بۇلبۇل بلوگى

0

قەبرىستان

438

قەبرىستاننى زىيارەت قىلىپ،
بىر-بىردىن ئارىلاپ چىقتىم.
غەپلەت باسقان خىرە قەلبىمنى،
ئۆلۈم-بىلەن دارىلاپ چىقتىم.

تۈنۈگۈنلا كۆرگەن ئاپاشنى،
ئاخىرەتكە ئۇزۇتۇپ چىقتىم.
كۆمۈپ تەنھا تۇپراق ئاستىغا،
چاڭ توزاننى توزۇتۇپ چىقتىم.

گۆر ئىچىگە قارىسام تەكشى،
باپ-باراۋەر كۈزۈتۈپ چىقتىم.
قەبرىستاننىڭ ئۈستى پەرىقلىق،
بىر خىيالنى تۈزۈتۈپ چىقتىم.

قەبرىلەرنى قاتۇرۇپ ھاكتا،
گۈل گىياھقا ئورىغاننى كۆردۈم.
ھەشەمەتتە شاھنىڭ قەسرىدەك،
بەس بەس بىلەن دورىغاننى كۆردۈم.

بەزىلەرنىڭ قەبرىسى قىڭغىر،
بىرتال كۆچەت يوقلارنى كۆردۈم.
ئۆسۈپ كەتكەن قەبرىگە يانتاق-
ياكى شىۋاق ئوتلارنى كۆردۈم.

سالاسۇنلار قويۇلغان ھەيۋەت،
بەئەينى بىر قورغاننى كۆردۈم.
ئالىملارنىڭ ئېيتىشچە دەسلەپ-
نامە-ئەمەل سورىغاننى كۆردۈم.

بۇ دۇنيانىڭ قالار رەڭلىرى،
گۆر ئىچىدىن بىر ھەقنى كۆردۈم.
ياخشى يامان ئەمەلنى ئېلىپ،
سورايدىغان بەرھەقنى كۆردۈم.

12-4-2016-كۈنى*

ئاپتورى: ئالىمجان«سەزگۈر»

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ