بۇلبۇل بلوگى

0

قېنىم

248

مەن ئۆزۈمنى قويدۇم يوقۇتۇپ….

 

گۇگۇم يارىلانغان،

قويۇق تۈكلىرى ئارىسىدىن

سىرغىپ چىقماقتا قىزىل يۇلتۇزلار.

 

يالايدۇ ھاۋا

ئەينەكتىكى قېنىمنى.

 

ھەركەتتىكى گۈل ۋە يارا.

ئاغرىق پىچاقتەك توختىدى چاقناپ

قولۇم ئەينەك كۇكۇنى ئارا.

 

جاننىڭ چاقمىقى تەندە،

قاننىڭ چاقمىقى سەندە،مەندە

تاڭنىڭ چاقمىقى دەرەختە،يەردە.

دۇنيا ۋەيرۇ-ۋەيران بىر دەمدە

غەزەپ چاقماقتەك كەلگەندە…

 

ئەقىل بىلەن بېسىپ مەجبۇرىلاپ

ئۆزىمىزنى كەلدۇق چىڭ تۇتۇپ.

ئىچىمىزدە جىمجىت كۈچ توپلاپ

قوراللانغان يەنە بىر قۇتۇپ.

غالجىرلاشقان قوتازدەك

ئەركىنلىككە چىقتىم ئۇشتۇمتۇت.

 

قېنىم راھەتلەنمەكتە

گېلەمگە تامچىلاپ ئېقىپ،

راھەتلەنگەن بىر توپ توغراقتەك

يامغۇر قەپىزىدىن چىقىپ.

 

سۇندى قىش پەسلى ئەينەكتەك سۈزۈك،

ئۈندى قولۇمدىن قىپقىزىل چېچەك.

 

مەن ئۆزۈمنى قويدۇم يوقۇتۇپ

پارچە-پۇرات تۇرمۇشتا،

نەزىر بەردىم ئىسسىق قان بىلەن

سۇ ئۈستىگە شەھەر قۇرۇشتا.

 

2004-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ