بۇلبۇل بلوگى

0

قەلبىم باھار

161

ئوت بىلەن كۆيمەكنى ئۆز جانىمغا قىلدىم ئىختىيار،

ئىختىيار قىلماس ئىدىم، ھوشۇمنى ئالدى بىر نىگار.

بىر نىگاركىم، لۇتفى ئەيلەپ تەنگە جان بەرگەن ئۆزى

ھەم يەنە خەنجەر بىلەن باغرىمنى قىلدى لالىزار.

مىڭ شۈكۈر دەيمەن بۇڭا، يوقتۇر پۇشايمانىم مېنىڭ،

كى قىزىلگۈلنىڭمۇ ھۆسنى ھەم بويى، ھەم خارى بار.

گەر تىكەنلىك دەپ گۈلىدىن كەچسە بۇلبۇل بىر نەپەس،

تاپماس ئەردى بۇ جاھاندا قاغىدەكمۇ ئېتىبار.

چىقمىغاي ھەرگىز دىلىمدىن يار سېلىپ قويغان كۆپۈك،

چۈنكى شۇ دەرد بىرلە كۆڭلۈم ھە يارا، ھەم بەختىيار.

ھېچ سىغىشماس تەنۇ جانىم ئەمدى بىدەردلىك بىلەن،

يۈرگۈچە بىدەرد ياشاپ، پەرۋانە بولماق ئىپتىخار.

مەيلى مۆلدۈر، تاش-بورانلار ياغدۇرۇپ تۇرسۇن پەلەك،

يار خىيالى بىرلە قەلبىمدە ياشار مەڭگۈ باھار.

1949-يىل 2-ئاۋغۇست، ئۈچتۇرپان

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ