مەسچىت يەنە خانىقادىمۇ گەپ،

سارايۇ مەدرىسە، ھېيتگاھتىمۇ گەپ؛

ۋە ھەتتا بەشكېرەم، قوغاندىمۇ گەپ،

يېڭىشەر، توققۇزاق، سەمەندىمۇ گەپ،

خۇسۇسەن بۇ يېقىندىن بېرى پات-پات

قاماش ياكى ئېتىش بولغاچقا قات-قات،

ئاران تۇرغان خەلق تاقەت قىلالماي،

قىمىرلاپ قالدى بۇ ئىشقا چىدالماي.

تاقالدى رەستىدە نۇرغۇن دۇكانلار،

ئادەمسىز قالدى بەزى ھويلا-ئاراملار.

خالايىق ئېتىلار ھېيتگاھ تەرەپكە،

ئىدى ساقچى بىناسى شۇ تەرەپتە.

سارايلاردىن چىقىپ ھاممالمۇ ماڭدى،

قويۇپ سودىسىنى دەللالمۇ ماڭدى.

يەنە يۈز-يۈزلىگەن نىمكار-جاپاكەش،

ئوتۇنچى، مەپىكەش، ئاشپەز ۋە ئەپكەش،

يۈگۈردى بالىلارمۇ تۇشمۇتۇشتىن،

بىلىپ-بىلمەي بۇ ئىشنىڭ تېگى-تەكتىدىن.

تولۇپ كەتتى ئادەمگە ھېيتگاھ مەيدان،

خالايىق ۋارقىرار، ھەر ياندا چۇقان.

بىراۋلار قىزىقىپ كەلگەندۇ بەلكى،

بىراۋلار ئەگىشىپ كەلگەندۇ بەلكى،

ۋە لېكىن ئەكسىرىنىڭ كۆڭلى بىدار،

نە بىدار ۋە بەلكى ھەر ئىشقا تەييار.

بولۇپمۇ كۆپ ئىدى ياشلار بۇ سەپتە،

تۇرار دادىل بولۇپ ئالدى تەرەپتە.

مانا ساقچى دېگەن ئېگىز ئىمارەت،

خەلق قورشاۋدا قالدى ناھايەت.

بىنانىڭ قاپقىسى مەھكەم ئېتىلگەن،

ۋە بەلكى ئىچىدىن چىڭ بېكىتىلگەن.

ئېگىز ئۆگزىدە ئونلاپ ساقچى ھازىر،

غەمۇ ئەندىشىسى رەڭگىدە زاھىر.

تۇرۇپ تۇرسۇن بۇ گەپ بىردەم ئامانەت،

كۆرەيلى ئىچكىرىدە نېمە ھالەت.

كېرىم بىرلە ئوبۇلنى تۇتقىنىچە

ئېلىپ كەلدى قاماققا شۇ پېتىچە.

كېرىم ئۆز بەلبېغىنى نەچچە يىرتىپ،

ئوبۇلنىڭ يارىسىدىن قاننى ئېرتىپ-

تېڭىشقا باشلىغاندا كۆڭلى مەيۈس،

كۆمەكلەشتى ئاڭا بىر نەچچە مەھبۇس.

شۇ ھالدا ئۆتتى بۇ كامېردا بىر تۈن،

نېمىدىن باشلىناركىن كەلگۈسى كۈن؟…

مانا ئاخىر ئېلىپ چىقتى سوراققا،

سوراق ئۆزگەردى دەرھال قىينىماققا.

سەۋەب شۇكى، سوراقچى ھە دېگەندە،

تونۇپ قالدى كېرىمنى كۈتمىگەندە.

ئۈلۈش يىل ياغ قاپاق سۇنغان ئاشۇ كۈن

كېرىمدىن مۇشت يېگەنىدى بۇ مەلئۇن.

ئۇنى ھەممە كىشى دەيتتى خا كوجاڭ،

كۆرۈش بىرلە كېرىمنى بولدى ھاڭ-تاڭ.

قاۋاندەك چىرقىراپ، ئىتتەك ئېسىلدى،

بىراق، بىر مۇشت تېگىپ، ئۆزى يىقىلدى.

شۇ بولدى باشلىنىش، ئۇلغايدى بۇ ئىش،

كېرىمنىڭ بېشىغا ياغدى تاياق-مۇشت.

ئاخىر بىرقانچىسى زور كەلدى، باستى،

چۈشەپ پۇت-قولىنى تورۇسقا ئاستى.

گاھى قامچا، گاھى توقماق، گاھى مۇشت،

كېرىممۇ قانچە نۆۋەت بولدى بىھۇش.

سوغاق سۇمۇ ئاخىرى قىلمىدى كار،

تامام ھۇشسىز ئىدى ئەمدى بۇ ھۇشىيار.

شۇ ھالدا ئۆتتى قانچە-قانچە سائەت،

بۇنىڭ تەسۋىرىگە يوق مەندە تاقەت!

لېكىن سىرتتىن خەۋەر تاپقاچ خا كوجاڭ،

ئالاقزادە بولۇپ يۈگرەيتتى ھەر يان.

قولىدا تېلېفون تىترەيتتى دىر-دىر،

يۈزى تامدەك ئاقارغان، گېلى خىر-خىر.

چىقىپ ئارقا ئىشىكتىن ئاخىر بۇ جاللات،

يېتىپ كەلدى شىتابقا چاپتۇرۇپ ئات.

بەگ ھاجىمۇ شۇ يەردە ئولتۇراتتى،

غەزەپتىن كۆزلىرىدە ئوت ياناتتى.

نېمىدۇر دەر ئىدى سىجاڭ جۇدۇنلۇق،

ئۇنى بىر تۇڭچىسى ئۆرەر ئۇدۇللۇق.

بەگ ھاجىمۇ دېدى بىر مۇنچە گەپنى،

ئۇنتۇماي بۇ ئورۇنغا خاس ئەدەپنى.

ئۇزۇن گەپتىن كېيىن ئۇ دېدى ئاخىر:

”نېمە بولدى بۇ قەشقەر ئەھلى، ياپىر!

ئەجەب ئۆزگەردى ئەلنىڭ خۇيى-پەيلى،

ماڭا ھەم ھېچ ئارام يوق شۇ تۈپەيلى.

بىرى غۇلجا تەرەپتىن گەپ توشۇيدۇ،

بىراۋلار توپلىشىپ ژۇرنال ئوقۇيدۇ.

شەھەردە ھەر كۈنى بىر يېڭى تەشۋىش،

كى غۇلجا پالانمىش، چۆچەك پوكۇنمىش.

ئۇنى ئاز دەپ ۋاراقچىلار تارالدى،

كۆڭۈلنى تۈگىمەس بىر غەمگە سالدى.

بۈگۈن تاپساڭ بىرىنى شۇنچە تەستە،

چىقار يۈز نەچچىسى يەنە ئەتە.

گۇمانلىقنى قاماپ باقساقمۇ شۇنچە،

ساۋاق ئالماس بۇنىڭدىن ئانچە-مۇنچە.

ۋە ھەتتا بەزىسىنى ئاتتى سىجاڭ،

لېكىن چىقتى يەنە بۈگۈنكى ئىسيان.

كېرىمنى قۇتقۇزۇش، بۇ بىر باھانە،

بۇ ئىشتا كۆپ ھۈنەر بار غايىبانە.

چوقۇم غۇلجا تەرەپتىن خاس ئادەم بار،

بۇ يەردە ئوينىتىپ تۇرغان قەلەم بار.

ئەگەر ئارغامچىنى تېز تارتمىساق بىز،

تىنىم بەرمەس بۇ قەشقەر ئەھلى ھەرگىز!“

بەگ ھاجىمغا قوشۇپ ئېيتتى خا كوجاڭ:

”ئەگەر تەستىقلىسا بۇ گەپنى سىجاڭ،

ئاۋۋال ئىشنىڭ بېشى بۇ ئىككىسىنى-

كېسىپ ئاسماق كېرەك ئىت كاللىسىنى.

بۇلار چۈنكى بىلىشمەي ئەس-ھۇشىنى،

كۆتۈردى بىزگە قارشى مۇشتۇمىنى!“

دېدى سىجاڭ شۇ چاغدا:“تېخى ياش سىز،

ئېتىشقا نېمە ئانچە ئالدىرايسىز؟

كېسىپ ئاسماق ئوڭاي باشنى ياۋاغقا،

ئىلىندۈرمەك قىيىن لېكىن قارماققا.

ئەمەل قىلماق كېرەك دانا سۆزىگە:

بېلىقنىڭ چوڭى چىقماس سۇ يۈزىگە.

قارماقنىڭ يىپلىرى بولسا ئۇزۇنراق،

بولۇر پايدا بېلىقچىغا پۇزۇنراق.

بۇ ئىشلارنىڭ تېخى چوڭراق بېشى بار،

ئۇنىڭمۇ كەينىدە مەخپىي كىشى بار.

دېمەك بىز ئالدىراپ كەتمەيلى كايىپ،

ئەمەس ھەرگىز بۈگۈنكى ئىشمۇ تاسادىپ.

كېرىم ئەلۋەتتە بۇ ئىشقا باھانە،

تاپايلى بىزمۇ تەدبىر ئاقىلانە.

شۇڭا دەرھال بوشاتقايسىز ئۇلارنى،

خەلقمۇ تارقىلۇر كۆرسە بۇلارنى!“

شۇ بولدى يوليورۇق، ياپتى بۇ بابنى،

چىقىشتى ھاجىلار تاشلاپ شىتابنى.

بۇ تەدبىر ياقمىدى ھاجىغا ئەلۋەت،

لېكىن يوقتۇر بۆلەككە ئۇندا جۈرئەت.

شۇڭا ئۇ ئۆزگىچە بىر ھىيلە ئويلاپ،

بۇنى ئېيتتى خا كوجاڭغا پىچىرلاپ.

شۇنىڭ بىرلە تېپىپ كۆڭلىگە ئارام،

قىلىشماق بولدى بۇ ئىشنى سەرەمجان.

كۈلۈشتى ئىككىسىلا بولدى مەمنۇن،

شۇ ھالدا كەچۈردى، ئۆتتى بۇ كۈن.

كېرىم بىرلە ئوبۇلمۇ بولدى ئەركىن،

خەلق كۆڭلىمۇ گەرچە تاپتى تەسكىن.

ۋە لېكىن قان بىلەن ئۇيۇغان قارا داغ

يۈرەكتە قالدى، ئۆچمەس ئەمدى ھېچ چاغ.

يۈرەكتە قالدى مەڭگۈ ئۆچ-ئاداۋەت،

ياغار كىملەرگىدۇر قارغىش ۋە لەنەت.

خالايىق تارقىدى شۇ ھالدا ئاستا،

بىراۋلار ماڭدى تېز-تېز ئەينى ۋاقىتتا.

ئۈزۈلمەستىن تېخى ئەلنىڭ ئاياغى،

يېقىلماي ھەم تېخى ئاسمان چىراغى،

بەگ ھاجىمنىڭ ئۆيىگە كەلدى كوجاڭ،

ئۆزىدىنمۇ سۆزى كۆپرەك پەرىشان.

چىقىپتۇ بۇ شەھەردە يەنە بىر ئىش،

كۆڭۈلگە سىغقۇسىز بىر يېڭى تەشۋىش:

بايا بىر مۇنچە خەلق ياۋاغ تەرەپتە-

ئۇرۇپ بىر ساقچىنى قاتتىق غەزەپتە.

چىقىپ بىر قانچىسى تىك تامغا پەستىن،

ئېلىپ كەتكەن ئىمىش باشنى قەپەستىن…

”يەنە يىرتىپ جازا ئېلانىمىزنى،

كۆزىگە ئىلمىدى پەرمانىمىزنى.“

دېمەك بۇ ئەھلى قەشقەر ھەددىدىن ئاشتى،

ئىتائەت بابىدىن چىقتى، ئاداشتى.

بۇنى ئاڭلاپ بەگ ھاجى بولدى خامۇش،

تېگىپ مۇشت، ئۇچتى گويا باشىدىن ھۇش.

شۇ ھالەتتە يەنە ماڭدى شىتابقا،

تاراقلاپ رەستىدىن ئۆتتى پوۋۇسكا….

يەتتىنچى باپ

يولۋاسنىڭ چىشلىرىنى ھىجايتىشى

ئۇنىڭ كۈلگەنلىكى بولمايدۇ.

-نىزامى گەنجىۋى

1

يۇتۇپ ھەسرەت بىلەن دەردۇ ئەلەمنى،

ئالاي قولغا يەنە مۇڭلۇق قەلەمنى.

قاچانكىم بۇ قەلەمنى قولغا ئالسام،

يانار كۆڭلۈم ئۆيىدە بىر يورۇق شام.

يانار شام بەخش ئېتىپ ئىلھام ۋە قۇۋۋەت،

جاراڭلار زەۋقىدىن كۈلبەمدە مېھنەت.

جاراڭلار كۈچ،ئۈمىد، ئىلھامچى ماۋزۇ،

بوۋاقنىڭ قەلبىدەك پاك-ساددا ئارزۇ.

جاراڭلار ھەر نەپەس روھىمدا ئىقبال،

كۆڭۈلنى ئويغىتار ئىسيانچى سىگىنال.

بىراۋغا نەپرىتىم، بىراۋغا سۆيگۈ،

(بىرىگە بىرى زىت بۇ ئىككى تۇيغۇ)،

ھەمىشە قوزغىتار كۆڭلۈمدە غەليان،

بۇ غەلياننى قەلەم ئەيلەر نامايان.

ئەگەرچە بۇ زامان پەيلى سىتەمكەش،

ئەلەم-ھەسرەت چېكەر گەرچە قەلەمكەش.

لېكىن ئىستەر شۇنى كۆڭلۈم بىتاقەت

ۋە گەرچە چەكتى كۆپ دەردۇ مالامەت.

مىسالى خارىسىز بولماس قىزىلگۈل،

ۋە لېكىن ئۆزگىنى سۆيمەيدۇ بۇلبۇل.

مىسالى ئوت دېدى، پەرۋانە كۆيدى،

شۇ ئوتتا كۈل بولۇشنى ئۆزى سۆيدى.

مانا تىڭشاڭ قەلەم ئېيتار ھېكايەت،

ھېكايەتتىن تولا ئاچچىق شىكايەت:

مانا ئۆيدە ماتا بەلباغنى يىرتىپ

ئوبۇلنىڭ ئانىسى قان داغنى ئېرتىپ،

تۆكەر قان ئۈستىگە قايناق يېشىنى،

كۆتۈرمەي يىغىدىن ئاپئاق بېشىنى.

نەچە كۈنلا بۇرۇن تۇنجى ئوغۇلدىن

جۇدا بولسا، بۈگۈن ئەمدى ئوبۇلدىن.

يەنە قان ئۈستىگە يەنە يېڭى قان-

چېچىلسا بۇ غېرىب دەرگاھقا بۇئان،

بۇنىڭغا كىم چىدار، كىممۇ دېمەس داد،

بولۇرمۇ مۇندىن ئارتۇق زۇلمى بۇنياد!

يىغىلغان قوۋم-قېرىنداش، ئەل-جامائەت

قىلالماي ئەمدى بۇ ئىشلارغا تاقەت،

تېپىرلار، چايقىلار ھويلىغا سىغماي،

ۋە لېكىن داد دېيىشكە نەگە بارغاي؟

كىشىلىك ھەققىنى تاپقان خەلقلەر

(يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچقان خەلقلەر).

ئىشىتسە، بولغۇسى بۇ گەپكە ھەيران،

ئەمەس چۈنكى ئۇلارنىڭ يۇرتى شىنجاڭ.

بۇ يۇرتتا نېمىلەر بولمايدۇ سادىر،

كى ھاكىم مۇندا ھەممە ئىشتا قادىر.

ھېسابلار خەلقنى بىر قوتان قوي،

ئۇلارنىڭ خاھىشىمىش قايسىنى سوي.

ئەگەرچە قوي سويۇش قاسساپقا بابتۇر،

بىراق بۇ يۇرتتا قاسساپ بىھېسابتۇر:

بۇ يۇرتتا ۋاڭمۇ قاسساپ، بەگمۇ قاسساپ،

ۋە ھەتتا بۆرە تۇرماق سەگمۇ قاسساپ؛

ۋىلايەت ھاكىمى دوتەيمۇ قاسساپ،

يېتىپ ئەپيۇن چېكەر تەتەيمۇ قاسساپ؛

سوراقچى ئامبىلى شىيەنجاڭمۇ قاسساپ،

بېشىدا سەللىسى ئىشانمۇ قاسساپ.

قولىدا قىلىچى چېرىكمۇ قاسساپ،

پالان بايۇ، پوكۇن باي ئۇمۇ قاسساپ.

شۇنى ھەم ئېيتمىقىم لازىم مېنىڭچە،

كى قويدىن پەرقىمۇ بار مىڭچە-مىڭچە.

مىسالى ئىگىسىز بىر قوي تېپىلماس،

سوراقسىز سويغۇچى داۋدىن قۇتۇلماس.

دېمەك ئىتنىڭمۇ باردۇر خۇن دەۋاسى،

ھايات قانۇنىنىڭ شۇلدۇر ئاساسى.

ۋە لېكىن بۇ دىياردا ئىش بۆلەكچە،

ئادەمنىڭ قەدرى يوقتۇر توڭ تېزەكچە.

ساناقسىز تېپىلار زىندان-كىشەنلەر،

خازاندەك سارغىيار مەنمەن دېگەنلەر.

بىراۋلار خالىسا، ئاسار سوراقسىز،

ۋە ھەتتا جادىغا باسار سوراقسىز.

نېمە قانۇن دېگەن گەپ گومىنداڭغا،

نە ھاجەت مەرىپەت غالجىر قاۋانغا!

تۆكۈلسە نېمە ئۇ مەسۈمە كۆز ياش،

كېسىلسە نېمە ئۇ قەدەمدە بىر باش.

ئەنە روزى ئەپەندى مەرھۇم مۇئەللىم،

قېنىنى تۆكتى شۇنچە چەرخى زالىم.

بېشىنى ئاستى تامغا تەنگە قوشماي،

يىگىرمىنچى ئەسىردىنمۇ ئۇيالماي!

ئەنە لەيلى، بېشى مەھكەم تېڭىقلىق،

ياتار خامۇش، كۆزى مەھكەم يۇمۇقلۇق.

گۈلى رۇخسارىمۇ شامدەك ئاقارغان،

قارا سۇمبۇل چېچى ھەر يان پەرىشان.

گۈلايىم بېشىدا، غەمكىن نىگاھى،

چاراسلار ئالدىدا شام گاھى-گاھى.

چاراسلاپ شام ئاقار ھەم تامچە-تامچە.

تۆكۈلدى كۆز يېشىمۇ قانچە-قانچە.

ئەنە قۇمرى بىلەن مېھىرنىسالار،

يەنە پاتەم بىلەن خەيرىنىسالار…

ئەنە قامچا بىلەن يول-يول تىلىنغان،

تاياق-توقماق بىلەن بېشى يېرىلغان،

پۇتى ئاقساق، قولىنىڭ يوق مادارى،

خازان بولغان كەبى ياشلىق باھارى.

كېرىم ئۆز كۈلبەسىدە ئىزتىراپتىن-

گاھى ھۇشىدىن كېتەر ئاچچىق غەزەپتىن.

ئويۇقتا جىنچىراغ پەرۋانە شەيدا،

ئادەملەر بىرلە تولغان تۆر ۋە پەگاھ.

قىلۇر بىرسى تېۋىپلىق يارىسىغا،

بىرى ئېيتار تەسەللى ئانىسىغا.

بىراق ھېچكىم بىلەلمەس ئەتە-ئۆگۈن

يەنە قانداق ئويۇن باشلار بۇ گەردۇن؛

يەنە كۆز ياشلىرى قانچە ئاقاركىن،

زۇلۇمنىڭ تېشىنى كىمگە ئاتاركىن!

2

لېكىن ھاجىغىمۇ قىلماي ۋاپا چەرخ،

ئۇنىڭ كۆڭلىنىمۇ قىلدى خاپا چەرخ.

تالاي يىللار داۋامى بۇ چەرخ گەردۇن،

جاھاننى قىلسىمۇ كۆپ ئاستىن-ئۈستۈن.

قىلىپ باقماس ئىدى ھاجىنى تەھقىر،

بۈگۈن قانداق كارامەت بولدى ئاخىر؟

كى شەربەت لىق تولا ئالتۇن پىيالە،

يەنە شەربەتتىكى رەڭگى خۇددى لالە.

مانا ئاغزى ئاڭا تېگەي دېگەندە،

(شۇ ئاخشام باغدا ھېچبىر كۈتمىگەندە)،

ئېغىر يارىدار بولۇپ لەيلى يىقىلدى،

دېمەك توي ئېشىغا توپا سېپىلدى.

سوزۇلسا ئارقىغا ئارزۇغا يەتمەك،

بىكار كەتمەمدۇ ئەمدى شۇنچە ئەمگەك!

دېمەك تەرسا، قارام-بەڭۋاش بۇ تەقدىر

بەگ ھاجىغىمۇ قىلماي يۈز ۋە خاتىر،

يولىنى توستى، سالدى بىر توساق تام.

تىرامتام-تام، تىرامتام-تام، تىرامتام.

رەقىبىنى ئۇ گەرچە“يەڭدى“ گويا،

بىراق سەزدى ئۆزىن شەرمەندە-رەسۋا.

پۈتۈن يۇرت چوڭلىرىنىپ پېشۋاسى،

ئۆزىچە ھەم شەرىئەت ئۆلىماسى،

ئەگەر مەنسەپ دېسە، ئالىي ئەمەلدار،

يەنە ھەربىيدىمۇ چوڭ مەنسىپى بار.

ئاڭا باقماي يەنە بۇ“كۆزى يوق“خەق،

ئەجىب ئىشلارنى قىلدى“يۈزى يوق“ خەق.

دېمەك بۇ قەشقەرىيلەر ھەددىدىن ئاشتى،

دىيانەت بابىدىن چىقتى، ئاداشتى.

مۇشۇ ئويلار بەگ ھاجىمغا كېلىپ ئار،

ئېغىر بىر ئىزتىراپقا بولدى دۇچار.

شۇڭا كىرمەي بۈگۈن ئىچكىرىسىگە،

كۆڭۈل بۆلمەي خېنىمنىڭ ھەر ئىككىسىگە،

ئالاي دەپ تىنچ ئارام ئۆز ئويىدا،

يېتىپ قالغانىدى مېھمان ئۆيىدە.

كېچىچە تولغىنىپ ھەم چەكتى پەرياد،

ئاڭا ھەم قىپتىمىش چەرخ جەبرى بۇنياد(؟!)

شۇ ھالدا ياتتى تاكى چىققۇچە كۈن،

كۆڭلىدە غەم تولا، چىرايى مەھزۇن.

ئۇدۇلدا پارقىرايتتى چوڭ بوي ئەينەك،

ياتار ھاجى تىرەپ ياستۇققا جەينەك.

قاراپ ئەينەككە كۆرگەچ ئەكسىنى ئۇ،

خىيال تېخىمۇ بولدى قاراڭغۇ.

قېنى يۈزلەردىكى پارلاق قىزىللىق،

قېنى كۆزلەردىكى ئويناقى زىللىق؟

كۆرۈڭكى قېرىلىق سىرتقا تېپىپتۇ،

ساقالنىڭ قارىسى ئازلاپ كېتىپتۇ.

بېسىپتۇ يۈزىنى بىر تەكشى قورۇق،

دېمەك يەتكەنمىكىن ئۆمرىگە ھاردۇق!

شو ئوي بىرلە تۇرۇپ ئۇ ئورنىدىن دەس،

دېدى:“تەقدىرگە مۇنچە تەن بېرىش، بەس.

ھېلىتىن قېرىلىق، بۇ نېم دېگەن گەپ،

كۆڭۈل تەلپۈنسە تىنماي گۈلگە ھەدەپ.

بۈگۈن قەشقەر گۈلىستانىدا بىر گۈل،

ئۇ گۈلكى، بارچە گۈللەرگە ئەمىر  گۈل.

ئۆزۈمنىڭ بولدىمۇ، بەس ئەمدى يار-يار،

ساقالنىڭ ئاقلىغىدىن نە غېمىم بار؟“

شۇ چاغ خادىم بەگدىن سوراپ ئىجازەت،

مۇھىم مەكتۇپ دېدى ھەم سۇندى بىر خەت.

ئوقۇپ بۇ خەتنى ھاجى دېدى شۇئان:

”قېتىڭلار ھارۋىنى، بول قېنى چاپسان!“

”ئەجەب ئىش بۇ؟“ دېدى ئۇ ئۆز ئىچىدە،

قاراپ مەكتۇپقا سىرلىق كۆز ئۇچىدا.

”سەھەرلىك چايغا كونسۇل قىپتۇ تەكلىپ،

يەنە بۇ خەتتە شۇنچە ناز-تەكەللۇپ،

دېمەك، بۇ ئىشتا مەۋجۈت بىر مۇھىم سىر،

بىكارغا مۇنچىلىك قىلماس روبىرت شېر.“

3

روبىرت شېر كىم؟ ئۆزى بۇ نېمە ئادەم؟

قىلاي ئەمدى بايانىن سىزگە بىردەم.

كىمىكى تۇرسا قەشقەردە بىرەر ئاي،

ئاجايىپ مەنزىرە مەپتۇنى بولغاي.

كى ئۇيغۇر بىرلە ئۆزبېك، شىبە، خەنزۇ-

ۋە قىرغىز بىرلە تاجىك، مانجۇ، خۇيزۇ

يەنە موڭغۇل كەبىلەر بىر قاتاردا

ياشاپ كەلگەندىن ئۆزگە بۇ دىياردا،

يەنە ھىندى، ئەرەب ياكى ئاففان

ۋە ياكى رۇس، شۋېت ھەم ئەنگلچان-

دېگەنلەر بار ئىكەن دەپ ئاڭلىغانلار،

ئەگەرچە كۆرسىمۇ تونالمىغانلار

بۇ يەردە تاپقۇسىدۇر ھەممىسىنى،

ئايال-ئەركەك، قېرى-ياش جۈملىسىنى.

دېمەك قەشقەر-ئادەم كۆرگەزمىسىدۇر،

ئادەمزات خىللىرى نەمۇنىسىدۇر.

ئايانكى، ئۆزئارا سودا-تىجارەت

ۋە يا دوستلۇق، زىيارەت ھەم ساياھەت

قەدىمدىن بار ئۇدۇم بۇ يەر يۈزىدە،

ئەجەبلەنمەس كىشى ھەم گەپ-سۆزىدە.

ۋە لېكىن بەزىلەر بولغاچ غەرەزلىك،

تېپىپ باھانە، قىلىپ كۆپ ساختىپەزلىك،

كىشىنىڭ يۇرتىغا بىر كەلسە، قايتماي،

خوجا بولماقنى قەستلەر ھېچ ئۇيالماي.

شۇلارنىڭ بىرىدۇر بۇ ئىنگلىزلار،

تالاي ئەلنى تالاڭ قىلغان شۇ خۇنرىزلار،

نېمىشقا بولدىكىن بۇ يۇرتتا ”مېھمان“،

نېچۈن بولماس كىشى بۇ ئىشقا ھەيران!

ئۇلارنى كىم بۇ يەرگە قىلدى دەۋەت

ۋە قايسىبىر ھوقۇق بەردى ئىجازەت؟

نە بىزگە قوشنىدۇر، نە يارۇ ھەمدەم،

نە ھازىر، نە ئۇزاق يىللار مۇقەددەم.

نە شۆھرەت دەۋرىدە داستانىمىز بىر،

نە ماتەم، تويدا داستىخانىمىز بىر.

يىغىپ ئېيتقاندا گەپنى بىر جۈملە:

”قېتىقمۇ ئىچمىگەن ئايدىڭدا بىللە“.

ئايانكى، بۇ قېرى مەككار جاھانگىر

ئۇزۇندىن ئويلىغاچ بىر ھىيلە-تەدبىر،

نە كۈن ئەپيۇن ئۇرۇشتا تاپتى پۇرسەت،

ۋەتەننىڭ بېشىغا سالدى پالاكەت.

شۇ كۈن باشلاپ ئۇلۇغ جۇڭخۇا ئېلىگە

سوزۇپ چاڭگال جىمى بۆرە ۋە تۈلكە،

كېسىپ تاشلاندى ئاۋمېن بىرلە شىياڭگاڭ،

نىجاسەت ئىچىدە بۇلغاندى چاڭجىياڭ.

جاھانگىرغا نېچۈك باش ئەگسە مەنچىڭ،

گومىنداڭ ئاشۇرۇپ تەزىمنى مىڭ-مىڭ،

بېرىلدى ئىمتىيازلار چەتكە مۇتلەق،

خوجايىن بولدى ھەر باسقۇنچى ئەبلەخ.

قۇرۇپ مەركەزدە قانچە خاس ساپارەت.

يەنە چوڭ-چوڭ شەھەرلەردە ۋاكالەت،

جىمى ئىشقا تىقىشتى تۇمشۇقىنى،

قەدەمدە توشقۇزۇپ ئۆز يانچۇقىنى.

يىراقتا قالمىدى شىنجاڭمۇ چەتتە،

ئىدى شۇ ئىنگلىز ھەم تۇنجى رەتتە.

ئۇلار دەسلەپ شۇ قەشقەردە شۇ چاغدا

قۇرۇپ خارجى ۋاكالەت چىنىباغدا،

نېچۈكتۇر كونسۇلىنى قىلدى ئېلان،

روبىرت شېر ئىدى شۇ مەنسەپكە قونغان.

ئۇنى ھۆرمەت يۈزىدىن دەيتتى مىستىر،

نە مىستىركى، جىمى شەيتان ئۈچۈن پىر.

راۋان سۆزلەر ئىدى تۈركىي ۋە پارسىي،

ئىمىش ئۇ ئىنگىلىزنىڭ شەرقشۇناسى.

ئەگەرچە گەپ ئېچىلسا“قەشقەرى“دىن،

قوشۇپ سۆزلەيتتى ”خاس“ نى تاشقىرىدىن.

ئۇزاق تۇرغاچ بۇ يۇرتتا قىش ۋە يازى،

ئاڭا روشەن ئىدى ئۇيغۇر مىجەزى.

جاھان قانۇنىدا كونسۇل ئۆزىچە

قىلالمايتتى مۇداخىلە ئۆز بېشىچە،

ۋە لېكىن يوق ئىدى روبېرت ئۈچۈن چەك،

قارايتتى ھەممە ئىشقا ئۆز ئىشىدەك.

مانا ئۆز ۋاقتىدا كەلدى بەگ ھاجىم،

كۈتەر دوستنى روبىرت شر ھەم مۇلايىم.

سەھەرلىك چاي ئۈچۈن داستىخان شاھانە،

تېپىپ ھەر لوقمىدا سۆزگە باھانە،

روبىرت شېر ۋەزىيەتنى قىلدى تەھلىل،

قوشۇپ ھەر نۇقتىغا بىر-ئىككى تەمسىل.

دېمەكچى: ۋەزىيەت ئۆزگەردى ھازىر،

كېيىنكى مەنزىرە ھەم بولدى زاھىر:

يېقىن كۈنلەردە شىنجاڭ تەقدىرىدە-

بولۇر زور ئۆزگىرىشلەر ئاپىرىدە.

گومىنداڭ ئۇتقۇزۇپ قويغاچ ئۇرۇشنى،

تەلەپ قىلدى ئۇرۇشنى توختىتىشنى.

بۇ پۇرسەتنى بىلىپ بىر ياخشى ئولجا،

پۈتۈشمەك مەيلىنى كۆرسەتتى غۇلجا.

ئەگەر غۇلجا ئۇرۇشتىن تارتسا قولنى،

سىياسەتتە تۇتار بىر ئۆزگە يولنى.

ماناس دەرياسىدىن ئۆتمەس قوشۇنى،

مۇزاتتىنمۇ تۆۋەن چۈشمەس قوشۇنى.

دېمەك، ئالتە شەھەر كۆرمەي تالاپەت،

قالۇر دەھشەت قىيانىدىن سالامەت.

”ۋە لېكىن،-دەپ روبىرت شېر قىلدى تەكىت،-

تېخى چوڭراق بولۇر شۇ چاغدا تەھدىت.

قازارا بىر بىتىم ئاشسا ئەمەلگە،

پۈتۈن ئارزۇيىڭىز ئۇچقۇسى يەلگە.

”بىتىم“دە ئىلىلىق مالخاينى قىرلاپ،

ياغۇر قەشقەرگىمۇ يۈزلەپ ۋە مىڭلاپ.

ئۇرۇشتا يەتمىگەن مەقسىتىگە ھەم

ئۇرۇشسىز يەتكۈسى بۇ يەردە دىلجەم.

ھېلىتىنىلا بۇزۇلدى پەيلى ئەلنىڭ،

ماڭا ھەم سىر ئەمەستۇر مەيلى ئەلنىڭ.

تۈنۈگۈن بولغان ئىش بوش گەپ ئەمەستۇر،

شۇنى ئويلاش ئۆزى ئاقىلغا بەستۇر.

تېخى بۇ گەپ بالانىڭ ئىپتىداسى،

بولۇر ئۇندىن يامانراق ئىنتىھاسى.

ئۇ چاغدا سىزگە دىشۋار، بىزگە دىشۋار،

قېنى ئېيتىڭ، بۇ ئىشقا نېمە ئىلاج بار“؟

بەگ ھاجىمۇ سىلاپ چار ساقىلىنى،

ئۇزۇن گەپلەر بىلەن چايناپ تىلىنى،

روبىرتنىڭ سۆزلىرىگە قىلدى تەھسىن،

قوشۇپ بەزەن سۆزىگە يېڭى تەلقىن.

خۇسۇسەن شۇ كۈنى ھەربىي شىتابقا

بايان قىلغان پىكىرنى قايتا-قايتا-

يەنە ئېيتتى روبىرتقا مەيۈسانە،

ئۇزۇن-قىسقا تىنىپ ئەلەمكارانە.

دېدى ئۇ ئاخىر غەم-غۇسسە بىرلە:

”بۇ ئىشنىڭ تەدبىرى سىزگە ھاۋالە.

نېمەرسە دېسىڭىز ئىمكانىڭىز بار،

ئەقىل-ئىدراك ۋە كۈچ دەرمانىڭىز بار.

نىجاتلىق چارىسى، تەدبىرى سىزدىن،

يۈرۈپ خىزمەتنى قىلماق ئىشى بىزدىن.

نېمىكى بولسا غەمدىن ئەيلەڭ ئازاد،

پاناھىڭىزدا بولغاي كۆڭلىمىز شاد“.

يەنە گەپكە چۈشۈپ شەيتان روبىرت شېر،

پىچىرلاپ دېگۈدەك كۆرسەتتى تەدبىر:

بەگ ھاجى ئاتلىنىپ مەركەزگە بارغاي،

خالايىق ئاغزىدىن شۇ ئەرزنى ئېيتقاي،

كى شىنجاڭ چوڭ رايون، كەڭرى زېمىندۇر،

ئۇنى تىزگىنلىمەك بەسى قىيىندۇر.

شۇڭا بۆلمەك كېرەك بۇ يەرنى ئۈچكە-

شىمالنى ئىككىگە، جەنۇب بىر ئۆلكە.

خۇسۇسەن ئالتە شەھەر بۇ ئىشقا ھاجەت،

شۇنى ئارزۇ قىلار پۈتكۈل جامائەت.

”شۇ چاغدا،-دېدى مىستىر مەغرۇرانە،-

نىجاتلىقتىن تاپالايسىز نىشانە.

جەنۇب ئۆز ئالدىغا بولسا ئەگەردە،

بىتىمنىڭ ئابرۇيى بولماس بۇ يەردە.

بۇ ئۆلكە باشلىقى بولماس سىزگە خاس،

قىزىل پاچاققا مۇندا جاي تېپىلماس.

يەنە قىلسام سۆزۈمگە بىر قوشۇمچە،

شتاب بىلەن كېڭەشتۇق نەچچە-نەچچە

شتابمۇ سىزگە ئېيتار بەلكى ئەتە،

بولۇڭ بۇ ئىشقا تەييار ھەر جەھەتتە.

مانا تەدبىر، ئەقىل-ئىدراك دېگەن شۇ،

سۇ كەلمەستە تۇغان تۇتماق دېگەن شۇ.

ۋە لېكىن بىلمىسۇن بۇ سىرنى سەمەن،

سۇ ئۇخلار، ئۇخلىماس ھەر چاغدا دۈشمەن“.

بەگ ھاجى جانلىنىپ ئەگدى بېشىنى،

ھاياجاندىن تۆكۈپ كۆزدىن يېشىنى.

بايان ئەيلەر يەنە ئۆز تەسىراتىن،

بۇ سۆھبەتتىن تېپىپمىش جان نىجاتىن.

ئىمىش بۇ چارە-تەدبىر بەك ئالامەت،

سۇلايمان ئۈزۈكىدەك بىر كارامەت.

ئىمىش خىزمەتكە تەييار تەن ۋە جانى،

تۆكۈلسە ئەرزىگەيمىش ھەمدە قانى.

تەشەككۇرمىش روبىرت دانالىقىغا،

”كەرەملىك“ ئىنگلىز پاشالىقىغا(!؟)

شۇ گەپلەردىن كېيىن خوشلاشتى مېھمان،

كۆزىدە بىر غۇرۇر ھېسسىي نامايان.

روبىرت قالدى يۇتۇپ سىگار ئىسىنى.

ئۇزاتقاچ كەلگۈسىنىڭ“رەئىسى“نى.

چىقىپ ھاجى كۆرەڭلەپ چىنىباغدىن،

شەھەر ياققا بۇرۇلماستىن، ياۋاغدىن-

تۇيۇقسىز ھارۋىكەشكە قىلدى پەرمان:

نەزەرباغ ئارىلاپ ھەيدەشنى چاپسان.

مانا چاڭ توزدۇرار قوش ئارغىماقلار،

جاراڭلار بوينىدا زىل قوڭغۇراقلار.

پوۋۇسكا تەۋرىنەر بۆشۈك مىسالى،

شامالدا يەلپۈنەر بەگنىڭ ساقالى.

كىيىپ يۇڭ رەختتە كەمزۇل بىرلە پەلتە،

پۇتىدا پارقىرار سېرىق بەتىنكە.

ئەتەي تىك ئولتۇرار ئۇ ياش كىشىدەك،

قېرىلىق دەردىگە بەرداش كىشىدەك.

ئەگەر باقسا كىشى سېرىق يۈزىگە،

كۆزى چۈشكەي ئۇنىڭ كۆكۈش كۆزىگە.

بېشىدا بولمىسا قەشقەرچە دوپپا،

ئۇنى بىر ئەجنەبىي دەيسىز شۇ تاپتا.

مانا ئالما،ئانار، شاپتۇل تولا باغ،

ئۆرۈكلەر سارغىيىپ پىشاي دېگەن چاغ.

سوزۇپ بوينىنى ھاجى باغقا دەرھال،

تىلىنى تامشىتىپ يۇتقان كەبى بال:

”بۇ باغنىڭ ئالمىسى گەرچە چۈچۈكتۇر،

چىشىمنى قامىتالماس ھەر نېچۈكتۇر.

بۈگۈنچە بولمىسا، ئەتە يا ئۆگۈن

بولۇر ئەلۋەتتە چىشلەپ يەيدىغان كۈن“-

دېدى ئۆز كۆڭلىدە بىر ئىشنى چەنلەپ،

قاقاقلاپ كۈلدى ھەم مەغرۇر كۆرەڭلەپ.

پوۋۇسكا كەينىدىن يۈگۈرۈيتتى بالىلار،

بۇ مەھەللە ئۈستىدە قالدى توزانلار.

چىقىپ باغدىن شۇ چاغ مەخسۇم چولاقمۇ،

”ئىسىت بۇ بەگ ھاجىمنىڭ ھارۋىسىغۇ!

ئەگەر چىقسام بۇرۇنراق ئۇچرىشاتتىم-

ۋە بەلكى باغقىمۇ تەكلىپ قىلاتتىم.

ئۆزۈمدىن ئۆتتى، كەتتى ئەمدى پۇرسەت،

بۈگۈن باسقانىكەن كۆڭلۈمنى غەپلەت“-

دېدى-دە، ھەسرىتىنى قىلدى ئاغاز،

قاۋاپ ئىتلارمۇ قوشتى ئاڭا ئاۋاز.

ئارادىن بىر كۈنى كەم ھەپتە ئۆتتى،

بەگ ھاجىمنىڭ سەپەر جابدۇقى پۈتتى،

مانا ئەتە راۋان بولماقچى يولغا،

چۈشۈپ سىجاڭ بىلەن ئايروپىلانغا.

ئىمىش بۇ ”خەلق ۋەكىلى“، قولدا نامە،

قىلۇر ئىشىنى لېكىن بەك خۇپىيانە.

سەپەردىن مەقسىتى ئاندىنمۇ مەخپىي،

ئۇنى ئېيتماس ئىدى ئەل-يۇرتقا قەتئىي.

دېمەكچى ھەممە ئىش ھەل بولدى مەخسۇس،

پەقەت بىر ئىشلا پۈتمەي قالدى“ئەپسۇس“.

كى لەيلى ياتىمىش ھازىرمۇ ھالسىز،

تېۋىپ-دوختۇرىمۇ قاپتۇ ئامالسىز.

دېمەك ھازىرچە بولماس توي خىيالى

ۋە ھەتتا بىر كېچە بولماس ۋىسالى.

شۇنى دەپ ھاجى يەيتتى ئۆز گۆشىنى،

تىپىرلاپ گاھىدا بىلمەي ھۇشىنى.

چاچار گاھى زەھەر كۆرگەن كىشىگە،

كۈلەتتى گاھىدا تەقدىر ئىشىگە.

ئاخىرى كەچ كىرىپ تاپقاندا پۇرسەت،

خاكوجاڭ بىرلە مەخپىي قىلدى سۆھبەت.

قۇرۇلدى ھىيلە ۋە نەيرەڭ توزاغى،

ئىلىنگەيمىش“رەقىب“نىڭ قول-ئاياغى.

كۈلۈشتى ئىككىسىلا تەڭ قاقاقلاپ،

تۆكۈلدى خالتىدىن تىللا جىرىڭلاپ…

************

ئۇزاتتى ساقىي، ماڭا لىق تولدۇرۇپ جام،

تاپاي مەيدىن شۇ دەم كۆڭلۈمگە ئارام.

نېتەيكىم، غەم بىلەن غەمخانەدۇرمەن،

زامانە پەيلىدىن ھەيرانەدۇرمەن.

سەككىزىنچى باپ

ئەجىلىڭنىڭ يېتىشى-قىلغان ئەيىبىڭدىن

ئەمەس، بەگ ئاكاڭنىڭ قانسىرىشىدىن…

-جۇلقۇنباي

1

ئەنە شۇنداق تاسادىپلار تۈپەيلى

تونۇلدى تېخىمۇ ئەل-يۇرتقا لەيلى.

بۇرۇن ھۆسىنى بىلەن يېگانە،

قوشۇلدى ئەمدى يۈز-يۈزلەپ پەسانە.

بىراۋلار نامىنى قوشتى قوشاققا،

بىراۋلار ناخشىنى يايدى راۋابتا.

بىراۋلار بىر كۆرۈشنى قىلسا ئارزۇ،

بىراۋلار سۆھبىتىگە قىلدى ماۋزۇ.

خۇسۇسەن قىز-جۇۋانلار قۇرسا سۆھبەت،

بۆلەك گەپلەرگە تەگمەس ئىدى نۆۋەت.

بىرى قاغار ئىدى تەقدىر ئىشىنى،

بىرى ئەسلەر ئىدى ئۆز كەچمىشىنى.

بىرى ئېيتسا جۇدالىقتىن ھېكايەت،

بىرى باشلايتتى قىسمەتتىن شىكايەت.

بىرى ئېيتتى:“تېخى ئون تۆت يېشىمدا،

جۇۋاز چۆرگىلىدى بىر ئاخشام بېشىمدا.

يىلاندەك تولغىنىپ ھۇشۇمغا كەلسەم،

بوۋامدەك بىر قېرى ياتار قېشىمدا.

ئۇ بولدى بىر مۈشۈك، مەن خۇددى چاشقان،

ئۇنىڭغا تاماشا، ماڭا تار جاھان.

نەچەن قاچتىم پاناھ ئىستەپ دادامدىن،

دادام قورقۇپ لېكىن ئۆگەي ئانامدىن،

ئۆيىدىن قوغلىغاچ زارىمغا باقماي،

يەنە كىردىم شۇ گۆرگە تېخى ئۆلمەي.

شۇ ھالدا ئۆتتى، كەتتى غۇنچە چاغىم،

سولاشتى ياشلىقىم، سارغايدى باغىم.

ئەجەب ئاجىز ئىكەنمىز بىز خوتۇن خەق،

رەھىم قىلمايدىكەن بىزگە بۇ چەرخ.“

بىرى ئېيتتى:“خوتۇن خەقنىڭ چىرايى

ئۆزىنىڭ دۈشمىنىكەن، ئەزبىرايى.

ئەگەرچە لەيلىگۈل بولغاندا بىر سەت،

ئۇنىڭغا بەلكى كەلمەس ئىدى بۇ دەرد.“

بىرى دەيتتى:“نېمىكى بولسا بولسۇن،

كېتىپتۇ بۇ شەھەردىن ھاجى مەلئۇن.

يەنە بىر چۈشكۈچە پالتا يېنىشلاپ،

كۆتەك ئارام ئالار تەشۋىشنى تاشلاپ.“

ئومۇمەن ھاجى كەتكەچ بۇ شەھەردىن،

خۇشال بولدى خالايىق بۇ خەۋەردىن…

بىراق، ھەرخىل ئىكەن ئادەم پەرزەنتى،

بۈگۈنمۇ، تا ئۇزاق ئۆتمۈش مۇقەددەم.

قاراپ باقساڭ ئۇنىڭمۇ پۇت-قولى بار،

ئېغىز، بۇرنى، قۇلاقى، ئوڭ-سولى بار.

ئۇ ھەم سۆزلەر ھەمىشە ئەلگە ئوخشاش،

سامان يېمەي، ئۇ ھەم يەر نان بىلەن ئاش

ۋە لېكىن ئىش-ئەمەل ھەم خۇي-پەيلى،

سامان يېگەن ئېشەكنىڭ خۇددى ئەينى.

نە ئىدراك، نە كۆڭۈل، نە تۇيغۇ، نە ئار،

نە ۋىجدان، ھىممىتى، نە مەستلىكى بار.

چولاق مەخسۇم شۇنىڭ دەل ئەينى بولدى،

ئۇنىڭچە ئىشنى بۇزغان لەيلى بولدى.

ئەگەر باشتا بۇ ”تەرسا، كەم ئەقىل“ قىز،

چولاقنىڭ گېپىگە كىرگەندە شەرتسىز،

شاھانە توي بىلەن تاپاتتى ئىززەت،

چولاق مەخسۇممۇ چەكمەس ئىدى ھەسرەت.

ئايانكىم، ھاجىغا تەلەي كېلىپ كاج،

ئوغۇل پەرزەنتىگە ئۇ كۆپ ئىدى مۇھتاج.

خالايىققا بۇ گەرچە سىر ئەمەستۇر،

چولاققا خۇددى شۇ ئىش بىر ھەۋەستۇر.

ئۇنىڭچە، توي بولۇپ كۈنلەردە بىر كۈن

تۇغۇلسا بىر ئوغۇل كۈندۈز ۋە يا تۈن.

ئۇ چاغدا ھاجىنىڭ ۋارىسى شەرئەن،

بولاتتى شۇ ئوغۇل نەۋرە ئاساسەن.

ئۇ چاغدا قوش كېلەتتى بەختى بىشەك،

سوقۇپ بىر چالمىدا ئىككى پاختەك.

دېمەككى، ئىشنى بۇزدى“كەم ئەقىل“قىز،

سوزۇلدى توي ئىشى ئەمدى قەرەلسىز.

ئەگەر ھاجى سالامەت قايتسا خەيرات؛

قازارا بىر بالا يۈز بەرسە، ھەيھات،

پۈتۈن ئارزۇ-ئۈمىدى بولغۇسى يەل،

تېخى ئاندىن يامانراق كۈلگۈسى ئەل…

ئەنە شۇنداق خىيال ئەزگەچ چولاقنى،

قاقاتتى ھە دېسە ناسۋال قاپاقنى.

قارايتتى يەر تېگىدىن دومسىيىپ ئۇ،

بولاتتى كۆز ئوڭى ئاندىن قاراڭغۇ.

ۋە لېكىن لەيلىگۈلگە تىك قارالماس،

گۈلايىمنىڭ قېشىدا ھەم تۇرالماس.

خىيانەت ھەر زامان چۈنكى خىيانەت،

بىگىز تەشمەي تاغارنى تۇرماس سالامەت.

ماقالمۇ بار تېخى مەنسى ئايدىن:

”ئىشتانغا چىقارغان كۆڭۈلگە تايىن.“

2

قويۇپ مەخسۇم چولاقنى ئۆز بېشىغا،

كېلەيلى ئەمدى بىز لەيلى قېشىغا.

يوقالغاندا بەگ ھاجى بۇ شەھەردىن،

قۇتۇلغاچ ھېلىچە لەيلى خەتەردىن،

تىرىلدى قايتىدىن گويا ئۈمىدى،

ئۈمىد باغىدا ئىقبالى كۈلدى.

تاراندى، يۆتكىدى ھەم ئۈستىۋاشنى،

گۈلايىممۇ بولۇپ خۇش، تۆكتى ياشنى.

شۇ بولدى باشلىنىش، جانلاندى ھەرىكەت،

ساقايدى لەيلىگۈلمۇ ئەمدى ئەلۋەت.

ساقايدى، قالدى لېكىن بىر تېرەن ئىز،

بۇ ئىزكى، ئۆچمىگەي قەلبىدە ھەرگىز.

شۇ ئىز بەردى ساۋاق، قوشتى ئەقىل-ھۇش،

ئاشۇردى ھەم غەزەپ-قەھرىنى قوش-قوش.

شۇ ئىز ئاچتى كۆزىنى، قىلدى روشەن،

تونۇتتى ھەم جاھاننى ئەمدى قىسمەن.

كى ھاجى ھەم چولاق، ھەم ساقچى چېرىك،

نېمىشقا ھەممىسى بۇ ئىشتا شېرىك.

نېمىشقا شۇنچە كۆپ زورلۇققا يول بار،

نېمىشقا خەلق ئۈچۈن بۇ كەڭ جاھان تار؟

ئەجەبكىم، بولسا ھاجى شۇنچە ئۆكتەم،

تۆكۈپ قان، ئاشسا شۇنچە ھەددىدىن ھەم،

بۇنى تەرگىگۈچى ھاكىم تېپىلماس،

نە قانۇن، نە شەرىئەت كارى بولماس!

ئاشۇ ئەندىشە ھەم تەشۋىش بىلەن قىز

ھەمىشە سىقىلاتتى ئىختىيارسىز.

گۈلايىم دەر ئىدى:“كۆڭلۈڭنى بۇزما،

خۇدا ئاسان قىلار، ئۈمىدنى ئۈزمە.

ئەجەبمەس بېشىنى يېسە سەپەردە،

ئامان بولساق كۆرەرمىز بۇ شەھەردە.

يۈرە، باغقا چىقىپ، سەيلە قىلىپ كەل،

چىمەنزار ئارىلاپ كۆڭۈل ئېچىپ كەل.

ئەنە كەلدى نىسايىم بىرلە پاتەم،

كېزىڭلار باغ ئارا، ئويناپ بىرەردەم.“

بۇ قىزلار ئىدى قوشنا ھەم قۇرداش،

بۇ يۇرتتا بىللە ئۆسكەن ھەمدە سىرداش.

بىلەتتى لەيلىگۈلنىڭ ھەممە دەردىن،

كېتىشمەيتتى ئىلاج بار كىم بۇ يەردىن.

كېلىپ قىزلار لەيلىگۈلگە يېپىشتى،

”يۈرۈڭ“ دەپ باغ تەرەپكە ئېپچىقىشتى.

قىزىپ كەتتى چىمەندە، باغدا سەيلى،

قوشۇلدى باغقا ھۆسىن سەيلى تۈپەيلى.

ئۇنتۇدى ھەممىنى لەيلىمۇ بىر دەم،

خۇسۇسەن شوخ ئىدى ئويۇنچى پاتەم.

گاھى چاخچاق قىلىپ ئۇ كۈلدۈرەتتى،

گاھى قىيداش بىلەن ناز كۆرسىتەتتى.

بۈگۈن ھەتتاكى كەم سۆز نىسايىم

قەدەمدە بىر كۈلۈپ، سۆزلەپ مۇلايىم،

ئېلىپ چىقتى دۇتارنى، باشلىدى ساز،

غەزەل ياڭراپ، قىلار ھەر ياندا پەرۋاز.

كېلىشتى قوشنا قىزلار بۇنى ئاڭلاپ،

قىزىتتى بەزمىنى داپمۇ داراڭلاپ.

ئۇسۇلغا چۈشتى پاتەم كېپىنەكتەك،

چىرايى ئېچىلىپ بىر گۈل-چېچەكتەك.

قوشۇلدى يەنە بىر قىز، بويى زىلۋا،

ئۈزەر بىر جۈپ بېلىق دەريادا گويا،

ئېگىلسە ئەۋرىشىم بەللەر خىرامان،

سۈزۈك كۆل يۈزىدە ئەكسى نامايان.

شۇ ھالدا پىرقىراپ، بىردىنلا پاتەم

قاراپ گۈللۈككە توختاپ قالدى بىر دەم.

ياتاتتى گۈل تۈۋىدە بىر قومۇش نەي،

قومۇش نەيكىم، كۆڭۈلگە بەك تونۇش نەي.

ئېلىپ نەينى شۇئان لەيلىگە سۇندى،

ئۆزىمۇ ئولتۇرۇپ غەمخانە كۈلدى.

تاتاردى لەيلىنىڭ سولغۇن چىرايى،

تۇماندەك قالدى گويا كۆزنىڭ ئايى.

چۈشەنگەچ بىر قاراپ بۇ سىرنى شۇدەم،

ئېلىپ كۆكسىگە ياقتى نەينى مەھكەم.

ئۆتۈپ كەتكەن كەبى بىردەمدە كۆكلەم،

يەنە كىرپىكلىرىگە قوندى شەبنەم.

ئېغىر جىملىق بېسىپ باغنى، چىمەننى،

ئاجايىپ بىر سېزىم تىترەتتى تەننى.

3

قويۇپ قىزلارنى بىردەم ئۆز ئىشىغا،

يانايلى بىز كېرىملارنىڭ قېشىغا.

ئېتىپ رۇستەمگە ئوق نامەرد رويىنتەن

جېنىنى قەستلىگەندە ھىيلە بىلەن،

ئانا سۇمرۇغ قېنى رۇستەمنى قايتا-

ئېرىشتۈرگەن كەبى يېڭى ھاياتقا،

تۈمەن بويلىرىنىڭ ئابىھاۋاسى،

سەھەردا سايرىغان قۇشلار ناۋاسى-

داۋا بەخش مۆجىزە بىر دورا ياڭلىغ

كېرىمگە تېز شىپا بولدى شۇ چاغلىغ

كى ئۆتمەستىن تېخى ئىككى-ئۈچ كۈن،

يەنە يەر دەسسىمەككە بولدى مۇمكىن.

دېمەك، ئىت تالىسا يىلپىزنى يۈز-يۈز،

جەسۇر يىلپىز ھامانە يەنە يىلپىز.

شۇڭا ھەر كۈن ماڭاتتى نوبېشىغا

(زامانە شاپۇرى ئوبۇل قېشىغا).

خۇداغا شۈكۈر دەپ زورەمخان ئاچام،

خۇشاللىق ياشلىرىدىن تولدۇرۇپ جام،

كېرىمگە بىر سېۋەت ئۆرۈك سۇناتتى،

ئۆزىمۇ نوبېشىغا تەڭ باراتتى.

شىپا بولغانمىكىن ئەلنىڭ دۇئاسى،

ئۈمىد قوشقانمىكىن دوستلار ۋاپاسى،

زامانە پەيلىگە نەپرەت-ئۆچىمۇ

ۋە ياكى ئىنتىقام ئالماق كۈچىمۇ.

ئوبۇل ھەم كۈنسايىن تاپاتتى قۇۋۋەت،

ۋە گەرچە ھېلىمۇ قىينار جاراھەت.

خۇسۇسەن داڭقى بار خوتەن تېۋىپى-

كېرىمگە ئاشىنا پازىل ھەبىبى،

تىرىلگەندەك بەجايىكى ئىبىن سىنا

ھۈنەردە مۆجىزە كۆرسەتتى گويا.

يەنە مەرھۇم مۇئەللىم قويغان كۆچەتلەر:

غېنى، قاسىم، مۇھەممەد ھەم سەمەتلەر

يىراق كەتمەس ئىدى بۇ ئۆيدىن ئەسلا،

مىسالى شامئىگە پەرۋانە شەيدا.

شۇ ھالدا ئۆتكىنىدە ھەپتە-ئون كۈن

ئوبۇل قوشتى پاراڭغا يېڭى مەزمۇن،

دېمەكچى:ھاجى كەتسە، كەلمىكى بار،

يەنە نەيرەڭ-تۇزاق ۋە ئىلمىكى بار.

بۇ پۇرسەتنى غەنىيمەت تۇتماق ئەۋزەل،

تۆمۈرنى قىزىقىدا سوقماق ئەۋزەل.

كېلىپ قالغۇنچە ئۇ مەلئۇن سەپەردىن،

كېرىملار كەتمىكى لازىم شەھەردىن.

قوشۇلدى بۇ پىكىرگە ھەممىسى تەڭ،

كېرىملار ئېتىراز بىلدۈردى شەخسەن.

دېدىكىم:“ئەي قەدىردان جان كۆيەر دوست،

جاھاندا تەڭدىشى كەم غەمگۈزار دوست،

سېنى تاشلاپ نېچۈك مۇندىن كېتەرمەن،

سېنىڭسىز مەن نېمە جاھان كۆرەرمەن!“

لېكىن ھەممە يەنە تەكرار ۋە تەكرار

ئوبۇلنىڭ پىكرىنى قىلغاچقا ئىزھار،

ئاخىرى بولدى كەتمەكلىك قارارى،

يېقىندا ئەيلىگەي بۇ ئىشنى جارى.

بۇ گەپكە گەپ قوشۇپ پازىل ھەبىبى

دېدى:“بار ھەر كىشىنىڭ بىر نېسىۋى.

ئەگەر بۇ ئىشتا تاپساق توغرا تەدبىر،

بۇ دورەم كاجمۇ كەلمەس بەلكى تەقدىر.“

بىراق، قانچە تېپىلسا چارە-تەدبىر،

ئىلاج قانچە ئەگەر كاج كەلسە تەقدىر.

پەلەك چەرخى ئەزەلدىن شۇنچە تەتۈر،

نېچۈك ئايلانسا گويا چېكى يوقتۇر.

مانا قىلدى يەنە نامەردلىكنى،

نە نامەردكى، تولا بىدادلىقنى.

كېرىم قايتار ئىكەن ئۆيگە زاۋالدا،

تەرەپ-تۇشتىن شەھەر قالدى قامالدا.

پۈتۈن يوللار ئېتىك، ۋەھىمە-تەشۋىش،

شەھەردە ھەربىي ھالەت باشلىغانمىش.

پالاقلاپ ساقچى، چېرىك ھەر قاياققا،

ئېلىندى يۈزلىگەن ئادەم قاماققا.

جۇدا بولدى بىراۋلار ئاتىسىدىن،

بىراۋلار يا ئىنى، يا ئاغىسىدىن.

بىراۋنىڭ سۆيگىنى ئىزسىز يوقالدى،

بىراۋ جان باغرىدىن ئايرىلدى، قالدى.

يىگىتنىڭ ئورنى بوش قالدى تۆشەكتە،

كېلىن يىغلار ئىدى يۇم-يۇم روجەكتە.

كېچىچە تىنمىدى ئۆي-ئۆيدە تىنتىش،

كىشى كۆرمەس مۇنىڭدەك ۋەھىمىلىك ئىش.

سوزۇلدى ۋەھىمە تا سۈبھى دەمگە،

ئاراملىق بولمىدى ھېچبىر ئادەمگە.

كېرىممۇ شۇ كېچە يوقالدى ئىزسىز،

ئۇنىڭدىن ھېچ قەيەردە چىقمىدى ئىز.

4

شۇ دەھشەتتىن كېيىن زورەمخان ئاچام

بالام دەپ يىغلا-يىغلا ھەر سەھەر شام.

يىقىلدى بىر كۈنى ئۆرە تۇرالماي،

بۇ قايغۇ تاغىنى كۆپ كۆتۈرەلمەي.

ئۈزۈلمەي قوشنىلار كېسەلنى يوقلار،

بىرى ئەملەر، بىرى غەمخانە يىغلار.

گۈلايىممۇ كېلىپ ھەر ئىككى-ئۈچ كۈن

قاراشتى ھەم تەسەللى بەردى مەھزۇن.

شۇ ھالدا بىر كۈنى يىغلاپ زورەمخان

كۆرەي دەپ لەيلىگۈلنى قىلدى ئارمان.

نەچچە كۈندىن چولاق مەخسۇم تۈپەيلى

كېلەلمەي، قىينىلىپ يۈرگەندە لەيلى،

گۈلايىم تاپتى بۇ ئىش چارىسىنى،

ئېلىپ كەلدى مانا دىل پارىسىنى.

كۆرۈپ بۇ ئاي جامال قىزنى زورەمخان،

قوشۇلغاندەك جېنىغا يەنە بىر جان،

كۆتۈردى بېشىنى، كۆزدە تولا ياش،

كېلىپ لەيلىمۇ دەرھال بولدى قولداش.

ئۆزى سۆزگە كىرىشمەك بولدى، ئەمما

پەقەت ئېيتالمىدى بىر سۆزمۇ ھەتتا.

ئاخىرى بىر كۈمۈش ئۈزۈكنى ئالدى،

ئېلىپ قىزنىڭ قولىغا سالدى.

قۇچاقلاپ تارتتى ھەم قىزنى ئۆزىگە،

چېچىنى نەچچە رەت سۈرتتى كۆزىگە.

يۈزى تاڭدەك يورۇپ جانلاندى روشەن،

نىگاھى خوشلىشار ھەممە بىلەن تەڭ.

مىنۇت ئۆتمەي كۆزىنى يۇمدى ئاستا،

پېتىپ كەتتى قۇياشمۇ دەل شۇ ۋاقىتتا.

ئۇپۇقتا قالدى داغ، خۇددى قان داغى،

ۋاقىتسىز ئۆچتى بۇ ئۆينىڭ چىراغى.

ئىشىك يىغلار، تۈڭلۈك يىغلار، تام يىغلار،

قولۇم-قوشنا، جامائەت تامام يىغلار.

تامام يىغلار، ئېغىر ھەسرەتتە يىغلار

ئىشىتسە ھەر كىشى، ئەلۋەتتە يىغلار.

*****

ئۇزات ساقىي، پىيالە، تولدۇرۇپ مەي،

شۇنىڭ نەشئى بىلەن يېشىمنى سۈرتەي.

داۋام قىلسۇن يەنە مۇڭلۇق ھېكايەم،

يىقىلماستا مېنىڭمۇ چىراغپايەم.

توققۇزىنچى باپ

جاھاندىن كېتەر چاغدا نوشىرۋان،

بۇ سۆزلەرنى ھورمۇزغا قىلدى بايان:

دەرەخ بولسا شاھ، خەلق يىلتىز ئىرۇر،

بىل ئوغلۇم، يىلتىز بىلەن دەرەخ ئۇلغىيۇر.

ئەل كۆڭلىنى ئاغرىتما، بەرمە زەرەر،

قۇرار يىلتىزىڭ، رەنجىسە ئەل ئەگەر.

-سەئدى(”بوستان“)

1

مېنى تەنقىدلىشەر بەلكى كىتابخان،

نېمانچە مۇڭغا تولغان دەپ بۇ داستان.

ئوقۇپ قالسا يەنە كەلگۈسى ئەۋلاد،

بولۇر بەلكى تاۋى خىرە، كۆڭلى ناشاد.

بىراق قايغۇ ۋە مۇڭ مەيلىم ئەمەستۇر،

ھەمىشە مۇڭلىنىش پەيلىم ئەمەستۇر.

مېنىڭ مەيلىمچە بولسا، كۈندە كۈلسەك،

قارا تۇپراققىمۇ كۈلۈپ كۆمۈلسەك،

چېلىپ داپ، يار سەنەم ئېيتساق ھەمىشە

كى جەمشىت بەزمىنى قۇرساق ھەمىشە.

نە چارە مېنى دەۋران سالسا مۇڭغا،

تۇغۇلغان گۈل دىيارىم تولسا مۇڭغا.

نە چارە كۆرگىنىم مۇڭ، سەزگىنىم مۇڭ،

بېشىمدىن ھەم تولا ئۆتكۈزگىنىم مۇڭ.

شۇڭا داستان ئارا مۇڭ نە ئەجىبتۇر،

قەلەمگە مۇڭلىنىشمۇ بىر نەسىپتۇر.

ۋە لېكىن پايدىسىز بولماس بۇ ھەرگىز،

تۆشۈك مۇنچاقمۇ قالماس يەردە يىپسىز.

كىشىكىم ئۇنتۇماس ئۆتمۈش ئەلەمنى،

قويار كەلگۈسىگە توغرا قەدەمنى.

مانا سىزگە يەنە مۇڭلۇق ھېكايەت،

زامانە زورلۇقىدىن بىر شىكايەت:

شەھەردە شۇ كېچە بولغاندا تۇتقۇن،

خاكوجاڭ ھەددىدىن ئاشتى ۋەھشىي مەلئۇن.

گومىنداڭ چېرىكىگە باشلىدى يول،

پۈتۈن جەھلى بىلەن ماسلاشتى ئوڭ-سول.

گاھى ئات چاپتۇرۇپ، گاھى پىيادە،

كۆرەڭلەپ كەتتى ئۇ ھەددىدىن زىيادە.

كېرىمنى تۇتقىنىچە شۇ قاتاردا،

قاماققا يوللىدى ھەم ئەل ياتاردا.

قاماش ئاددىي ئەمەس ئىدى بۇ نۆۋەت،

تەقەززا ئىدى كۆپ چۈنكى ھۆكۈمەت.

ئۈرۈمچىدىن بولغان بىتىم شۇكۇھى-

تۈپەيلىدىن خەلقنىڭ ئۆستى روھى.

كۈتەتتى ئەل بىتىمىدىن ياخشى ئەخبار،

گومىنداڭ قىلماس ئىردى بۇنى ئاشكار.

ئۇرۇندى كۈننى توسماققا ئېتەككە،

شەپەرەڭدىن قېچىپ تاڭدىن كاتەككە.

ۋە لېكىن خەلق چېۋەر بولغاچ ھامانە،

بىتىم مەزمۇنىدىن تاپتى نىشانە.

مىغىلداپ يۈرسىمۇ ئۇزۇن قۇلاقلار

يەنە ھەر كۈنلۈكى تارقاپ ۋاراقلار،

گومىنداڭلار بېشىغا سالدى دەھشەت،

گويا قولدىن كېتەرمىش ھاكىمىيەت.

يىراقتا بولسىمۇ غۇلجا دېگەن شەر،

جەنۇبتا ئەڭ خەتەر يەرمىش بۇ قەشقەر.

بۇ يەردە كۆپ ئىمىش بىتىم تەرەپدار

ۋە بەلكى يوشۇرۇن باشلىقلىرى بار.

شۇڭا باشلاپ بۇ ھەربىي ھالىتىنى،

چىڭىتماق بولدى تاجۇ دۆلىتىنى.

دېمەككى، بۇ بىتىمدىن شۇنچە قورقتى،

گوياكى قىرغۇچى ياۋغا يولۇقتى.

دېمەك، ھىكمەت سۆزى بىكار ئەمەسكەن.

جىمى زالىم بولۇر قورققان دېگەن راسكەن!

قولىدا ساقچىسى، ئەسكىرى شۇنچە،

يەنە يامۇل، سولاقلار قانچە-قانچە.

يېتىشمەس ئۇ تېخى، قىلماس قانائەت،

ئىمىش چۈنكى خەلق دەھشەت ناھايەت.

ئۆزى ئەلگە قىلىپ كۆپ جەبىر بۇنياد،

دېگۈزگەي ئەلنى ئاخىر جەبىردىن داد،

يەنە ئەلگە گۇناھ-ئىللەتنى قويماق،

قاماپ-قىيناپ، ئاخىرى يەنە قىرماق-

شۇدۇر بارلىق زۇلۇم ئەھلى مىجەزى،

خۇدايا بول ئۆزۈڭ، بۇ ئىشتا قازى!

مانا ھەربىي شىتابنىڭ تۈرمىسىدە،

يېتىشمەي قالدى كامېر تۈن نىسپىدە.

قوشۇلدى ئۈستىلەپ ئۆي-ئۆيگە ئادەم،

نەپەس ئالماقمۇ مۈشكۈل بولدى شۇ دەم.

كېرىممۇ شۇ قاتارى بولدى مەھبۇس،

سېلىندى بىر كىشەن ھەم قايتا مەخسۇس.

ئۇرۇپ كىرگۈزدى گۆردەك بىر ماكانغا،

ئېغىز-بۇرنى بويالغانىدى قانغا.

بىراق سىرتتا تۆمۈر دەرۋازا قاناتى

غىچىرلاشتىن ھامانە توختىمايتتى.

ئەجەب ئوخشار ئىدى ئۇ مۇشۇ تاپتا

يوغان بىر ئەجدىھا ئاغزىغا ھەتتا.

نامايان ئىدى كۆپ پەيلىدە قەستى،

يەنە كىمگە يېتەركىن شۇ شىكەستى؟

نېمىكىن مەقسىتى، زۇلمەتتە بۇ تۈن،

يۇتۇپ كەتمەكمىكىن قەشقەرنى پۈتۈن.

ئايانكىم، ئەلگە دوختۇردا ئورۇن يوق،

كۇلۇپلاردا كىشىگە كۆپ سورۇن يوق.

لېكىن تۈرمە دېسە، بۇ يۇرتتا كۈرمىڭ،

سىغار مىڭلاپ كىشى ۋە بەلكى ئون مىڭ.

يېتەر بۇ سۆزنى قىلماق مۇندىن ئارتۇق،

بىلۈرلەر چۈنكى خەلقىم مەندىن ئارتۇق.

ئۇنىڭدىن ياخشىسى چەكمەي مالامەت،

بايان ئەيلەي ھېكايەمنى سالامەت.

كېرىم بىلمەس ئىدى نەدۇر گۇناھى،

كېچىچە ئويلىدى ھەم كۈلدى گاھى.

يا قاتىل ۋە ئوغرى، يا قاراقچى،

يا كاززاپ، مۇشتۇمزور يول توراقچى،

يا تاۋكا ئۈستىدە لۈكچەك قىمارۋاز

ۋە ياكى ھاجىدەك ۋەھشىي خوتۇنباز-

ئەمەستۇر ھېچبىرى، قولغا ئېلىندى،

پۇتىغا يەنە چوڭ كىشەن سېلىندى.

بىراق، ئۆتكەچ ئارادىن ھەپتە-ئون كۈن،

چۈشەندى ھەممە گەپنى ئاستىن-ئۈستۈن.

ئەسلىي تۈرمە دېگەندە ياتسا ئوغرى،

مانا ئەمدى ياتاركەن بولسا توغرى.

مانا كامىردىكى ئون نەچچە ئادەم،

بىرىدىن-بىرى پاك، مەسۇم ئىكەن ھەم:

بىرى روزى مۇئەللىمدەك مۇئەللىم،

بېرەركەن ئوتتۇرا مەكتەپتە تەلىم؛

بىرى شائىر-خەلقنىڭ مۇڭچىسىكەن،

ئازادلىق ھەم ئادالەت كۈيچىسىكەن؛

بىرى مۇخبىر ئىكەن، كەسپىي قەلەمكەش،

قىلۇر ئەل دەردىگە دەردىنى تەڭكەش؛

بىرى ھېيتگاھتىكى كىتابپۇرۇشكەن،

ئۇنىڭ كەسپى كىتاب ساتماق، ئوقۇشكەن؛

بىرى ئۆزبېك يىگىت، كىنو مېخانىك،

ئانا جەمەتىدىن ئۇشبۇ شەھەرلىك؛

بىرى قىرغىز، شىيەن يامۇل ئات باقارى،

گۇمانلىق دەپ تۇتۇلغان ئەل قاتارى؛

بىرى ئۆسمۈر تېخى ئون يەتتە ياشتا،

گوياكى قىزغا ئوخشار بىر قاراشتا.

ئۇدۇل كامېردا ئىش ئاندىن بۆلەكچە،

كېرىم ئالدى ساۋاق مىڭ-مىڭ ئېتەكچە.

ياتار ئۇ كامېردا يالغۇز بىرلا ئادەم،

يوچۇقتىن كۆرۈنەر چىققاندا ھەر دەم.

پۇتىدا چۈپ كىشەن، قوللاردا كويزە،

يەنە ساقچى ئاڭا تەڭلەيدۇ نەيزە.

چېچى بەلدە، چىرايى زەپىراندەك،

غورۇرى بار لېكىن بىر ئارسلاندەك.

نېمە گەپ بۇ، نېمە ئادەم بۇ مەھبۇس،

قىياپەت بەشرىدە ھەم غەيرىي بىر تۈس.

بىلىندى ئاخىرىدا ھەممىگە ئىش،

ئېتى لاۋجاڭ، ئۆزى بىر كوممۇنىستمىش.

ئۇنى: سەن كوممۇنىست، يەنئەن تەرەپدار،

يەنە سەن ئىلىلىققا ھەم مەدەتكار-

دېگەن گەپلەر بىلەن كۆپ قىينا-قىينا،

تېنىنى قىپتۇ ئاخىر قىيما-قىيما.

ئايان بولدى پەلەك كۆپ چۆرگىلىپتۇ،

گۇناھ قانۇنىمۇ كۆپ ئۆزگىرىپتۇ.

كىتاب-ژۇرنال ئوقۇشمۇ بىر گۇناھكەن،

قوشاق-ناخشا توقۇشمۇ بىر گۇناھكەن.

ۋە ھەتتا بەزمە-مەشرەپمۇ گۇناھكەن،

گۇناھكەن ھەممىسى، بەكمۇ گۇناھكەن.

كىمىكى داد دېسە، قەددى بولۇر دال،

كۆتۈرسە باشىنى كىم، بەختى پايمال.

دېمەككى، بۆرى قان ئىچسە سوراق يوق،

بىراق، قويدا“مە“دېمەككە ھوقۇق يوق،

قاراپ قويساڭ، كۆزۈڭنى ئويغۇدەكمىش،

ئېغىز ئاچساڭ، تىلىڭنى يۇلغۇدەكمىش.

دېمەككى، ھەق گېپىنى قىلسا ھەركەس،

ياتار جايى بولۇركەن تۈرمە، گەپ بەس!

لېكىن تۈرمە مىسالى بىر ئوچاقكەن،

تۆمۈرنى گاڭ قىلىشقا خويمۇ چاغكەن.

كېرىممۇ، شۇ ئوچاقتا پىشتى ئايلاپ،

پىشىلدۇردى جاپالار ئۇنى تاۋلاپ.

ئېچىلدى كۆز ئوڭى، قەلبى ئۇرۇپ جۇش،

قوشۇلدى نەپرىتىگە قەھرى قوش-قوش.

چۈشەندىكىم، ئامان بولماس بۇ باشى

خەلققە كۈلمىگۈنچە ئەرك قۇياشى.

مىسالى سارغىيار شاختا يوپۇرماق،

دەرەخنىڭ يىلتىزى گەر بولمىسا ساق.

چۈشەندى“يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس،

چېڭى چىققان بىلەنمۇ دېڭى چىقماس.“

ئۈزەر كەمپىرمۇ يىپىنى بولسا بىر تال،

قوشۇلغاندا ئۈزۈلمەس رۇستەم بىلەن زال.

جۇدالىق داغلىرى، ھىجران-پىراقلار،

يەنە قان چاچرىغان قىيناق-سوراقلار،

كۈنىدە مىڭ قېتىم ئۆلتۈرسە گەرچە،

تۇتاتتى ئۆزىنى مەردانىلارچە.

ئېشىپ ھەتتا ئىلىمگە زەۋقى-يادى،

تولۇقلاندى يەنە ھەم خەت ساۋادى.

دېمەك، تۈرمە دېگەن گەرچە قاراڭغۇ،

يېتىلدى باشقىچە ئادەم بولۇپ ئۇ.

2

كېتىپ ئۈچ ئاي دېگەندە كەلدى ھاجى،

بولالماي يەنە ئىككى بەختى-تاجى.

بىتىم ئىمزالىنىپ، بولغاچقا ئاشكار،

روبىرت شېرنىڭ پىلانى بولدى تارمار.

”ئازاد قىلماق سىياسىي مەھبۇسنى دەرھال“-

ئىدى ئون بىر بىتىمنىڭ بىرى ياققال.

ئاڭا باقماي گومىنداڭ زىتلىشاتتى،

ۋە بەلكى تۈرمىلەرنى توشقۇزاتتى.

ئاخىرى پارتلىدى شەھەردە بىر ئىش-

خالايىق قوزغىلىپ قىلدى نامايىش.

تەلەپ شۇكى:“بىتىم ئاشسۇن ئەمەلگە،

بېرىلسۇن ھەق-ھوقۇقلار مەزلۇم ئەلگە!

بوشات بارچە سىياسىي مەھبۇسنى شەرتسىز،

بۇنىڭسىز توختىماس ئەل ئەمدى ھەرگىز!“

ئادەم سىغماس ئىدى كوچا-بازارغا،

شەھەر ئەتراپىمۇ كىردى قاتارغا.

ئوبۇلمۇ بار ئىدى سەپنىڭ بېشىدا،

غېنى، قاسىم، مۇھەممەدمۇ قېشىدا.

قوشۇلدى سەپكە ھەتتا ئاقساقاللار،

تېخى بوي تارتمىغان ياش-ئۆسمە بالىلار.

قوشۇلدى قىز-جۇۋانمۇ سەپكە يۈز-يۈز،

بىرى چۈمبەل بىلەن، بىرى ئوچۇق يۈز.

شۇ كۈن ئاڭلاپ خەۋەرنى لەيلىمۇ تەڭ،

پىسەنت قىلماي چولاققا سىلكىتىپ يەڭ،

نىسايىم ھەمدە پاتەم بىرلە يەكدىل،

ئورۇن ئالدى قاتار سەپ ئىچرە ئەپچىل.

گۈلايىممۇ ئۆيىدىن چىقتى يۈگرەپ،

قىزىدىن ئەنسىرەپ، يۈز-كۆزى تەرلەپ.

چىقار سەپ كوچا-كويلاردىن قاتارلاپ،

ئەزىم دەريا كەبى بارغانچە چوڭلاپ.

شەھەرنى قاپلىدى شوئار ساداسى،

سېپىلنى تىترىتەر ئەلنىڭ نىداسى.

شىتابقا ئاقتى سەپ گويا قىياندەك،

چېرىكلەر قاچتى يول-يولدىن چاياندەك.

شىتاب دەرۋازىسى مەھكەم ئېتىلدى،

چېرىكلەرمۇ سېپىلگە چىڭ بېكىندى.

سېپىلنىڭ ئىچىدە جۈنجاڭ، سىجاڭلار،

يەنە ۋالىي بىلەن ئامبال، جۈيجاڭلار.

پۇتى كۆيگەن توخۇدەك ھەريان تىپىرلار،

بەگ ھاجى ھەممىدىن سەرسان تىپىرلار.

نېمە قىلماق كېرەك بۇ پەيتتە ئەمدى،

خەلقنىڭ غەزىپى شۇ ھالغا يەتتى.

بىتىمنى تەرك ئېتىپ، قويماي دېسە يول،

ھۆكۈمەت ئەلچىسى قويغان ئىدى قول.

كۆرۈپ ئەھۋالنى جۈنجاڭ چەكتى ۋايىم،

دېدى:“ھازىر بۇ ئىشقا يوق ئىلاجىم.

دېمەككى ۋەزىيەت قىلغاچ تەقەززا،

ھېلىچە دەخلىسىزدۇر ئۇشبۇ ئىمزا.

بۇنى بۇزماق بۈگۈن جايىز ئەمەستۇر،

كېيىنچە، دەپنە قىلماق نېمە تەستۇر.

ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇنداق بىر خەۋەر بار،

خەۋەرنىڭ مەزمۇنىدا بىر خەتەر بار:

بىتىم ئىجراسىنى قىلماققا تەپتىش.

ئۈرۈمچى شەھىردىن ئۆمەك كېلەرمىش.

ئۆمەكتە ئىلىلىقلار كۆپ بولارمىش،

تەشەببۇسكارىمۇ بەلكى شۇلارمىش.

ئەگەرچە بولمىساق بۇ ئىشتا ھۇشىيار،

قىلۇر بىزنى سىياسەت ئۈزرە تارمار.“

شۇنى ئېيتقاچ يۈزىگە چىقتى كۈلكە،

دېمەك بۆرە شۇ تاپتا بولدى تۈلكە.

شۇ بولدى بىر قارار، يۆتكەلدى پەدە،

ئورۇنداشقا تەلەپنى بەردى ۋەدە.

بۇ ۋەدە بولغۇسى ھازىرلا ئىجرا،

خەلقمۇ قىلمىغايمىش ئەمدى ماجرا.

چىقىپ ھاجى سېپىلگە شۇنى ئېلان-

قىلىش بىرلە ئۆزىمۇ بولدى ھەيران.

نېمە بۇ، چۆل بېسىپ كەلگەن قىيانمۇ؟

ۋە ياكى تەۋرىگەن دېڭىز-ئوكيانمۇ؟

شەھەردە نە قاتارلىق كۆپ ئادەم بار،

خىيال قىلماپتىكەن ئۇ بۇنى زىنھار.

خەلقتە مۇنچە كۈچ، مۇنچە جاسارەت،

تەسەۋۇر قىلمىغان مۇنچە شىجائەت.

”ئەجەبمۇ ھەددىدىن ئاشتى قەشقەرىيلەر،

بۇزۇلدى، يول ئاداشتى قەشقەرىيلەر…“

مانا شۇ قەشقەرىيلەر يەڭدى ئاخىر،

ئېچىلدى قارا دەرۋازا بىتەخىر.

بوشاندى نەچچە ئون مەھبۇس راۋانە،

كېرىمدىن يوق ئىدى لېكىن نىشانە.

ئوبۇل باشلىق يەنە يۈزلەپ تەلەپكار

شۇ ئانلا باشلىدى بۇ جەڭنى تەكرار.

بىراق، بارغانچە خەلق ئازلاپ كېتىشتى،

تولاراق ئۆيىگە تارقاپ كېتىشتى.

كى ھەر كىم ئۆزىگە قىلدى قانائەت،

يوقالغان كىشىسى چىققان سالامەت.

دېمەك، ھەركىم ئۆزىنىڭ غېمىنى يەر،

ئېرىشكەچ ئىستىكىگە ئەمدى بەس دەر.

بۇنى كۆرگەن گومىنداڭ بولدى خۇش ھال،

ئىدى بۇ كۈتمىگەن بىر غەيرىي ئەھۋال.

ئۇلارچە بۇ جاسارەت، بۇ نامايىش

ئىدى تاشتەك ئۇيۇل بىر مۇنتەزىم ئىش.

ئايان بولدى ئۇ چاغلىق ئىش ئەمەسكەن،

بۇنىڭ تەدبىرىمۇ ھېچ تەس ئەمەسكەن.

شۇڭا يىرتىپ شتاب ساختا نىقابنى،

ئۇيالماي قىلدى ئېلان بۇ خىتابنى:

ئېغىرمىش چىقمىغانلارنىڭ گۇناھى،

بولالماس ھېچنېمەرسە باشپاناھى.

ئۇلارنىڭ ئىشىنى مەركەز بىلەرمىش،

كېچىكمەستىن شىتاب ديەنباۋ بېرەرمىش.

بۇنى ئاڭلاپ خالايىق سالدى چۇقان،

نە چۇقان، پارتلىدى گوياكى ۋولقان.

بىراق، يۆتكەپ گومىنداڭ پەدىسىنى

(يىراق تاشلاپ يېپىنغان قوي تېرىسىنى)،

خەلققە قىلدى زورلۇق، ئىشلىتىپ دوق،

ئېتىلدى بەشئاتاردىن قانچىلاپ ئوق.

ئىلاج قانچە، قۇرۇق قول نېمە قىلسۇن،

رەقىبىنىڭ شۇملۇقىنى نېمە بىلسۇن.

ئاخىر تارقاپ خەلق، بوش قالدى مەيدان،

ناماز خۇپتەنگىمۇ ئېيتىلدى ئەرزان.

3

تېپىپ ئەمدى بەگ ھاجى تويغا پۇرسەت،

ئەۋەتتىن قىزغا ئەلچى سوڭغى نۆۋەت.

بولۇپ ئەلچى چولاقتىن خاتىرى جەم،

گۈلايىمغا يېپىشتى ئەمدى مەھكەم.

گاھى يۇمشاق، گاھى قاتتىق كالام-سۆز،

ئاخىر تەھدىت بىلەن بولدى تامام سۆز.

گۈلايىم تېڭىرقاپ قالدى، نە چارە؟

يۈرەكى بولدى گويا پارە-پارە.

نېمە قىلسۇن، كىمگە ئەيلىسۇن دات،

جىمى كۈتكەن ئۈمىدى بولدى بەربات.

شۇڭا، ئاخىر تۆكۈپ قانلىق يېشىنى.

”بۇ تەقدىر“ئالدىدا ئەگدى بېشىنى.

كىرىشتى ئەتە باشلاپ توي ئىشىغا،

يىقىلدى قارا تاغ لەيلى بېشىغا.

نېمە قىلماق كېرەك ئەمدى بۇ سائەت،

تامام بىتتى كۆڭۈلدە ئەمدى تاقەت.

كۆرۈندى گۈل شەپەقلەر ئىچرە زۆھرا،

كۆرۈندى رابىئە، شېرىن ۋە ئۇزرا.

دېمەكچى كەل بېرى، سەن ھەم يېنىپ كەل،

ۋاپاسى يوق جاھاندىن سەن بېزىپ كەل!

جاھان-سۆيگۈ، مۇھەببەت قەبرىسىدۇر،

پەلەك-ئىشىق ئەھلىنىڭ گۆركارچىسىدۇر.

ئۇنىڭ رەپتارىدۇر ھەر دەم يامانلىق،

كىشى كۆرمەس ئىكەن ئۇندىن ئامانلىق.

تۆرەلمەكلىك كىشىنىڭ ئۆز ئىشىمۇ،

تۇغۇلماقلىق ئۇنىڭ ئۆز خاھىشىمۇ؟

تۇغۇلماق بىرلە بولسا دەردكە دۇچار،

جاپايۇ جەبرىسى ئاندىن ئەلەمكار.

نېمە لازىم جاھان ئەمدى بۇ جانغا،

يېتىشسە كاشكى جان خىلۋەت جاھانغا.

ئامانەت ئىدى گويا تەندە جانى،

بېشىغا كەلدى تەقدىر ئىمتىھانى.

ئەنە شۇنداق ئىدى قىزنىڭ خىيالى،

كۆزىدە ياشلىرى يامغۇر مىسالى.

بىراق، ئۆتكەندە يەلپۈپ تاڭ نەسىمى،

كۆرۈندى كۆزىگە مەھبۇس كېرىمى.

ئۇنى تاشلاپ شۇ ھالدا ئۆزى تەنھا

نېچۈك خىلۋەتتە تاپقاي بىر ئارامگاھ،

ئۇنىڭسىز نە كېرەك بولسا جاھانى،

نە ھاجەت ئەمدى ئۇ خىلۋەت ماكانى!

دېدى ئۇ ئۆز-ئۆزىگە:“ماڭا ئاسان،

پەقەت بىر دەمدە ئارام تاپقۇسى جان.

لېكىن، دۈشمەن ئۆچىنى ئۇندىن ئالسا،

خۇسۇمەت خەنجىرىنى ئاڭا سالسا،

ئۇ چاغدا نېم بولار زۇلمەتتە ھالى،

بولۇر كىمگە بۇ قىسمەتنىڭ ئۇۋالى؟

چېكەي مەن مەيلى بىردەم داغى پەرياد،

نە ئارمان تۈرمىدىن ئۇ بولسا ئازاد!“

شۇنى كۆزلەپ ئاخىر قىز يازدى بىر خەت،

خېتىدە ھاجىغا قويدى ئېنىق شەرت.

تەلەپ شۇكى كېرىمنى تېز بوشاتقاي،

بۇ توي-بىر توي بولالماس ئۇ بوشانماي.

قوبۇل بولمايدىكەن بۇ شەرت مۇبادا،

”مېنى تاپسۇن كىشى بىر قەبرىگاھدا!“

****************

قىل ئەي ساقىي، قەدەھلە مېنى ئاگاھ،

جۇنۇن دەشتىدە بولدۇم تەلۋە-گۇمراھ.

يېتىپ كەلمەكتىكەن بىر شەپە تاڭدىن،

قۇتۇلسام نە ئەجىب زۇلمەت جاھاندىن.

ئونىنچى باپ

بەختلىك بول! ئەگەر بىز ئەبەدىي

ئايرىلىدىغان بولساق، ئەبەدىي ئەلۋىدا!

-بايرون

1

شۇنىڭدىن ئىككى كۈن ئۆتتى دېگەندە،

كېرىم چىقتى قاماقتىن كۈتمىگەندە.

كىرىشتە بىتۇيۇقلۇق بولسا قانداق،

چىقىشتا ھەم تاسادىپ بولدى شۇنداق.

ئاياغى چىقمىغان قىيناق-سوراقلار،

قىيىن-قىستاقتا كۆپ يېگەن تاياقلار،

گاھى قامچا، گاھى گاڭزا، گاھى ياغ،

بەدەندە قالدۇرۇپ ھەر كۈنلۈكى داغ،

ئۆتۈپ تۇرغانىدى ئايلار قاتارى،

ئېشىپ چەكتىن پەلەكنىڭ كىردىكارى…

بۈگۈن نېم بولدىكىن، بەكمۇ ئاجايىپ،

قۇتۇلدى ھەممىدىن مۇنچە تاسادىپ.

يەنە قانداق ئويۇن باشلايدىكىن چەرخ،

جاپا دەرياسىدا قىلماق ئۈچۈن غەرق.

كېرىم شۇنداق خىيالدا بىخۇدانە،

تۆمۈر دەرۋازىدىن چىققان ھامانە.

كۈتۈپ ئالدى ئۇنى ئاغا-ئىنىلەر:

ئوبۇل، قاسىم، مۇھەممەد ھەم غېنىلەر.

نىسايىمدىن يېتىلگەچ چۈنكى ئەخبار،

ئۇلار بولغانىدى گەپتىن خەۋەردار.

لېكىن بىلمەس ئىدى ئىشنىڭ تېگىنى،

خۇسۇسەن لەيلىنىڭ چىن ئىستىكىنى.

كېرىمنى قۇتقۇزۇش-بۇغۇ ئېنىق گەپ،

نىكاھقا رازىلىق زادى نېچۈك گەپ؟

شۇڭا ھەممە بۇ ئىشقا بولدى ھەيران،

كېرىم قانداق، ئوبۇل شۇنداق پەرىشان.

ئۇنىڭ ئۈستىگە قانداق تاقىتى بار،

كېرىم بولسا مۇسىبەتتىن خەۋەردار؟

شۇ ھالدا مۇڭدىشىپ ئۆتكەندە بىر چاغ،

كېرىم سورىدى:“ئانامنىڭ ھالى قانداغ؟“

”ئاناڭ ياخشى“ دېدى، ھەممە تۇرۇشتى،

”يۈرى“ دەپ ھەممىسى تەڭ يولغا چۈشتى.

ئۆيىگە بارغۇچە يول-يولدا ئادەم،

يۈزىدە بىر تەبەسسۇم، كۆزلىرى نەم.

گاھى ئېيتار مۇبارەك، گاھى غەمكىن،

تەسەللى لەۋزىدىن بېرەتتى تەسكىن.

يۈرەك تىترەر ئىدى ئەمدى بۆلەكچە،

بوراندا تىترىگەندەك لالە غۇنچە.

مانا ئۆي، بىر زامان كېرىم تۇغۇلغان،

تۇغۇلغانۇ ئۆسۈپ شۇنچە يېتىلگەن.

ئىشىكتە بىر قۇلۇپ، سەينا ئادەمسىز،

ئۇچۇپ كەتكەن كەبى قۇشلارمۇ يەمسىز.

ئوبۇل ئاچتى قۇلۇپنى، ھەممە سۈكۈتتا،

كېرىممۇ سەزدى ھالنى شۇ مىنۇتتا.

”ئانامەي“دېدى سەلدەك ئاقتى ياشى،

ئوبۇلنىڭ ئاغۇشىغا چۈشتى باشى.

شۇ چاغدا باشلىدى كىمدۇر قىرائەت،

ئېغىر بىر مۇڭ چاچار ئۆيدە تىلاۋەت.

”ئادەم ھۆل نەرسە“ دەپ ئۆتمۈشتە دانا،

ئەجەب بەرگەنىكەن ئىنسانغا مەنا.

ئەگەر پىل بولسىمۇ جىسمى بولۇر خاك،

پەلەك قىلسا ئۇنى گەر مۇنچە غەمناك.

بۈيۈك تاغمۇ بولۇر ئەلۋەتتە بەربات،

بېشىغا كەلسە شۇنچە جەبىر-بىدات.

لېكىن سەۋر-تەھەممۇل، غايىۋى ئاڭ-

بولۇركەن ئادىمىگە كۈچ ۋە دەرمان.

مانا دوستلار يەنە ئىشقا كىرىشتى،

نېمە قىلماق كېرەك دەپ كۆپ تىرىشتى.

تىرىشتى لەيلىنىڭ ھالىن بىلىشكە،

مۇناسىپ چارە-تەدبىر ئىزدىنىشكە.

2

نىسايىم كەلدى شۇ چاغ(بىزگە مەلۇم،

لېۋىدە يەنە شۇ غەمكىن تەبەسسۇم).

ئۇزاتقاچ نەي بىلەن بىر خەتنى تەمكىن،

بىرەر دەم توختىمايلا كەتتى غەمكىن.

ئىدى بۇ دىلرەبا ئاشۇ تونۇش نەي،

قەدىناس ھەمراھى كونا قومۇش نەي.

بۇ نەي كەلدى، دېمەك سىگنالى كەلدى،

تەۋەرۈكنامىسى-ئىقبالى كەلدى.

كېرىم خەتنى ئوقۇركەن قەلبى ئويناق،

قولى تىترەر ئىدى مىسلى يوپۇرماق.

سالامدىن سوڭ، خەتتە مەقسەت-ئىرادە،

مۇنۇ سۈرەت بىلەن بولغان ئىپادە.

”پەرىشاندۇر بۈگۈن، ھالىم پەرىشان،

خېتىمدە كۆپ بولۇر ھەم ئەيبۇ نۇقسان،

قولۇم تىترەپ، قەلەم ماڭماس راۋانە،

گويا جىسمىم ئىرادەمگە بىگانە.

نېچۈك مۇمكىن قەلەمدە زاھىر ئەتمەك

يۈرەك مۇڭلىرىنى ئېيتىپ تۈگەتمەك؟

پېشانەم بولمىسىدى مۇنچە شورلۇق،

جېنىڭغا يەتمەس ئىردى شۇنچە خورلۇق.

ساڭا يەتكەن ئەلەمنى ئويلىسام مەن،

مېنى ئەيلەر بۇ ھەسرەت تېغى يەكسان.

قېشىڭدا ئولتۇرۇپ كاشكى بىرەر دەم،

سېنىڭ يالغۇزلۇقۇڭغا بولسام ھەمدەم.

ئاياغىڭغا قويۇپ كاشكى بېشىمنى،

يولۇڭغا سۇ قىلىپ سەپسەم يېشىمنى.

قىلىپ يىڭنە يەنە كىرپىك دېگەننى،

چىقارسام پۇتلىرىڭدىن شۇم تىكەننى.

چېچىمنى كۆرپە قىلسام ھەر سەھەر-شام،

بىرەردەم ئولتۇرۇپ سەن ئالساڭ ئارام.

لېۋىم بولسا ساڭا ياقۇت پىيالە،

ئىچۈرسەم شەربىتىمنى بارە-بارە.

نېتەيكىم، كاج پەلەك قىلدى زەبۇن ھال،

ئېلىپتەك قامىتىمنى قىلدى بىر دال.

ساڭا سالسا زامان تۆمۈر كىشەنلەر،

مېنى بىر يىپ بىلەن باغلاپ كىشەنلەر.

سېنى تۈرمە ئىچىدە قىلسا مەھبۇس،

مېنى تۆت تام بىلەن ساقلايدۇ مەخسۇس.

كۆزۈمگە سانجىلىپ ھەر كۈنلۈكى مىخ،

چولاق مەخسۇم جېنىمغا بولدى بىر زىخ.

ئۇنى ئاز دەپ، ئىشىك ئالدىدا ھۇشيار

نېچۈكتۇر ئادىمىيلەر مېنى پايلار.

ئانام بىچارىنىڭ ھالىن سورىساڭ،

كۆزى ياشلىق، ئۆزى غەم ئىچرە سەرسان.

نېمىكى بولسا سەن ئەركىن نەپەس سەن،

مېنىڭدەك ناتىۋان مەزلۇم ئەمەس سەن،

ۋە ھەتتا ئەرلىكىڭ ھەم قولدا ئەركىڭ،

مېنىڭدىن ئۆزگىنى تاپماققا ئەركىن.

مېنىڭچۇ؟ قىز تۇغۇلغان شۇ گۇناھىم،

نە ئەركىم، نە كۈچۈم باردۇر، خۇدايىم!

كىيىكمۇ ياخشىراق مەن بىنەۋادىن،

قېچىشقا ئەركى بار چۆلدە بالادىن.

مانا يىرتقۇچ ماڭا سالماقتا چاڭگال،

نېتەيكىم، يوق ماڭا مۆكمەككە جاڭگال.

دېمەك، بوران سوقۇپ گۈل-غۇنچىمىزنى،

ئۆمۈرلۈك ئايرىغان ئوخشايدۇ بىزنى.

لېكىن سەنسىز ماڭا جاھان كېرەكمەس،

جاھانىم نېمە ئۇ، بۇ جان كېرەكمەس.

نېچۈك دۇنياغا پاك كەلسەم، كېتەي پاك.

تېنىم تاكى لەھەتتە بولغۇچە خاك.

ئەجەبلەنمە ئەگەر بىر تۈن ئاخشام

تۇيۇقسىز ئۆچسە بۇ ئالدىمدىكى شام.

بۇ شام ئۆچسە يەنە بىر شام تاپارسەن،

قاناتىڭنى ئاشۇ شامغا ياقارسەن.

ئۈمىد شۇكى، بېغىڭدا كۈلسە غۇنچە،

مېنى ھەم ئەسكە ئېپ قوي ئانچە-مۇنچە…“

ئوقۇپ خەتنى كېرىم نەچچە ۋە نەچچە،

چىرايى تاتىرىپ كەتتى بۆلەكچە.

كۆزى تورلاشتى ۋە كەتتى مادارى،

ئۈزۈلدى قەلبنىڭ گوياكى تارى.

بېرىپ خەتنى ئوبۇلغا، كۆزنى يۇمدى،

خىيال دەرياسىغا شۇڭغۇدى، چۆمدى.

ئوبۇل جىم، ئۆيمۇ جىم، چوڭقۇر سۈكۈنات،

كۆڭۈلنى ئەزگۈدەك بىر غەيرىي ھالەت.

لېكىن دەرھال يىغىپ ھۇشىنى يەكدىل،

كېرىممۇ يازدى بىر خەتنى ئەپچىل.

ئوبۇل شۇئان تېپىپ كەلدى سەمەتنى،

نىسايىمغا بېرىپ كەل دېدى خەتنى.

نەزەرباغقا يۈگۈردى بالا ئويناق،

قولىدا چىڭ تۇتۇپ خەتنى،يالاڭياق.

بۇ خەت ئادىي ئىدى، ھەتتا چۇۋالچاق،

بىراق قەيسەر ئۈمىدنىڭ نۇرى پارلاق:

”سالام دىلبەر، ساڭا مەن بىنەۋادىن،

قاراڭغۇ كېچىدەك بەختى قارادىن.

باھار يامغۇرىغا چۆل قانچە تەشنا،

ئىدىم لەۋزىڭگە مەنمۇ شۇنچە تەشنا.

ئۈمىدىم تەلمۈرەر ھەر تاڭدا قانچە،

ۋىسال دەرياسىدىن گەر ئىچسە تامچە.

قاچانكىم، بىر مۇبارەك نامە كەلدى،

دېمەي بىر نامەكىم، دۇردانە كەلدى.

بېشىم كۆككە ئۇلاشتى خۇشلۇقىمدىن،

بوشاتتى پۇت-قولۇم بىھۇشلۇقۇمدىن.

بىراق خەتنى ئوقۇپ دىل پارە بولدى،

جاۋابىغا تىلىم بىچارە بولدى.

قەلەم تۇتماققىمۇ يەتمەي ماجالىم،

گويا بەزگەككە ئوخشاپ قالدى ھالىم.

سېنىڭ ئېيتقانلىرىڭنىڭ ھەممىسى راس،

مېنىڭ دەردىم ساڭا ياماق بولالماس.

بالا تاغى يىقىلسا بىر بېشىڭغا،

جاھان غەرق بولغۇدەك تۇرسا يېشىڭغا،

نە بولسا مەندە كۈچ، ئىمكان، نە ياردەم،

ئۆلۈم مىڭ ياخشىراقتۇر ماڭا بۇ دەم.

ئۇيالدىم، تەرلىدىم، چوغدەك قىزاردىم،

نادامەتتىن، نومۇستىن كۆپ بوزاردىم.

بوزاردىم ئەر تۇرۇپ ئاجىزلىقىمدىن،

بۇ تەقدىر ئالدىدا كۈچسىزلىكىمدىن.

مېنىڭ ئېرەنلىكىمگە مىڭچە لەنەت،

ئوقۇي رەھمەت ساڭا ئەلۋەتتە-ئەلۋەت.

ئوقۇي رەھمەت سېنىڭ بەرداشلىقىڭغا،

ماڭا تا بىر ئۆمۈر يولداشلىقىڭغا.

ۋاپا لەۋزىدە سەن ئىدىڭ مۇئەللىم،

ماڭا بەردىڭ يەنە بىر كەررە تەلىم.

ئىشەن دىلبەر، ئىشەن مەن بىنەۋاغا،

يىگىتلىك قەسىمىم كەتمەس ھاۋاغا.

قەسەم بىللا، تېنىمدە بولسا بۇ جان،

ساڭا چاڭگال سالالماس ۋەھشىي ھايۋان.

قەسەم بىللا سۆزۈمنىڭ يوقى خىلاپى،

قىساس خەنجىرىنىڭ بولماس غىلاپى.

مېنى پەرۋانىگە ئوخشاتما دىلدار،

كى شام ئۆچسە، چىراغنى قىلسا ئۇ يار.

نېچۈك ئاسماندا ئاي بىردۇر، قۇياش بىر،

تېنىمدە بولسا جان، جانان قاياش بىر.

سېنىڭسىز ماڭا ھەم بۇ جان كېرەكمەس،

سېنىڭدىن ئۆزگە ھېچ جانان كېرەكمەس.

ئۈمىد شۇكى، ئۈمىدنى ئۈزمە ئەي يار،

بۇ قەشقەر كېچىسىنىڭ ھەم كۈندۈزى بار!“

******

ئىلاھا، ماڭا ھەم ئۈمىدنى يار قىل،

يورۇت كۆڭلۈمنى دائىم ئۈمىدۋار قىل.

ئەگەرچە بىر قۇرۇق شاخ مەن، سەمەرىسىز،

بولاي ئەل چاكىرى، قويما نەزەرسىز.

ئون بىرىنچى باپ

دۈشمەننى بۇ دەھر زەبەردەس قىلۇر،

نەخۋەت مەيىدىن بىر نەچچە كۈن مەست قىلۇر.

غەم يېمەكى، يەتكۈزسە باشنى كۆككە،

ئاخىر يەنە يەر كەبى ئۇنى پەست قىلۇر.

-بابۇر

مەن ئادەم ئەمەس، پىچاق مەن!

-ۋوينىچ(”كۆكۈيۈن“)

1

ئوقۇپ لەيلى بۇ خەتنى چەكتى پەرياد،

دىلى ئەندىشىدىن كۆپ بولدى ناشاد.

”ئىستىكى، نېمىدەپ يازغاندىمەن خەت،

خېتىم بوپتۇ يەنە دەردىگە بىر دەرد.

سىرىم ئېيتىپ، ئۇنى قىلدىم بىئارام،

نېچۈكمۇ تىنچار ئەمدى ئۇ دىلارام؟

چېكىپ مەندىن تولا غەم-غۇسسە، تەشۋىش،

ئۆزىگە تاپمىغايدى يەنە بىر ئىش.

قىساس خەنجىرى گەرچە قولدا تەييار،

ۋە لېكىن ھاجى يىرتقۇچ بەكمۇ ھەييار.

قەدەمدە كەم ئەمەس ئۇنىڭ يۆلىكى،

زامانە شۇنىڭكى، ئامەت شۇنىڭكى.

خاتا قىلغانىكەنمەن ئەۋەتىپ خەت،

نە پايدا ئەمدى مىڭ چەكسەم نادامەت…“

شۇنى ئويلاپ، تۆكۈپ ياش مەيۈسانە،

يەنە يازدى كېرىمگە باشقا نامە.

مانا خەتنى ئېلىپ ماڭدى نىسايىم،

يەنە شۇ چېھرىسى غەمكىن مۇلايىم.

جۇغى گەرچە ئۇنىڭ بىر ئاز كىچىكرەك،

لېكىن ئۇچقۇر ئىدى ئۇ خۇددى يەلدەك.

ئۇنى قوشنا موماي باققان بالام دەپ،

ئۇ ھەم ئۆستى موماينى ئۆز ئانام دەپ.

ئەمەلدە بىر يېتىم قىزدۇر نىسايىم،

خەۋەردار ئىدى بۇ ئىشتىن گۈلايىم.

شۇڭا دائىم بولۇپ بۇ قىزغا دىلكەش،

سىلايتتى باش-كۆزىنى ئەتىگەن-كەچ.

ئۇنىڭ ئۈستىگە لەيلى بەكمۇ ئامراق،

ئۇ قىز ھەم لەيلىگۈلگە ئىدى مۇشتاق.

بىرى ئاچا، بىرى گويا سىڭىلدۇر،

بىرى بۇلبۇل، بىرى گوياكى گۈلدۇر.

ئەگەر لەيلى دېسە ئۇ جان پىدادۇر،

ئۇنىڭ دەردى بىلەن ئۇ ھەم ئادادۇر.

بېرىپ كەلگەندە قىز كېرىم قېشىغا،

ئاقار پېشانىسىدىن تەر قېشىغا.

ئېلىپ كەپتۇ كېرىمدىن يەنە بىر خەت،

ئاڭا لەيلى ھېسابسىز ئېيتتى رەھمەت.

ئوقۇپ چىققاچ بۇ خەتنى لەيلى بىر-بىر،

چىرايى نەچچە-نەچچە بولدى تەغيىر.

گاھى كۆزدە ئۈمىدتىن بىر نىشانە،

گاھى تەشۋىش بىلەن تۇتتى پىشانە.

گاھى شادلىق تاپار يۈزدە ئىپادە،

گاھى غەم-قايغۇسى ئاشار زىيادە.

دېمەك، بۇ خەت ئىچىدە غەيرىي سىر بار،

بولۇر باب ئاخىرىدا بىزگە ئاشكار…

كۆچەيلى ھازىرەنلىك باشقا گەپكە،

نەزەرباغدىن ئۇدۇل ياۋاغ تەرەپكە.

2

مانا كەڭرى، كۆتەمە، باغلىق ھويلا،

شەھەردە كۆپ زاماندىن داڭلىق ھويلا.

قاتار ئۆيلەر بىلەن ئايۋان، پېشايۋان،

ئىشىك، تۈۋرۈكلىرىدە نەقىش نامايان.

يېرىم تۈن بىرلە ھويلا تىلغا كىردى،

ئادەملەر ھەر قايان سەرسان يۈگۈردى.

ئېسىلدى نەچچە-نەچچە يەرگە قازانلار،

يېقىلدى ھەم توقاچ، شىرمانى نانلار.

پالان بايۇ-پوكۇن بەگلەر، ئىماملار،

يەنە بايۋەچچىلەر، موللا-ئىشانلار،

يەنە كىملەر ۋە كىملەر دىل كۇشادە-

كېلىشتى گاھى ئاتلىق، گاھى پىيادە.

تولۇپ كەتتى ئادەمگە ھەممە خانە،

يېيىلدى داستىخانلار ھەم شاھانە.

شۇ خىلدا باشلىنىپ كەتتى بۇ مەرىكە،

بەگ ھاجى ھەم“يىگىت“، ھەم بولدى سەركە.

پېشايۋاندا تۇرۇپ، سىلاپ ساقالىن،

ئىلىك ئالغاندا ھەر مېھمان سالامىن،

ئېگەر سەل-پەل بېشىنى گاھى-گاھى،

كۈلەر ھەم گاھىدا مەغرۇر سىپايى.

دېمەككى، چۆرگىلەپ بۇ چەرخى گەردۇن،

بەگ ھاجىنى بۈگۈن كۆپ قىلدى مەمنۇن.

دېمەككى، دېگىنىنى قىلدى ھاجى،

نېمە قىلسا ئۇنىڭ بارمىش ئىلاجى.

شۇڭا، ئاشتى غورۇرى يەنە قات-قات،

ئەمەسمىش ھەر نېچۈك ھەرىكەت ئاڭا يات.

ئاقارغاندا ساقال، ئەلدىن ئۇيالماي،

ئۇيالماقلىق نېمە، ھېچ كۆزگە ئىلماي،

قىلۇر توي ياش يىگىتلەردەك كارامەت،

بۇ گەرچە بولسىمۇ بىر غەيرىي ئادەت.

بۇ ھويلا ئارقىسى بىر خاس ھەرەمدۇر،

ئۇنىڭدا ئىككى خانىم نامەھرەمدۇر.

ئۇلار كۈندەش بولۇپ، دائىم يۇتۇپ قان،

ئۆتەتتى ئوت بىلەن سۇدەك قېرىشمان.

بۈگۈن ھەر ئىككى خاننىڭ كەيپى بەك ساز،

بىرىدىن بىرى كۆپرەك ئىدى تەنناز.

يالاشتى تۇمشۇقىنى خاتىرى جەم،

ياراشقاندەك مۈشۈك-ئىت خۇددى شۇ دەم.

لېكىن باشقا ئىدى ھەر كىمدە ئىستەك،

كى“جىننىڭ قەستى شاپتۇلدا“دېگەندەك.

چوڭ دەيتتى ئۆزىچە:“ئاھ خۇدايىم،

يېتىپتۇ ساڭا ئاخىر دەردۇ ھالىم.

يېقىپ ھەر كۈنلۈكى باغرىمغا ئاتەش،

جېنىمغا زىخ ئىدى بۇ ئۆيدە كۈندەش.

بۇ كۈندەشكە بۈگۈن كۈندەش تېپىلدى،

ئۇنىڭمۇ باغرىغا ئاتەش يېقىلدى.

ئىدىم مەنمۇ سېنىڭدەك بىر قىزىلگۈل،

بولۇرسەن سەنمۇ مەندەك ئەمدى خەس-كۈل!“

كىچىك خان باشقىچە ئويلار بۇ ئىشنى،

تىلەيتتى خۇددى شۇنداق ئىش بولۇشنى.

ئەگەر ھاجى كۆڭۈل بەرسە بۆلەككە،

ئۇ خانىممۇ يېتەر پات-پات تىلەككە.

بۇ ئۆي شۇنداق ھەمىشە خالىسا خالىي،

بولاتتى ھەر كېچە يارنىڭ ۋىسالى.

ئۇنىڭ بەختىگە قىز قويغانىدى شەرت:

بۇ ھويلا ئىچرە تۇرماق ئاڭا بىر دەرد.

نېمىكى بولسا باشقا ئۆي تۇتۇلسۇن،

بۇ كۈندەشلەر دوقىدىن ئۇ قۇتۇلسۇن.

شۇڭا، سەمەندىكى گۈلباغنى تاللاپ،

ئۆزىگە ھۇجرا قىلدى ھاجى خالاپ.

بۇنىڭدىن ھەر ئىككى خانىممۇ رازى،

ساقالنى سىلاپ ھاجىممۇ رازى.

بۇ ئىشنىڭ قىزىقى شۇكى خۇسۇسەن،

كېرىممۇ بۇ خەۋەردىن بولدى خۇرسەن.

دېمەك، ئىشنىڭ تېگىدە بىر پىلان بار،

پىلاندا كۆزلىگەن مەخپىي نىشان بار.

دېمەك، لەيلى بىكار قويماپتىكەن شەرت،

بۇ شەرتتىن چىققۇسى بىر سىررى ھىكمەت…

مانا سەمەن ئارا يىگانە بىر باغ،

ئۈزۈكنىڭ كۆزىدەك دۇردانە بىر باغ.

كىشى قىلسا ئۇنى بىردەم تاماشا،

بولۇر بىر تەسىرات كۆڭلىدە ئىنشا،

كى ئىنسان ئەمگىكى بىر مۆجىزىكەن،

جاھاننىڭ زىننىتى ئەمگەك ئىزىكەن.

مانا ئالما، ئانار، شاپتۇل، جىنەستە،

ئۈرۈك، ئەنجۈر، گىلاس، ئامۇت ۋە پىستە.

دېمەك، باغ مېۋىسى ئېيتقاندىن ئارتۇق،

ئۈزۈمزار سايىۋەن بوستاندىن ئارتۇق.

چىمەن گۈلشەنلىرى خويمۇ مۇئەتتەر،

مۇئەتتەر گۈللىرى گوياكى ئەختەر.

خۇسۇسەن كۆل بويىدا گۈلى نەركەس،

بولۇر شەيدا گۈزەل ھۆسنىگە ھەركەس.

يەنە رەئنا بىلەن مودەن ۋە جۇخار،

بىرىدىن بىرىنىڭ ھۆسنى فۇسۇنكار.

ئەنە شۇ باغ ئىچىدە بىر ئىمارەت،

ئىشىك، تورۇس، تېمى نەقىشتىن ئىبارەت.

ئىمارەت ئۈچ تەرەپتىن باغقا يانداش،

پەلەمپەيلىك پېشايۋان ئۇللىرى تاش.

تالاي باغۋەن، تالاي نەققاش، خەرەتلەر،

تالاي ئۇستا ۋە نىمكار ئەزىمەتلەر،

كۆمۈلگەندۇ قارا يەرگە قاتارى،

بۇ باغقا تەر تۆكۈپ كەتكەچ مادارى.

ئىمارەت ھۆسنىنىڭ ھەربىر جىلاسى

قىلۇر بىر كۈن مۇقەررەر خۇن دەۋاسى.

شۇ باغمۇ تاڭ بىلەن تەڭ تىلغا كىردى،

ئادەملەر ھەر قايان سەرسان يۈگۈردى.

جامائەت ئۇزىغاچ پېشىن بىلەن تەڭ،

بەگ ھاجىمۇ كېلىپ بۇ باغقا شەخسەن،

سوراشتۇردى نېچۈك دەپ مۇندا ئىشلار،

يەنە بەردى تېگىشلىك پەرمايىشلار.

سويۇلدى قانچىلاپ ئۆردەك، توخۇلار،

يەنە بىر قانچە پاقلان ۋە قويلار.

ئۇياقتا راسلىنار سەيلەر قاتارى،

بۇ ياقتا زىخ كاۋاپ، پەرمۇدە بارى.

يەنە ئاش-مانتىغا قازان ئېسىقلىق،

ساماۋارلارغا ھەم ئوتلار يېقىقلىق،

ئۈزۈمزار سايىۋەن ئاندىن بۆلەكچە،

قاتار ئۈستەل، ئورۇندۇق نەچچە-نەچچە.

سىغىشماس مېۋىلەر ئۈستەلگە گويا،

يەنە شىشە-قەدەھلەرمۇ مۇھەييا.

ئۇزۇن ئۆتمەي كېلىشتى مېھمان جانابلار،

يېغىپ كەتتى پۋۇسكا ھەم پىكاپلار.

كېلىشتى بەزىلەر ئاتلىق-سۇۋارى،

جىرىڭلار ئۆتۈكىدە تۇچ شىنۇرى.

دېمەككى، ئەھلى مەنسەپ بەرى كەلدى.

روبىرت شېر ھەم شۇنىڭ قاتارى كەلدى.

چىقىپ دەرۋازىنىڭ ئالدىغا ھەر زۇم،

كۈتەر مېھماننى ھاجى خۇش تەبەسسۇم.

شۇ خىلدا باشلىنىپ بۇ توي-زىياپەت،

داۋامى بولدى نەچچە-نەچچە سائەت.

گاھى“ گاۋشىڭ ۋە گاۋشىڭ“ باغنى قاپلار،

گاھى سازەندىلەر ئەلنەغمە باشلار.

بولۇپ خۇشۋاغ، كۈلەتتى ھەم ئەرباب،

خۇسۇسەن ھاجى كۆپ كۈلەر قاقاقلاپ.

شۇ ۋەھشىي كۈلكىنىڭ قۇربانى بۇ دەم

گۈلايىملار ئۆيىدە ھازا-ماتەم.

بۇنىڭ تەسۋىرىگە كۈچ-قۇۋۋىتىم يوق،

نە قۇۋۋەتكى، كۆڭۈلدە تاقىتىم يوق.

تېنىم تىترەر سىمابتەك لەرزە-لەرزە،

ئىرادەم ھەم ئېرىپ كەتتى بۇ لەھزە.

قەلەمنى سۈركىسەم قەغەزگە بۇ دەم،

سىياھ ئورنىغا تامدى ئابى دىيدەم.

مانا مومدەك ئېرىپ ياتقان گۈلايىم،

ئەنە باغرى كاۋاپ يىغلار نىسايىم.

ئەنە پاتەم چېغىدا كىرپىكى نەم،

سەھەر گۈل بەرگلىرىدە خۇددى شەبنەم.

قېنىكىن ئاڭا خاس بىر كۆڭلى توقلۇق،

بوۋاقتەك ھەر قاچان ئويناقى، شوخلۇق!

نېمە بۇ تويمۇ ياكى ھازا-ماتەم،

ئەقىلدىن ئازغۇدەك بوپ قالدى پاتەم.

مانا لەيلى گوياكى كۈز خازانى،

قاياققا ئېپكېتەر قىسمەت بورانى؟

ئاران ئون يەتتىگە يەتكەندە ياشى،

نېمە كۈنلەرنى كۆرمەي قالدى باشى.

نېمىكىن بۇ كېچە تەقدىر قازاسى،

ئۆلۈممۇ ياكى بىر ئىقبال رىزاسى؟

ئۈمىد-تەشۋىش ئىچىدە قىينىلار جان،

يەنە كۆز ئالدىدا دەھشەت نامايان.

قۇچاقلار، يىغلا-يىغلا ھەممىنى قىز،

قىمىرلار لەۋلىرى تىترەڭگۈ ئۈنسىز.

بۇ بەلكى بولغۇسى ئاخىرقى دىدار،

كۆرەلمەس بىر-بىرىنى ئەمدى زىنھار.

شۇ چاغ ئاستا چىقىرىپ قوللىرىدىن

جىمى تويلۇق ئۈزۈكىنى بىرمۇبىردىن.

سالار پاتەم، نىسايىملار قولىغا،

ئۆزىدە بىر ئۈزۈكلار قالدى تەنھا.

ئىدى ئۇ زورەمخاننىڭ يادىكارى،

دېمەيكىم يادىكار، پاك قەلب تۇمارى.

ئىدى ئۇ ”نېچۈك پاك كەلسەم، كېتەي پاك،

تېنىم ياكى لەھەتتە بولغۇچە خاك“-

دېگەن بىر چىن ساداقەتتىن نىشانە،

مۇھەببەت ئەھلىدىن پارلاق نەمۇنە.

گۈلايىم ھوشىدىن كەتتى شۇ دەمدە،

نە تۇيغۇ، نە سېزىم قالدى بەدەندە.

خېنىملار ئالدىرار سەمەن تەرەپكە،

قۇياشمۇ پاتتى ئاستا، چۈشتى پەسكە.

كۆچۈردى شۇ يوسۇن توينى تاراقلاپ،

پوۋۇسكا، مەپىلەر يولدا جالاقلاپ.

ئۇ كەتتى، قالدى مۇندا داغى پەرياد،

پەقەت بىرلا چولاق مەخسۇم ئىدى شاد.

3

مانا سەمەندىكى يەنە ئاشۇ باغ،

چىقىپ ئەۋجىگە بەزمە قىزىغان چاغ.

ئۇچار پەرۋانىلەر گازۋاي چىراغقا،

يېتەر كۈلكە ناۋاسى يىراق-يىراققا.

بىراۋلار مارىشار ئەنجان تېمىدىن،

بىراۋلار“تۈف“ دېدى دەرد-ئەلىمىدىن.

بىراۋلار ئېيتتى:“ئەگەرچە بولسا توقلۇق،

بۇ توقلۇقتىن چىقاركەن ھەممە شوخلۇق.“

بىراۋ ئېيتتى:“ئەمەل-مەنسەپ، پۇلى كۆپ،

پۇلى كۆپنىڭ نېمە قىلسا يولى كۆپ.“

بىراۋ ئېيتتى:“يېشى ئاتمىشتىن ئاشتى،

بىلەلمەي خۇدىنى ھەددىدىن ئاشتى.

ئۆيىدە خانلىرى بىر-بىرىدىن ئارتۇق،

يەنە قىز ئاپتىمىش بۇ قېرى تاتۇق.

بۈگۈن بولسا ئۇنىڭ بەختۇ كامالى،

بولۇر ئەتە ئۇنىڭمۇ بىر زاۋالى.“

ناماز خۇپتەن ئوقۇپ قايتقان جامائەت

ئۆتەركەن باغ يېنىدىن ئۇشبۇ سائەت.

بىرى سۆھبەتدىشىغا ئېيتتى قەلبەن

”سۇباتىلئاجىزىن“ دىن بۇنى نەقلەن:

”ئەگەر نەپسىڭ سېنىڭ يەتمىش يېشىڭدىن،

نە بولغاي پايدىسى يەتمىش يېشىڭدىن.

ئەگەر نەپسىڭ مۇرادىن ئىزدىسەڭ سەن،

ئەگەر سەكسەنگە ئۆمرۈك يەتسە سەكسەن.“

شۇ ھالدا ئەل يېتىپ بولغاندا بىر چاغ،

كېتىشتى ھەممە مېھمان كەيپلىرى چاغ.

روبىرت شېر ھەم ئىشىك ئالدىدا توختاپ،

قۇلاققا نېمىدۇر ئېيتقاچ پىچىرلاپ،

قاقاقلاپ كۈلدى ھاجى مەستۇ مەغرۇر،

قۇچاقلاپ ئالدى ھەتتا ”دوست“نى مەسرۇر.

مانا گۈلدەك بېزەكلىك خالىي ھۇجرا،

بۇ ھۇجرا ئىچرە قىزغا يەڭگە ھەمراھ.

يوغان ئۈستەلدە خىل-خىل نازۇنېمەت،

قىلار يەڭگە نېچۈكتۇر ۋەز-نەسىھەت.

يېنىچە ئولتۇرۇپ قىز كۆزىن ئۈزمەس-

دېرىزە ئۈزرە باغدىن بىردەم ۋە بىر پەس.

گويا تىلسىز ئىدى قىز ھەمدە ساڭرۇ،

كۆزىگە ھۇجرىمۇ گۆردەك قاراڭغۇ.

قاچانكى توختىغاچ باغدا تاماشا،

دېدى لەيلى: “ ئىسسىپ كەتتى خاناچا!“

بۇنى ئاڭلاپ سۆيۈندى، كۈلدى يەڭگە،

دېمەككى، گاچا قىزمۇ كىردى تىلگە.

شۇڭا دەرھال ئېچىلدى چوڭ دېرىزە،

شامالدا يەلپۈنەر ھال شايى پەردە.

ئۆچۈپ گازۋاي چىراغ، قونغاندا زۇلمەت،

قانات يايغاندا باغدا بىر سۈكۈنات.

چىقىپ گۈللۈك ئىچىدىن ئىككى ئادەم،

دېرىزە تۈۋىگە جىم چۆكتى شۇ دەم.

بىرى بەستىلىك، بىرى ئۇندىن قاۋۇلراق،

قولىدا خەنجىرى، كۆڭنەكلىرى ئاق.

بەگ ھاجىمۇ خۇشال، مەغرۇر خىرامان-

قەدەم قويغانىدى دەھلىزگە شۇئان.

كۈتۈپ ئالدى ئۇنى دەھلىزگە يەڭگە،

شاراقلاپ ئالقىنىدا نەچچە تەڭگە.

يېپىلغاچ ھۇجرىنىڭ باغداد ئىشىكى،

دۈپۈلدەپ كەتتى ھەم قىزنىڭ يۈرىكى.

قىيا باقتى ئىشىككە كۆز ئۇچىدا،

پىچاق تۇتقان قولى رومال ئىچىدە.

پىلىلداپ نۇر چاچار ئۈستەلدە لامپا،

بەگ ھاجى سايىسىمۇ چۈشتى تامغا.

كۈلۈپ ھاجى يېقىن كەلگەندە ھامانە،

ئېتىلدى ئىككى شىر غەزەپكارانە.

كېرىم گالدىن سىقىپ، يەرگە يىقىتتى،

غېنى ئاغزىغا دەرھال پاختا تىقتى.

قولىنى باغلىدى بەلباغ بىلەن چىڭ،

دىرىلدەر ھاجى ئىتتەك يەردە مىڭ-مىڭ.

پىچاقلار يالتىراپ كەتكەندە شۇ ئان،

ئېسىلدى قىز كېرىمگە ھەم پەرىشان.

دېدى:“ئاللا ئۆزى تارتسۇن جازاغا،

ئانام بىچارىنى قويماڭ بالاغا!“

كېرىم“خەپ“ دەپ ساقالدىن تۇتقىنىچە،

كېسىۋالدى ساقالنى ئىڭىكىگىچە.

ئۇنى نەپرەت بىلەن ئىرغىتتى يەرگە،

ئۆزىمۇ چۆمدى دەھشەت قارا تەرگە.

تامام ھۇشسىز ياتار ھاجى تىنىقسىز،

چىراغمۇ ئۆچتى، قالدى ئۆي يورۇقسىز.

ئۈچەيلەن چىقتى باغقا، باغ قاراڭغۇ،

نە باغكى، ھەممە ياق شۇنداق قاراڭغۇ،

ئوبۇل تەييار ئىدى ئۆتەر يولىدا،

تۈرۈلگەن يەڭلىرى خەنجەر قولىدا.

شۇ ھالدا كېلىشىپ سۈڭگۈچ قېشىغا،

چىقار چاغدا شۇ يەردىن باغ تېشىغا،

ئوبۇل سەكرەپ لاپاسقا چىقتى چاققان،

لاۋۇلداپ ئوت-خەشەكمۇ ياندى شۇئان.

چىقىپ كەتتى ئۇلار باغدىن سالامەت،

ۋە لېكىن ھەممە ياق بىر ۋەھشىي زۇلمەت.

ئاشۇ زۇلمەت ئىچىدە خۇددى غايىب-

بولۇشقاندەك يوقالدى بەك تاسادىپ.

يوقالدى، ھېچ كۆرۈنمەس قارىسى ھەم،

بۇنىڭدەك كېچىلەر كەمدىن بولۇر كەم.

جاھان جىمجىت، گويا تىلسىز تەبىئەت،

ۋە بەلكى چۈش كۆرەر ئۇخلاپ شۇ سائەت.

پەقەت پەستە تۈمەن دەرياسى ئويغاق،

ئاقار ئۇ شارقىراپ تاشقىن ۋە قايناق.

ئاقار ئۇ تولغىنىپ، كۆپۈكلىنىپ تېز،

نېمە ئىستەيدىكىن مۇنچە سەۋرسىز.

نېمىكىن ئىستىكى، مەقسەت-مۇرادى،

قەيەركىن كۆزلىگەن نىشانى زادى!

جاھان جىمجىت گويا تىلسىز تەبىئەت،

ۋە بەلكى چۈش كۆرەر ئۇخلاپ شۇ سائەت.

لېكىن ئۆرلەپ لاپاستا، ئوتمۇ شۇئان-

باغ-ھويلا ئارىلاپ قوزغالدى چۇقان.

داراڭلاپ داس-چېلەك، باشلاندى ۋاڭ-چۇڭ،

قېقىلدى ھاجىنىڭ ئىشىكى ”دۇڭ-دۇڭ.“

ئىشىكنى ئاچمىغاچ، تاقەت قىلالماي-

ئىتتىردى، كىردى ئۆيگە يەڭگە سورىماي.

كىرىپ ھەيرەتتە قالدى، ھۇجرا تىنسىز،

ئادەم يوقتەك تامام جىمجىت تىنىقسىز.

چۆچۈپ ئارقىغا ياندى، سالدى چۇقان،

كېلىشتى نەچچە خادىم بەك پەرىشان.

يېقىپ شامنى، قاراپ ھەيران قېلىشتى،

نېمە قىلماقنى بىلمەي تىڭىرقاشتى.

بىرى دەرھال تېپىپ ئەقلىنى بىر ئاز،

بوشاتتى ھاجىنى ھەم قىلدى ئاۋاز.

سۇ كەلتۈردى، ئۇنى سەپتى يۈزىگە،

بەگ ھاجىمۇ كېلىپ شۇ چاغ ئۆزىگە،

چۆچۈپ ”ۋايداد“ دېدى ھەم قوپتى مۆڭدەپ،

خىيال قىلماس ئىدى ئۇ ”مەن تىرىك“ دەپ.

بۇ نېمە ھادىسە، يامان چۈشىمۇ؟

ۋە ياكى ئوڭىدا كۆرگەن ئىشىمۇ؟

غۇۋالاشتى كۆزى، تىترەپ ۋۇجۇدى،

ساراڭدەك ھەر تەرەپ سەرسان ئۇرۇندى،

ئۇرۇندى خۇددى بىر يارىدار قاۋاندەك،

ۋە يا بەلدىن ئۈزۈلگەن بىر يىلاندەك.

چۆچۈپ ”ۋايداد“ دېدى، قېنى ساقالى،

زاۋالغا ماڭدىمۇ شۆھرەت كامالى؟

تىرىك ئۆلدى دېگەن شۇ، ئاھ پالاكەت،

خالايىققا نېچۈك بولغاي مالاقەت؟

ئۇنىڭدىن ئۆلگىنى مىڭ ئىدى خوپراق،

قاراڭغۇ گۆردە تەننى ياپسا تۇپراق!

چۆچۈپ“ۋايداد“ دېدى، تولغاندى ھەر-ھەر،

قېنى لەيلى، قېنى ئۇ ئولجا گۆھەر؟

نېمە بۇ مۇنچە دەھشەتلىك پالاكەت،

ئۆيىگە ئوت قويۇپ، بەرسە تالاپەت.

كىم ئۇ مۇنچە قارام، بەڭۋاش ۋە تەرسا،

بەگ ھاجى شۆھرىتىنى يەرگە ئۇرسا!

قېنىكىن يۆلىكى سىجاڭ ۋە جۈنجاڭ،

قېنىكىن يانتاياق بولغاچ خا كوجاڭ؟

قېنىكىن دوستى ئۇ ”دانا“  روبىرت شېر،

بۇ يەڭلىغ قىلسا تەقدىر ئۇنى تەھقىر!

بەگ ھاجى ئۆيدە دادلار، سىرتتا شاۋقۇن،

تېخىچە ئۆچمىگەن لاپاستا يالقۇن.

پالىلداپ كەتتى گويا يەنە خەنجەر،

كۆرۈندى يەنە گويا ئىككى قەيسەر.

چۆچۈپ“ۋايداد“ دېدى، كەتتى ئەقىل-ھۇش،

يىقىلدى دۈم چۈشۈپ ئۇ بولدى بىھۇش.

چېپىشتى نەچچە خادىم ھەر تەرەپكە،

مىنىپ ئات ئىككىسى شەھەر تەرەپكە.

كېلىشتى ساقچىلار، كوجاڭ، جۈيجاڭلار،

يەنە ھەربىي شىتابتىن نەچچە جاڭلار.

بېرىپ بۇ ھادىسە ھەققىدە تەبىر،

كېچىچە قان يۇتۇپ ئويلاشتى تەدبىر.

بۇنى تەسۋىرلىمەك ئەمدى نە ھاجەت،

شۇنى تەكىتلىمەك بەستۇر ناھايەت-

كى دۇنيا ھەر كىشىگە بىر ئېتىز يەر،

ئۇرۇقنى ياخشى تاللا، پەم بىلەن تەر.

نېمە تەرسەڭ شۇنى ئورۇپ ئالۇرسەن،

تېرىپ ئارپا، نېچۈك بۇغداي ئالۇرسەن؟

خاتىمە

ئۆتمۈش ئۆلۈمنىڭ، كېلەچەك-سېنىڭكى.

-شېللى پېرسى

قانداقلا بولسۇن، كېلەچەك بىزنىڭكى.

-لۇشۇن

1

تۈگەپ قالدى مانا ئاخىر ھېكايە،

ۋە لېكىن ئارمىنىم كۆپ بەناھايە.

كى داستان ئاخىرى قالدى ناروشەن،

تۇماندا قالغىنىدەك خۇددى گۈلشەن.

قېنى لەيلى، كېرىم، ئوبۇل، غېنىلەر،

قاياققا كەتتى بۇ ئاغا-ئىنىلەر؟

نە بولدى ئاقىۋەت، نە كەچتى ھالى،

ئۆچۈردى نەگە قىسمەتنىڭ شامالى؟

ئېچىلماي قالدى بۇ داستاندا شۇ سىر،

گويا قالدى كىتابىم چالا تەپسىر.

نېتەيكىم، تۈن ئىدى كۈندۈزمۇ ئۇ چاغ،

يىتتۈردۈم شۇڭا ئۇ ئىزلارنى بىۋاخ.

چېكىپ بۇ يولدا گەرچە دەردۇ مېھنەت

ۋە ھەتتا گاھىدا يۈزمىڭ ئوقۇبەت.

ئېزىققان بىنەسىپ سەيياھقا ئوخشاش-

كېزىپ چۆللەر ئارا، كۆپ گاڭگىراپ باش،

قىدىردىم، تاپمىدىم ھېچ يەردە بىر ئىز،

كى قەشقەر ئاسمىنى ئىدى قۇياشسىز.

قۇياشسىز ھەم تۇمانلىق بولسا ئالەم،

نېچۈك تاپقاي بېرىپ مەنزىلنى ئادەم.

يېزىلغاچقا شۇ زۇلمەتتە كىتابىم،

زاماندىن زارلىنىش بولدى خىتابىم.

ھەمىشە ھەمراھىم بولغاچقا قايغۇ،

تۆكەر كۆز ياشىنى مىسرالىرىممۇ.

بىراق، مەڭگۈ ئەمەسكەن قارا زۇلمەت،

بولۇركەن كېچىنىڭ كۈندۈزى، ئەلۋەت!

مانا تاڭمۇ ئېتىپ، كۈلدى قۇياشمۇ،

تۈمەنمۇ كۈلدى، ئېرتىش، يورۇڭقاشمۇ.

ئېسەر گۈلشەندە ئەمدى تاڭ ساباسى،

چاڭىلدار باغ ئارا قۇش ناۋاسى.

سابا كەلدى، دېمەك ئىقبالمۇ كەلدى،

تۈگەپ ھىجران-پىراق، ۋىسالمۇ كەلدى.

نېسىپ بولسا يەنە قەشقەرنى كۆرمەك،

تۈمەن بويلىرىدا ئازادە كەزمەك،

تېپىپ لەيلى-كېرىملارنىڭ مۇقامىن،

يازارمەن، شۈبھسىز، داستان داۋامىن.

يازارمەن ئەمدى تاڭ كۈلگەن زاماننى،

شۇ تاڭنىڭ نۇرىغا چۆمگەن جاھاننى.

ئىشەنچىم ھەر زامان كامىل ۋە پاكىز،

نىيەت-ئىقبالدا پاكلىق ئاڭا بائىز.

1948-1949-يىللىرى يېزىلغان.

1979-يىلى تۈزىتلگەن.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ