بۇلبۇل بلوگى

0

قەشقەر گۈزىلىگە

206

بىر قاراپ سېھرىڭ بىلەن سەن يۆمىۋالدىڭمۇ مېنى،

ئۆرۈم-ئۆرۈم چاچلىرىڭغا ئۆرۈۋالدىڭمۇ مېنى؟

ھۆر ئىدىم چۆلدە كېيىكتەك، كۆزلىرىڭ كۆرمەستە مەن،

كىرپىكىڭنى ئوق قىلىپ سەن ئىلىۋالدىڭمۇ مېنى؟

ھېچ كېتەلمەيمەن قېشىڭدىن يۆگىلىپ قالغان كەبى،

پۇتلىرىمدىن يۆگىمەچتەك يۆگىۋالدۇڭمۇ مېنى؟

با ۋۇجۇد بولدى ئەسىر، ئەقلۇ خىيالىم بەندۇ بەند،

شۇ قارا خالىڭ ئىچىگە يۇغۇرۇۋالدىڭمۇ مېنى؟

مۈكچىيىپ قالدى بېلىم، پۇت-قوللىرىممۇ ئەۋرىشىم،

تالى مەجنۇندەك ئۆزۈڭگە ئېگىۋالدىڭمۇ مېنى؟

كەچ شەپەق كۈلگەن چېغى ناخشاڭ بىلەن بىللە قوشۇپ،

تارلىرىڭنىڭ رىشتىسىگە ئېگىرىۋالدىڭمۇ مېنى.

يا ھەرەم، يا ھۆرۇپەيكەردىن تەمەيىم قالمىدى،

تىلتۇمارىڭ قاتلىرىغا تۈگۈۋالدىڭمۇ مېنى؟

مۇپتىلالىق بولدى قىسمەت ماڭا ئەمدى بىر ئۆمۈر،

ئەي نىگار، تەقدىر قازادىن سورىۋالدىڭمۇ مېنى؟

1984-يىل 16-ئاۋغۇست، قەشقەر

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ